تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتىن ئىبارەت تۈپ ۋەزىپىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى مائارىپ خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئومۇمىي يىغىن ئاچتى

دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتىن ئىبارەت تۈپ ۋەزىپىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 5 - ئاينىڭ 13 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى مائارىپ خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئومۇمىي يىغىن ئاچتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى مائارىپ خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى لى پېڭشىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مائارىپ توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى سىجىل، چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى چىڭ كۆزلەپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى قەتئىي تەۋرەنمەي كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتىن ئىبارەت تۈپ ۋەزىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، توغراق روھى ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈپ چېگرا مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەشكە مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە مائارىپ ئوقۇتۇشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردە ئەتراپلىق يېتىلگەن سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى تەربىيەلەپ، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى ياخشى باشقۇرۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: مائارىپ ساھەسىدە پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پارتىيە تەشكىلاتى رەھبەرلىكىدىكى مەكتەپ مۇدىرى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەكتەپ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ سىياسىي ئىقتىدارىنى سىجىل كۈچەيتىپ، مەكتەپنىڭ باشتىن - ئاخىر پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرىدىغان كۈچلۈك بازىغا ئايلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمىتىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى دەرسلىككە كىرگۈزۈش، دەرسخانىغا كىرگۈزۈش، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ كاللىسىغا كىرگۈزۈشنى سىجىل، چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى سىجىل چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى پائال يېتىلدۈرۈپ، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش بۇرچىنى تېخىمۇ ياخشى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىسمانىي، روھىي ساغلاملىقى، ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما، تەلەپلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە مائارىپ ئوقۇتۇش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەش كېرەك. «سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش» تەلىپى بويىچە، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىغا يۈكسەك مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى ياخشى ئادا قىلىپ، قەتئىي تۈردە تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كونكرېت ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەكتەپلەرنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلىشىدە ھېچقانداق چاتاق چىقماسلىققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مائارىپ ئوقۇتۇشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئىلمىي، بىرتۇتاش پىلانلاپ، پۇختا، تەرتىپلىك ياخشى ئىشلەپ، ئوقۇتۇش پىلانىنى تەڭشەپ، ئەلالاشتۇرۇپ، ئوقۇتۇش سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى نۇقتىلىق ھالدا ياخشى ئىشلەپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانى ۋە يازلىق تەتىلگە مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشنى ئالدىن پىلانلاپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىش كېرەك. ھەرمىللەت ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، غەمخورلۇق قىلىشنى كۈچەيتىپ، يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش، يۆلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى مائارىپ خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىلىرى ۋەزىپە - مەسئۇلىيەت، بۇرچنى توغرا ئىگىلەپ، كېڭىشىش، ماسلاشتۇرۇشتىكى بەلگىلىمە ۋە تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىش بېجىرىش ئاپپاراتلىرىنىڭ خىزمەت كۈچىنى تولۇق، كۈچلۈك سەپلەپ، ئۆز رايونىنىڭ مائارىپ توغرىسىدىكى مۇھىم، زور خىزمەتلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇرما قىلىش، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، مائارىپنىڭ «دۆلەتنىڭ زور تەدبىرى، پارتىيەنىڭ زور تەدبىرى»لىك ئورنى ۋە رولىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن مائارىپ سىستېمىسىنىڭ تېگىشلىك تۆھپىسىنى قوشۇش كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇزاكىرە قىلىندى.

ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى رېن خۇا يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى