تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

كۆپ تۆللەيدىغان قىزىل قوينىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇش مەخپىي شىفىرىنى يەشتى

لەڭگەر كەنتى:

كۆپ تۆللەيدىغان قىزىل قوينىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇش مەخپىي شىفىرىنى يەشتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ليۇ يى، چىن مېيخۇا، ليۇ يىمىڭ، نيې نىڭ

[ئاخبارات سىزمسى] 4 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، كەنت ئاھالىسى گۇما ناھىيەسىنىڭ چودا كۆپ تۆللەيدىغان قىزىل قوينى كۆپەيتىش بازىسىدا قويلارغا يەم بەرمەكتە. (شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى مۇختەر ئەپرى سىزغان)

شۇ جايدىكى يەرلىك قوينىڭ گېنىغا يوشۇرۇنغان بىر مەخپىي شىفىر نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمنى ئاشۇرىدىغان يېڭى كەسىپنى بارلىققا كەلتۈردى. 4 - ئاينىڭ ئاخىرى، مۇخبىرلار گۇما ناھىيەسىنىڭ چودا يېزىسى لەڭگەر كەنتىگە زىيارەتكە كېلىپ، پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ چودا كۆپ تۆللەيدىغان قىزىل قويىنى باھالاش نەتىجىسىنىڭ شۇ جايدىكى كادىرلار، ئامما ھەۋەس بىلەن سۆزلەيدىغان تېمىغا ئايلانغانلىقىنى بايقىدى.

شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى ھايۋانات ئىلمى شۆيۈەنىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ باھالاپ بېكىتىشىچە، «چودا كۆپ تۆللەيدىغان قىزىل قويى(ۋاقىتلىق نامى)» كۆپىيىش نىسبىتى يۇقىرى، سۈت مىقدارى كۆپ، گۆش مىقدارى يۇقىرى، ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك بولۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولۇپ، دۆلەت ئىچى - سىرتىدا ئاز ئۇچرايدىغان ئەلا سۈپەتلىك يەرلىك قوي توپى ھېسابلىنىدىكەن.

«چودا كۆپ تۆللەيدىغان قىزىل قويى» لەڭگەر كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرىگە ھەم تونۇش، ھەم ناتونۇش. تونۇش بولۇشى ئۇلارنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيان ئىزچىل بۇ خىل يەرلىك قوينى قازاق قىزىل قويى دەپ ئاتىغانلىقىدىن، ناتونۇش بولۇشى ئۇلارنىڭ چودا كۆپ تۆللەيدىغان قىزىل قويىنىڭ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا يېڭى يول ئېچىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانلىقىدىن.

لەڭگەر كەنتى بەلكىم چودا كۆپ تۆللەيدىغان قىزىل قويى دەسلەپتە بارلىققا كەلگەن جاي بولماسلىقى مۇمكىن، ئەمما چوقۇم كەلگۈسىدە چودا كۆپ تۆللەيدىغان قىزىل قويى كەسپى بارلىققا كېلىدىغان جاي بولىدۇ.

بىر قېتىمدا كۆپ قوزىلاش    كىرىمنى ئاشۇرىدىغان يېڭى نەسىلنى بايقىدى

«ئەينى چاغدا ئۇ ساغلىقنىڭ قورسىقىنىڭ ئالاھىدە چوڭلۇقىنى ھېس قىلغانىدىم، كەنت ئاھالىلىرى ماڭا بىر قېتىمدا تۆتنى قوزىلايدىغانلىقىنى ئېيتتى، بۇنىڭغا ئىشەنگۈم كەلمىدى.» ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى، گۇما ناھىيەسىنىڭ چودا يېزىسىدا تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ باش يېتەكچىسى، لەڭگەر كەنتىنىڭ 1 - شۇجىسى خىزىركەلدى ئابدۇراخماننىڭ 2017 - يىلى بىرىنچى قېتىم چودا كۆپ تۆللەيدىغان قىزىل قويىنى كۆرگەندىكى مەنزىرە ھېلىمۇ ئېسىدە، چۈنكى ئۇ يوغان قورساق ساغلىق ئەتىسى راستتىنلا تۆتنى قوزىلىغانىدى.

شۇنىڭدىن كېيىن، چودا كۆپ تۆللەيدىغان قىزىل قويى خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت كادىرلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتتى، بۇ خىل كۆپ تۆللەش ئالاھىدىلىكى بار قىزىل قوي ئادەم كۆپ، يېرى ئاز، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يولى چەكلىك بولغان لەڭگەر كەنتىدە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۆھپە قوشالامدۇ - يوق؟

شۇنىڭ بىلەن، قوي سېتىۋېلىش گۇرۇپپىسى كەنتتە قۇرۇلدى. خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى ۋە كەنت كادىرلىرى بىرلىكتە لەڭگەر كەنتى ئەتراپىدىكى بازاردىن قىزىل قوي سېتىۋېلىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغىدىن پايدىلىنىپ، كۆلىمى 246 تۇياققا يېتىدىغان قىزىل قوي نەسىل يېتىشتۈرۈش يادرولۇق توپىنى تەشكىللەپ قۇرۇپ، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسىنىڭ پەن تەتقىقات كوللېكتىپىنى چودا كۆپ تۆللەيدىغان قىزىل قويىنى تەتقىق قىلىپ، قىزىل قوينىڭ ئىلمىي مەخپىي شىفىرىنى ئومۇميۈزلۈك يېشىشكە تەكلىپ قىلدى.

بىر يىلغا يېقىن تەتقىق قىلىش ئارقىلىق كەنتكە خۇش خەۋەر تارقالدى. تەتقىقات كوللېكتىپى قىزىل قوينىڭ كۆپ تۆللەيدىغان، قوشكېزەك قوزىلايدىغان ئىقتىدارغا ئىگە گېنىنى، غايەت زور پەن تەتقىقات قىممىتىگە ۋە كۆپەيتىش - يېتىشتۈرۈش تەرەققىيات ئىستىقبالىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بايقىدى. ئىلمىي بېكىتىلگەچكە كەنتنىڭ قىزىل قوي كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشقا قارىتا ئىشەنچىسى تېخىمۇ چىڭىدى، نەسىللەندۈرۈش پونكىتى، ۋاننىلاش كۆلچىكى قاتارلىق چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىش ئۇل ئەسلىھەلىرىنى يانداش قۇرۇپ، ئۆز جايىنىڭ پەن تەتقىقات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى قىزىل قوي كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا پۇختا ئاساس سالدى.

بۇ بىر يىلدا، بازاردىمۇ چودا كۆپ تۆللەيدىغان قىزىل قويىنىڭ يوشۇرۇن قىممىتىگە قارىتا ئىنكاس پەيدا بولدى، ھەر تۇياق ساغلىقنىڭ باھاسى 1500 يۈەندىن 2000 يۈەن ئەتراپىغىچە ئۆرلىدى، چودا كۆپ تۆللەيدىغان قىزىل قويىنى كەسىپلەشتۈرۈش تەرەققىياتىنىڭ بىرىنچى قەدىمى بېسىلدى.

باقمىچىلىق ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى    ئۈلگە كۆرسىتىپ تۈرتكە بولۇش ئۈنۈمى روشەن بولدى

«بۇ نەچچە يىلدا، چودا كۆپ تۆللەيدىغان قىزىل قويىنىڭ باھاسى ئىزچىل ئۆرلىدى، ھازىر مەن بېقىۋاتقان كۆپ تۆللەيدىغان ساغلىقنىڭ بىرىنى 3000 يۈەندىن يۇقىرى ساتقىلى بولىدۇ.» لەڭگەر كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى غوجىئالىم ئابدۇكېرىم مۇنداق دېدى: «چودا كۆپ تۆللەيدىغان قىزىل قويىنىڭ قىممىتىدە ئاچقۇچ تاللاپ يېتىشتۈرۈشتە».

2019 - يىلى، لەڭگەر كەنتى نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىدىن پايدىلىنىپ، چودا كۆپ تۆللەيدىغان قىزىل قويىدىن 710 تۇياق سېتىۋېلىپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ بېقىشىغا بۆلۈپ بەردى، بۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ باقمىچىلىق كىرىمىنى ئۆستۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۈچ قوشتى. بەش تۇياق قوي ئالغان غوجىئالىمنىڭ ئىشەنچىسى تولۇپ تاشتى، لېكىن كېيىنكى نەتىجىدىن ئانچە رازى بولمىدى. «پەقەت بىر قىسىم قويلار كۆپ تۆللەش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ئىكەن» دېدى غوجىئالىم.

گەرچە ئىلمىي بېكىتىلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئىلمىي بېقىش ۋە باشقۇرۇش كەمچىل بولغاچقا، چودا كۆپ تۆللەيدىغان قىزىل قويىنىڭ ئىرسىيەت ئالاھىدىلىكى ئانچە گەۋدىلىك ئىپادىلەنمىدى، چودا كۆپ تۆللەيدىغان قىزىل قويىنى تاللاپ يېتىشتۈرۈپ، مۇقىم ئىرسىيەت شەكىللەندۈرۈپ، نەسىل ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلدۇرۇشقا توغرا كەلدى.

دەل مۇشۇ ۋاقىتتا، كەنت كادىرلىرى كەسپىي تېخنىك خادىملارنى باشلاپ غوجىئالىمنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، باقمىچىلىق تېخنىكىسىنى ئۆگىتىش بىلەن بىللە، زامانىۋى چارۋىچىلىقنىڭ تەرەققىيات ئۇقۇمىنى ئۇنىڭغا تونۇشتۇردى.

«دەسلەپتە ئۇلار ماڭا كۆپ تۆللەش ئالاھىدىلىكى بولمىغان قويلارنى شاللىۋېتىشنى ئېيتتى، مېنىڭ كۆزۈم قىيمىدى.» غوجىئالىمنىڭ دېيىشىچە، تېخىمۇ كۆپ كىشى ئىشىكىنىڭ ئالدىغا قوي سېتىۋالغىلى كەلگەندىلا، ئۇ ئاندىن كۆپ تۆللەيدىغان قىزىل قوينى تاللاپ يېتىشتۈرۈشنىڭ قىممىتىنى ھەقىقىي كۆرۈپ يەتكەن.

«ئىككى تۇياق ساغلىقنى 7000 يۈەنگە ساتتىم.» غوجىئالىم خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: ھازىر قوتاندىكى ساغلىقلارنىڭ كۆپىنچىسى بىر قېتىمدا ئىككىنى، ھەتتا ئۈچنى قوزىلايدىغان ئالاھىدىلىكنى ھازىرلىدى.

«بۇ يىل مەن باقمىچىلىق كۆلىمىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ساپلاشتۇرۇپ تاللاپ يېتىشتۈرسەم، كېلەر يىلى باھاسىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن» دېدى غوجىئالىم ئىشەنچ بىلەن.

ھازىر، لەڭگەر كەنتىدىكى تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسى غوجىئالىمغا ئوخشاش، نەسىلنى تاللاپ يېتىشتۈرۈش ئارقىلىق باقمىچىلىق كىرىمىنى ئاشۇردى، پۈتۈن كەنتتە چودا كۆپ تۆللەيدىغان قىزىل قويى باقمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كەنت ئاھالىسى 142 ئائىلىلىككە يەتتى. مۆلچەرەن ھېسابلىنىشىچە، چودا كۆپ تۆللەيدىغان قىزىل قويى باقمىچىلىقىدا ئۈنۈمنى تەخمىنەن %60 ئۆستۈرگىلى، ئائىلىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمىنى 6000 يۈەن ئاشۇرغىلى بولىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، چودا كۆپ تۆللەيدىغان قىزىل قويى كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەر يىلى كەنت كوللېكتىپىنىڭ كىرىمىنى 50 مىڭ يۈەن ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۈچ قوشۇش جەھەتتە كۆرۈنەرلىك تۈرتكىلىك رول ئوينايدىكەن.

باشلامچى كارخانىلارنى كىرگۈزۈش    كەسىپ تەرەققىيات ئىستىقبالى ئۈمىدكە تولدى

پەن تەتقىقات خىزمىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشى ۋە ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىشىگە ئەگىشىپ، 2019 - يىلى، چودا كۆپ تۆللەيدىغان قىزىل قويى كەسىپ تەرەققىياتىدىكى بىر قېتىملىق يېڭى پۇرسەتنى كۈتۈۋالدى، شۇنداقلا لەڭگەر كەنتىدىكى تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسىنى كەسىپ ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش يولىغا مېڭىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

بۇ يىلى، گۇما ناھىيەسى شىنجاڭ شىيۈ مۇياڭرېن دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنى مەخسۇس چودا كۆپ تۆللەيدىغان قىزىل قويىنى كۆپەيتىش - يېتىشتۈرۈش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا كىرگۈزدى، كارخانا مەبلەغ سېلىپ كۆلىمى 298 مو كېلىدىغان كۆپ تۆللەيدىغان قىزىل قوي كۆپەيتىش - يېتىشتۈرۈش بازىسى قۇردى ھەم شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى بىلەن ئۇزاق مۇددەتلىك پەن - تېخنىكا ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، چودا كۆپ تۆللەيدىغان قىزىل قويىنى كۆپەيتىش - يېتىشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈردى.

بازا قۇرۇلغاندىن كېيىن، لەڭگەر كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى مەمەتجان سېيىتئەخمەت بۇ يەرگە كېلىپ خىزمەت قىلدى. «مەن ھازىر چودا كۆپ تۆللەيدىغان قىزىل قويىنى بېقىش ۋە باشقۇرۇشقا مەسئۇل، ھەر ئايدا مۇقىم كىرىمىم بار بولدى، يەنە ئىلمىي ئۇسۇلدا قوي بېقىشنى ئۆگىنىۋالدىم.» مەمەتجاننىڭ دېيىشىچە، ئۇ ھەر كۈنى ۋاقتىدا يەم - خەشەك بېرىپ، قوتانلارنى پاكىز تازىلاپ، ھەربىر تۇياق چودا كۆپ تۆللەيدىغان قىزىل قويىنى كۆڭۈل قويۇپ بېقىۋېتىپتۇ.

باشلامچى كارخانىلارنىڭ تۈرتكە بولۇشى، يېتەكلىشى بولغاچقا، چودا كۆپ تۆللەيدىغان قىزىل قويىنى كۆپەيتىش - يېتىشتۈرۈش خىزمىتى ۋە كەسىپلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش سەۋىيەسى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۆستى.

«نۆۋەتتە، بازىدىكى چودا كۆپ تۆللەيدىغان قىزىل قويىنىڭ قوتاندىكى سانى 5000 تۇياققا يەتتى.» بازىنىڭ مەخسۇس تېخنىك خادىمى شيا لىجۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بازا ئەتراپىدىكى دېھقانلار چودا كۆپ تۆللەيدىغان قىزىل قويىنى كارخانىنىڭ ۋاكالىتەن بېقىشىغا تاپشۇرۇپ بەرسە بولىدۇ، كارخانا ۋاكالىتەن بېقىش جەريانىدا كۆپ تۆللەيدىغان گېنغا ئىگە ساغلىقنى تاللاپ يېتىشتۈرۈپ نەسىل توپىنى كېڭەيتىدۇ، كۆپەيتىدۇ ھەم دېھقانلارغا پايدا تەقسىم قىلىپ بېرىدۇ، كارخانا دېھقانلار بىلەن قوش پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، بازا يادرولۇق نەسىل توپىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، چودانىڭ كۆپ تۆللەيدىغان قىزىل قويىنىڭ قوشكېزەك قوزىلاش، كۆپ قوزىلاش ئەۋزەللىكىنى زورايتىدۇ.

بۇ يىل، چودا كۆپ تۆللەيدىغان قىزىل قويىدا دۆلەتنىڭ قوي ئىرسىيەت بايلىقى ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ جۇغراپىيەلىك بەلگىسى ئېتىراپنامىسىگە ئىلتىماس قىلىنىپ، دۆلەتنىڭ تۈر مەدىتىنى قولغا كەلتۈرۈپ، كەسىپنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچ توپلىنىۋاتىدۇ.

نۆۋەتتە، ھەربىر تۇياق چودا كۆپ تۆللەيدىغان قىزىل قويى ساغلىقىنىڭ باھاسى 4000 يۈەن ئەتراپىغا ئۆستى، نەسىللىك قوچقارنىڭ باھاسى 10 مىڭ يۈەننى بۆسۈپ ئۆتۈپ، داڭلىق گۆش قويى نەسلى بولغان ئاۋسترالىيە دۇپېر قويى نەسىللىك قوچقىرىنىڭ باھاسىغا يېقىنلاشتى، چودا كۆپ تۆللەيدىغان قىزىل قويى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنىڭ تۈرتكىلىك ئېففېكتى ۋە نەسىل بايلىقى ئەۋزەللىكى گەۋدىلىنىشكە باشلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى