تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

خەيرلىك كەچ، قەشقەر قەدىمىي شەھىرى!

  شىنخۇا تورى خەۋىرى: قەشقەر قەدىمىي شەھىرىگە بېرىپ باققان نۇرغۇن كىشىلەر: ئەگەر ۋاقىت يار بەرسە قەدىمىي شەھەرنى ئەتىگەندىن كەچكىچە سەيلە قىلىپ، پۈتۈن بىر كۈن ۋاقتىنى مۇشۇ يەردە ئۆتكۈزۈشنى خالايمەن، دېيىشىدۇ.

(كېچىدىكى قەشقەر قەدىمىي شەھەر دەرۋازىسى)

(چوڭ دەرۋازىنىڭ سىرتىدىن قەدىمىي شەھەرگە نەزەر)

كېچىدە قەدىمىي شەھەرنى كېسىپ ماڭغاندا چىراغ نۇرى گاھ چاقناپ، گاھ خىرەلىشىدۇ

(قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدىكى ئەگرى-بۈگرى تار كوچا)

45 گىرادۇسلۇق بۇلۇڭدىن قەدىمىي شەھەرگە نەزەر سالغاندا، كېچە قوينىدىكى كوچا بىناسى، تامدىكى خىش نەقىشلەر كىشىنى ئادەتتىن تاشقىرى مەپتۇن قىلىدۇ.

(سۇس سېرىق چىراغ نۇرى قەدىمىي شەھەردىكى ئىمارەتلەرنى يورۇتماقتا)

(سۇس سېرىق چىراغ نۇرى قەدىمىي شەھەردىكى ئىمارەتلەرنى يورۇتماقتا)

قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدە ئاددىي مىللىي ئۆرپ-ئادەت بولۇپلا قالماستىن، يەنە نۇرغۇن ياشلار ياخشى كۆرىدىغان مودا «ئاستا» تۇرمۇشمۇ بار.

(قەھۋەخانىدا قەھۋە ئىچكەچ تۈن پەردىسىنىڭ يېپىلىشىنى ساقلاش)

(قەشقەر قەدىمىي شەھىرى ئىچىدىكى بىر ئىچىملىكخانا)

(قەشقەر قەدىمىي شەھىرى ئىچىدىكى بىر قەھۋەخانا)

بۇ يەردە دائىم نۇرغۇن دىققەت قىلمىغان، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۆتۈپ كېتىدىغان پەيتلەر تۇرمۇشنىڭ مۇلايىم ھەم رومانتىكلىقىنى ھېس قىلدۇرىدۇ.

(قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدىكى بىر مەدەنىيەت ئىجادىيەت مەھسۇلات دۇكىنى)

(قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدىكى بىر سارايدىن كۆرۈنۈش)

(قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدىكى بىر ساراينىڭ ئىجادىي ۋىۋىسكىسى)

ھەر خىل ئۆزگىچە كىچىك دۇكانلار قەدىمىي شەھەردە ئادەتتىن تاشقىرى كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدىغان مودا ئامىل بولۇپ قالدى.

(قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدىكى بىر مەدەنىيەت ئىجادىيەت مەھسۇلاتلىرى دۇكىنى)

(قەشقەردە تۇرۇپ. تەسىرات كوچىسى بويىدا ئولتۇرۇپ، يۈزلەرنى سىيپىغان مەيىن شامالدىن ھۇزۇر ئېلىش).

(«قەدىمىي شەھەر بۇلۇڭى» ئىچىملىكخانىسىدا خىزمەتچى خادىم بىر خېرىدارغا ئىچىملىك تەييارلىماقتا).

(كەچقۇرۇن، قەدىمىي شەھەردە تۈجۈپىلەپ دەملەنگەن گۈل چايدىن ھۇزۇر ئېلىش)

قەدىمىي شەھەرنى كېسىپ ئۆتكەندە، «قەشقەر . تەسىرات» كوچىسى كىشىگە خۇددى دەريا بويىدىكى بىر كىچىك بازارغا كېلىپ قالغاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ.

(بىر قانچە دوستلار بىلەن قەدىمىي شەھەردىكى كىچىك دۇكانلاردا كەيپىياتنى تەڭشەش)

بۇ يەردە ھەقىقەتەن يەنە بىر خىل لەززەت بار بولۇپ، ئادەمنى ئىچ-ئىچىدىن خۇشال قىلىدۇ.

(شاراپ ئىچكەچ ناخشا ئاڭلاپ قەدىمىي شەھەردىكى كېچە تۇرمۇشىنى ھېس قىلىش)

(ساياھەتچىلەر قەدىمىي شەھەردە قالدۇرغان «مۇھەببەت گۇۋاھچىسى»)

كىشلەر بۇ جايدا پۈتۈن بىر كۈنلۈك ھارغىنلىقىنى ئۇنتۇپ، كېچىدىكى گۈزەل تۇرمۇشتىن ھۇزۇر ئالىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى