تىيانشان تورى خەۋىرى: بۇ يىل 5-ئاينىڭ 12-كۈنى مەملىكىتىمىزنىڭ 12-قېتىملىق مەملىكەتلىك ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش كۈنى، باش تېمىسى: «ئاساسىي قاتلامنىڭ جىددىي تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خەلق مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملەش» بولۇپ، كەڭ مەھەللە خىزمەتچىلىرى ۋە ئاھالىلەرنى ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش بىلىملىرى ۋە خەتەردىن ساقلىنىش، ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئىگىلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، قاراماي شەھىرى قاراماي رايونى ئورگان ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ قاراماي رايونى غالبىيەت يولى مەھەللە ئىش باشقارمىسى يېڭىكۆل مەھەللە كومىتېتىدا تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بېلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى بىر يۈرۈش تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇردى.
5-ئاينىڭ 12-كۈنى چۈشتىن كېيىن، مەھەللە كومىتېتىنىڭ خىزمەتچىلىرى ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش لوزۇنكىسىنى ئولتۇراق رايونىدىكى كۆزگە چېلىقىدىغان يەرگە ئاستى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كوچا ياقىسىدىكى دۇكان ۋە تەۋەلىك رايوندىكى ئاھالىلەرگە ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش تەشۋىقات رەڭلىك قەغىزىنى تارقىتىپ، سودىگەر ۋە ئاھالىلەرگە كۈندىلىك تۇرمۇشتا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنىڭ زېيىنىنى ئازايتىش ئىشلىرىنى ئۇقتۇردى.