تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

مۇھەببەت بولسىلا بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولغىلى بولىدۇ

     5-ئاينىڭ 1-كۈنى سەھەردە، شىنجاڭ قاراماي شەھىرى غەربىي رايون بۇرغىلاپ تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى چەكلىك شىركىتىنىڭ جەرەنبۇلاق رايونى(قاراماي يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا رايونى) سەنپىڭ يولى ۋۇشىن مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى ما جىيۇڭ ناشتا قىلىپ بولۇپ، مەھەللە ئاھالىسى ئابلەت سۇلايماننىڭ ئۆيىگە باردى. ما جىيۇڭ بىر قىسىم تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ئېلىپ، ئۆيىدە ئۆزى يالغۇز تۇرىدىغان 70 ياشلىق بۇ گاس-گاچا بوۋاينى ھەر ئىككى-ئۈچ كۈندە بىر يوقلاپ تۇرىدۇ.

     ئۇلار ئىككىيلەن تونۇشقىلى بىر يىل بولاي دېدى. ما جىيۇڭنىڭ كۆڭۈل قويۇپ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشى بۇ بوۋايغا ئائىلە ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇردى.

     ما جىيۇڭنىڭ بوۋاي بىلەن تۇنجى قېتىم كۆرۈشكەن چاغدىكى ئەھۋالى تۈنۈگۈنكىدەكلا ئېسىدە ئىدى. «بۇلتۇر 8-ئاينىڭ بىر كۈنى ئەتىگەندە، مەن مەھەللە ئاھالە كومىتېتى ئىشخانا بىناسىنىڭ ئالدىدا بوۋاينى ئۇچرىتىپ قالدىم، ئۇنىڭ تىت-تىت بولۇپ تۇرغىنىنى كۆرۈپ ئالدىغا بېرىپ نېمە بولغانلىقىنى سورىدىم. بوۋاي ماڭا بىر نېمىلەرنى ئىشارەت قىلىۋاتاتتى.  مەن ئۇنىڭ نېمە دېمەكچى بولغىنىنى بىلەلمىدىم» دېدى ماجىيۇڭ. ما جىيۇڭ زادى نېمە ئىش بولغانلىقىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن بوۋايغا ئەگىشىپ ئۇنىڭ ئۆيىگە باردى. ئىشىكتىن كىرىپلا، بوۋاي ما جىيۇڭنى باشلاپ ئاشخانىغا كىرىپ گاز ئوچىقىنى كۆرسەتتى، ئەسلىدە ئۆيدە گاز قالمىغان ئىكەن. ما جىيۇڭ دەرھال يېقىلغۇ گاز شىركىتى بىلەن ئالاقىلىشىپ بوۋايغا گاز ئالماشتۇرۇپ بەردى.

     ما جىيۇڭ ئەنسىرەش ئىچىدە «بىز بارماق تىلىنى بىلمىسەك، بۇنىڭدىن كېيىن مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلارغا يولۇقساق قانداق قىلىمىز؟ بوۋاي ياشىنىپ قالدى، ئۆزى يالغۇز تۇرسا بىخەتەر بولامدۇ؟» دېگەنلەرنى ئويلاپ، تورغا چىقىپ بارماق تىلى ئوقۇتۇش سىنلىرىنى كۆرۈپ، ۋاقىت چىقىرىپ ئۆگەندى. يەنە ئەتراپىدىكى خىزمەتچىلەرنى بىرلىكتە ئۆگىنىشكە سەپەرۋەر قىلدى. ما جىيۇڭ ھەر ئىككى-ئۈچ كۈندە بىر بوۋاينى يوقلاپ تۇردى، ئۆي تازىلاش، كىر يۇيۇش، تاماق ئېتىش قاتارلىق ئىشلىرىغا ياردەملەشتى. «مېنى ئۆز ئوغلىڭىزدەك كۆرۈڭ، بىرەر ئىش بولسا مېنى ئىزدىسىڭىز بولىدۇ، مەن چوقۇم ھالىڭىزدىن ياخشى خەۋەر ئالىمەن» بارماق تىلى ئارقىلىق ما جىيۇڭ بوۋايغا دوستانىلىكىنى ئىپادىلىدى.

     ئابلەت ئولتۇرىدىغان ئۆينىڭ توك يولى ئېغىر دەرىجىدە كونىرىغاچقا، دائىم توك توختاپ قالاتتى ۋە توك يولى خەۋپى بار ئىدى. ما جىيۇڭ كەسپىي خادىملارنى تېپىپ كېلىپ توك يولىنى ئومۇميۈزلۈك رېمونت قىلىپ، ئېنېرگىيە تېجەيدىغان چىراغنى ئالماشتۇرغاندىن كېيىن ئۆي يورۇپ كەتتى.

     بوۋاينى يوقلاپ بارغاندا، ما جىيۇڭ بوۋاينىڭ ئىشىك چەككەن ئاۋازنى ئاڭلىيالمايدىغانلىقىنى، يوقلاپ كەلگەنلەرنىڭ دائىم ئىشىك ئالدىدا ئۇزاق ساقلاپ كېتىدىغانلىقىنى بايقىدى. «بوۋايغا بىرىنىڭ كەلگەنلىكىنى قانداق بىلدۈرۈش كېرەك؟» دېگەن مەسىلىنى ئويلاپ، ما جىيۇڭ «كۆرگىلى بولىدىغان» ئىشىك قوڭغۇرىقىنى لايىھەلەپ بەردى.

     ئالاقە قويۇقلاشقانسېرى ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى ھېسسىيات بارغانسېرى چوڭقۇرلاشتى. ھەر قېتىم كۆرۈشكەندە، بوۋاي ما جىيۇڭنىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇپ، كۆزلىرىدىن مېھرىبانلىق تۆكۈلۈپ تۇراتتى. «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدا يەر-جاھاننى زىلزىلىگە سالىدىغان ئىشلار بولۇشى ناتايىن، پەقەت مۇھەببەت بولسىلا، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولالايمىز» دېدى ما جىيۇڭ.

شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى