تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى دائىملاشتۇرۇش شارائىتىدا پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

چېن چۈەنگو ئۈرۈمچىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى دائىملاشتۇرۇش شارائىتىدا پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

5 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو ئۈرۈمچى شەھىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: چېن چۈەنگو ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى تىيانشان شىمېن پۇقرالار بازىرىدا تىجارەتچىلەر بىلەن سەمىمىي پاراڭلىشىپ، ئۇلاردىن تىجارەت ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىمەكتە.

(شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى)

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 5 - ئاينىڭ 12 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو ئۈرۈمچىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى دائىملاشتۇرۇش شارائىتىدا مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىنى پۇختا ئىگىلەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا تېخىمۇ چوڭ قەدەم تاشلاش كېرەك.

ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشتىكى نۇقتىلىق قۇرۇلۇش بولۇپ، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى (ئۈرۈمچى) يىغىلىش مەركىزى، ئۈرۈمچى كۆپ شەكىللىك بىرلەشمە تىرانسپورت مەركىزى قاتارلىق بىر تۈركۈم فۇنكسىيەلىك تۈرلەر قۇرۇپ چىقىلدى. چېن چۈەنگو قۇرۇقلۇق پورت رايونىغا كېلىپ، ئۇنىۋېرسال پورت مۇلازىمىتى، نۆۋەتچى پويىزنىڭ يىغىلىشى، يىغىپ توپلاش - يىغىپ توشۇش، ئامباردا ساقلانغان زاپاس مال قاتارلىق ئەھۋاللارنى چوڭقۇر ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئەۋزەللىكنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يىرىك پىلاننى ئىلمىي مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈر قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، قۇرۇقلۇق پورت رايونىنىڭ مال توپلاش، باغچە رايونى قۇرۇش، كەسىپلەرنى توپلاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلىش كېرەك.

ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدا، چېن چۈەنگو بىر كۈندىلىك خىمىيە سانائىتى مەھسۇلاتلىرى كارخانىسىغا كىرىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ مەھسۇلات كۆزلىمە نىشانىغا يېتىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ كارخانىنى ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىش، بازار ئېھتىياجىنى كېڭەيتىش، مەھسۇلات ئاشۇرۇشنى چىڭ كۆزلەش، تىرىشىپ ئەلالاشتۇرۇش، كۈچەيتىشكە ئىلھاملاندۇردى. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر كارخانىلارنىڭ ئېھتىياجىنى ئىگىلەپ، قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، كارخانىلارنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

پۇقرالار بازىرى، خەلققە پايدىلىق ياخشى بۇيۇملاردىن بەھرىلىنىش بازىرى، خەلققە قولاي تاۋارلار سودا بازىرىنى تەسىس قىلىپ، ھەقسىز يايما ئورنى ۋە تەكسە باھالىق تاۋارلار بىلەن تەمىنلەش ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ كۆپ يوللار ئارقىلىق قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر توپىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش، كەسىپنى، بازارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن قوللانغان بىر تۈرلۈك يېڭى تەدبىرى. بازاردا كىيىم - كېچەك، ئاياغ، باش كىيىم، كۈندىلىك تۈرلۈك ماللار، مېۋە - چېۋە، قوشۇمچە يېمەكلىك قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تولۇق ئىدى. چېن چۈەنگو تىيانشان شىمېن پۇقرالار بازىرىغا كېلىپ، باشقۇرغۇچى خادىملار، ھەر مىللەت تىجارەتچىلەر بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى، تىجارەت كىرىمى، بازارنىڭ باشقۇرۇلۇشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى پائال كېڭەيتىپ، بازار تەمىناتىنى بېيىتىپ، تىجارەت تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، سەھىيە ۋە ئوت مۇداپىئە باشقۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، خەلققە قولاي، خەلققە پايدىلىق، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان بازارلارنى تىرىشىپ بەرپا قىلىش كېرەك.

چېن چۈەنگو تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى دائىملاشتۇرۇش ئالدىنقى شەرتىدە، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقى چوڭ ۋەزىيىتىنى قەتئىي قوغداپ، تەرەققىياتتىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەش كېرەك. دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ياخشى تۇتۇپ، سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دائىملاشقان ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يولغا قويۇشتا ئۈنۈملۈك بولغان ئۇسۇللاردا چىڭ تۇرۇپ، تەستە قولغا كەلگەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۇسۇلنى ئۆزگەرتىپ، قۇرۇلمىنى تەڭشەشنى تېزلىتىپ، 1 -، 2 -، 3 - كەسىپنىڭ ماس تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. سىياسەت پايدىسىنى تولۇق قويۇپ بېرىپ، مەركەزنىڭ يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇش توغرىسىدا ئوتتۇرىغا قويغان بىر قاتار ماكرولۇق سىياسەتلىرىدىن تولۇق، جانلىق، ياخشى پايدىلىنىپ، مالىيە - پۇل مۇئامىلە، باجنى كېمەيتىش - ھەقنى تۆۋەنلىتىش، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش - ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق يۆلەش سىياسەتلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك سىياسەتلەر ياخشى ھەمتۈرتكە بولۇش، ئورتاق كۈچەش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، سىجىل تۈردە بازار ئىشەنچى، جەمئىيەت ئىشەنچى، كارخانا ئىشەنچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئىقتىسادنىڭ ھاياتىي كۈچىنى كۈچەپ قوزغىتىپ، مۇھىم، زور مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنىڭ تۈرتكىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۆپ تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىشنى ياخشى تۇتۇپ، ئەمەلىي بۇيۇم ئىستېمالى ۋە يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ئىستېمالنىڭ تېز تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، تاشقى سودىنى مۇقىملاشتۇرۇش، تاشقى مەبلەغنى مۇقىملاشتۇرۇشقا كۈچەش كېرەك. مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يۈكنى يېنىكلىتىش، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كېڭەيتىشنى تەڭ قوللىنىپ، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى پۇختا تۇتۇپ، كۆپ يوللار ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. بازار سۇبيېكتىنى سىجىل جانلاندۇرۇپ، كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق ساھە، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار ۋە يەككە سودا - سانائەتچىلەرگە ياردەم بېرىش - يۆلەش سالمىقىنى زورايتىپ، تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى تولۇق قوزغىتىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك. تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مۇلازىمەت ئۇسۇلىنى ياخشىلاپ، خىزمەت ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، كارخانىلارغا قولايلىق يارىتىپ بېرىش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن قولاي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، ئادىل مۇھىت يارىتىپ بېرىش كېرەك.

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۈ خەيرۇڭ، جاڭ چۇنلىن قاتارلىقلار بىللە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.