تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش «چوڭ ئىش»ىنى ياخشى قىلىش

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەنشىدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا قىلغان مۇھىم سۆزى يېشىل تەرەققىياتنىڭ يېڭى يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى

«تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئېقىن رايونىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئاسراشنى كۈچەيتىشنى ئېنېرگىيە ئىنقىلابىنى ئالغا سىلجىتىش، يېشىل ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئۇسۇلىنى يولغا قويۇش، ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش بىلەن بىرتۇتاش پىلانلاپ، تاغنى تۈزەش، سۇنى تۈزەش، كىلىماتنى تۈزەش، شەھەرنى تۈزەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك»

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىندا سەنشىدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا قىلغان مۇھىم سۆزى ھەرقايسى جايلاردىكى كادىرلار، ئامما ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاقنى سىستېمىلىق تۈزەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشتىن ئىبارەت «چوڭ ئىش»نى ياخشى قىلىش كېرەك.

5 - ئاينىڭ 12 - كۈنى چۈشتە، تەييۈەن شەھەر ئاھالىسى گو شياۋجۈەن فېنخې دەرياسى تەييۈەن شەھەر رايونى جىنياڭ كۆۋرۈكى بۆلىكى ئەتراپىدا چېنىقىۋاتاتتى. تەكشۈرۈشكە كەلگەن باش شۇجى شى جىنپىڭنى كۆرۈپ، ئۇ ۋە ئەتراپتىكى ئامما بىرلىكتە چۆرىدىشىپ باردى. باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسەتكەن «فېنخې دەرياسىنى تۈزەش سەنشىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئاسرىشى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماي، يەنە تەييۈەن ھەتتا سەنشىنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىشقىمۇ مۇناسىۋەتلىك» دېگەن سۆزى گو شياۋجۈەنگە ئالاھىدە تەسىر قىلدى.

«فېنخې دەرياسى مىليونلىغان سەنشىلىقلارنى بېقىپ ئۆستۈردى، بىزنىڭ <ئانا دەريا>نى ياخشى قوغداپ، ئەۋلادلىرىمىزنىمۇ بۇ يەرنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش مەسئۇلىيىتىمىز بار» دېدى گو شياۋجۈەن.

تەييۈەن شەھەرلىك 5 - ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى جاۋ شۈ يان تېلېفوندىن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەنشىگە كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولغانلىقىغا ئائىت خەۋەرلەرگە يېقىندىن دىققەت قىلدى. «مۇشۇ جايدا تۇغۇلۇپ، مۇشۇ جايدا ئۆسكەن تەييۈەنلىك بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن مۇشۇ يىللاردا تەييۈەننىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ۋە شەھەر ئۆزگىرىشلىرىگە نىسبەتەن بىۋاسىتە تەسىراتقا ئىگە.» جاۋ شۈ مۇنداق دېدى: «باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان يېڭى تەلەپ بويىچە، تەييۈەن تېخىمۇ جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە بولىدۇ. ئەمما بۇنى بىردەمدىلا تاماملىغىلى بولمايدۇ، سىجىل كۈچەپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا توغرا كېلىدۇ!»

خۇنەن يىياڭ يۈەنجياڭ شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى ياڭ جىيۇڭ بۇ مەزگىلدە ئالدىراشچىلىقتا ئۆتتى. يۈەنجياڭ شەھىرى دۇڭتىڭخۇ كۆلىنىڭ كىندىك رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، بېلىق تۇتۇشنى چەكلەشنى پۇرسەت بىلىپ، بېلىقچىلار خاس كىچىك بازىرى ۋە خاس يېزا قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىماقتا؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە تەبىئىي ئالاھىدىلىكتىن تولۇق پايدىلىنىپ، خۇجوۋ سۇلۇق يەر باغچىسى، سۈرەتكە تارتىش، قۇشلارنى تاماشا قىلىش سۇپىسى قاتارلىق جەنۇبىي دۇڭتىڭخۇ سۇلۇق يەر ئېكولوگىيەلىك ساياھەت رايونى بەرپا قىلماقتا.

«باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېقىن رايونىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئاسراشنى كۈچەيتىشنى ئېنېرگىيە ئىنقىلابىنى ئالغا سىلجىتىش، يېشىل ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئۇسۇلىنى يولغا قويۇش، ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش بىلەن بىرتۇتاش پىلانلاش كېرەك، دەپ كۆرسەتتى، بۇنىڭ بىزگە بولغان ئىلھامى ناھايىتى چوڭ.» ياڭ جىيۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: جەزمەن يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، تەبىئىي ئېكولوگىيەنى قوغداش ۋە قوغداش ئالدىنقى شەرتىدە ياخشى پايدىلىنىشنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

بامبۇكلار شامالدا تەۋرىنىپ تۇراتتى، ھەممە يەر يېشىللىققا تولغانىدى. 5 - ئايدا، جېجياڭنىڭ ئەنجى ناھىيەسى يۈسۈن كەنتىدە باش ياز بولغانىدى. 39 ياشلىق كەنت ئاھالىسى خۇ بىن ھويلىسىدا ناھايىتى ئالدىراش بولۇپ كەتتى − «1 - ماي» دەم ئېلىشتىن ھازىرغىچە، ئۇ تىجارەت قىلىۋاتقان قونالغۇ كۈندە دېگۈدەك مېھمانلار بىلەن توشۇپ كەتتى.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەنشىدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنى كۆرۈپ، خۇ بىن ئىختىيارسىز ھالدا 2000 - يىلىنىڭ ئالدى - كەينىدە كەنتتە تاغلارنى كولاپ، كان ئېچىپ، ھەممە جاينىڭ كۆرگۈسىز بولۇپ كەتكەنلىكىنى ئەسلىدى، كېيىن ھۆكۈمەتنىڭ يېتەكچىلىكىدە كانلار تاقالدى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت تەدرىجىي ئەسلىگە كەلدى، بۇنىڭ بىلەن بارغانسېرى كۆپ ساياھەتچى جەلپ قىلىندى. خۇ بىن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «<سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغ> ھەقىقەتەن ئىشىك ئالدىمىزدىكى <بايلىق>قا ئايلاندى. يېشىل تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ يول توغرا ئىكەن، بىز چوقۇم چىڭ تۇرۇپ ماڭىمىز».

ئەنخۇينىڭ خېفېي شەھىرى چاۋخۇ كۆلى ئايلانما ئېكولوگىيە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇلۇشى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى گاۋ بىنيوۋنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك» دېگەن سۆزىگە بولغان تەسىراتى ئىنتايىن چوڭقۇر.

«تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق بىر - بىرىگە بېقىنىدىغان، ئايرىلماس بىر پۈتۈن گەۋدە. كۆلنى تۈزەشتە ئاۋۋال دەريانى تۈزەش، دەريانى تۈزەشتە ئاۋۋال بۇلغىنىشنى تۈزەش، بۇلغىنىشنى تۈزەشتە ئاۋۋال مەنبەنى تۈزەش كېرەك.» گاۋ بىنيوۋ مۇنداق دېدى: «بىز ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئاسراشتىكى سىستېمىلاشقان تەپەككۇردا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چاۋخۇ كۆلىنى تۈزەشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، ئۇنى كېيىنكى قەدەمدىكى تۈزەش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۇنى ئۆستۈرۈشنىڭ مۇھىم پىرىنسىپى قىلىمىز».

5 - ئايدا، ئاپتوموبىل ھەيدەپ ئىچكى موڭغۇلنىڭ كۆكخوت شەھىرىنىڭ توقتۇ ناھىيەسىدىكى خۇاڭخې دەرياسى بويىغا بارسىڭىز، ھەممە يەرنىڭ يېشىللىققا تولغانلىقىنى كۆرىسىز.

2018 - يىلىدىن باشلاپ، توقتۇ ناھىيەسى خۇاڭخې دەريا بويى ئېكولوگىيە كارىدورى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشقا باشلىدى. ئىككى يىل قۇرۇلۇش قىلىش ئارقىلىق خۇاڭخې دەرياسى قىرغىقىدا كۆلىمى 87 مىڭ مو ئورمان بىنا قىلىش تاماملاندى، سۇ، تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشى تۆۋەنلىتىلىپ، رايون ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ياخشىلىنىپلا قالماي، يەنە باغ - ئورمان ئۆستۈرۈش راۋاجلاندۇرۇلۇش ئارقىلىق نامرات ئائىلىلەر ۋە ئادەتتىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇنۇپ، ئېكولوگىيەلىك ئۈنۈم بىلەن ئىقتىسادىي ئۈنۈمدىن ئىبارەت قوش پايدا ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

«باش شۇجى شى جىنپىڭ: <خۇاڭخې دەرياسى ئېقىن رايونىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ئاسراش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت دۆلەت ئىستراتېگىيەسىنى پۇختا يولغا قويۇش كېرەك> دەپ ئوتتۇرىغا قويدى، بىز پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئالغا سىلجىتىۋاتىمىز.» توقتۇ ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى لى چۈنيەن مۇنداق دېدى: خۇاڭخې دەرياسى بويى ئېكولوگىيە كارىدورى قۇرۇلۇشى 2022 - يىلىغىچە داۋاملىشىدۇ. شۇ ۋاقىتتا، خۇاڭخې دەرياسى ئېقىنىنىڭ توقتۇ ناھىيەسىدىن ئۆتىدىغان 37.5 كىلومېتىرلىق ئىككى قىرغىقىنىڭ مۇھىتى چوقۇم ھازىرقىدىن تېخىمۇ ياخشى بولۇپ كېتىدۇ.

ۋەنجياجەي سۇ ئىشلىرى پاي كونترول گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى چېن ئېردۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭ «يوۋيۈ روھى»نى جارى قىلدۇرۇش كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ سەنشىگىلا ئەمەس، پۈتكۈل جۇڭگونىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىمۇ مۇھىم قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. «يوۋيۈ روھى»دا نامايان قىلىنغىنى جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش، قىيىنچىلىقلارغا قارشى ئىلگىرىلەش، جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىش، بوشاشماي كۈرەش قىلىش، كەلگۈسى مەنپەئەتنى كۆزلەش. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ئاسراشتا ئەۋلادمۇئەۋلاد كىشىلەرنىڭ سىجىل تىرىشىپ، ئورتاق قۇرۇشىغا توغرا كېلىدۇ.

(قەلەم تەۋرەتكۈچى مۇخبىر: جياڭ لىن؛ قاتناشقۇچى مۇخبىرلار: ۋاڭ فېيفېي، ما شياۋيۈەن، چېڭ شىخۇا، شى ۋېييەن، ۋاڭ جىڭ، ۋېي يىجۈن)

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 13 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • جۇڭگو ساياھەت كۈنى: شىنجاڭ سايرام كۆلى مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلەرنىڭ مەدەنىي ساياھەت قىلىشىنى تەشەببۇس قىلدى
  • موڭغۇلكۈرەنىڭ مەنزىرە رايون ساياھەتچىلىكىنى تونۇشتۇرۇشتىكى يېڭى ئەندىزىسى ئالقىشلاندى
  • باقمىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش