تىيانشان تورى خەۋىرى(ئىختىيارىي مۇخبىر ئەن چۇەنجيا، ما ۋېنجىڭ خەۋىرى): 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 5-ئاينىڭ 24-كۈنىگىچە، شىنجاڭ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى فۇكاڭ شەھىرى جەمئىي 28 مىليون يۈەن ئىستېمال بېلىتى تارقىتىپ، «بۇغدا كۆلىگە مۇھەببەت باغلاش، فۇكاڭدا شاد-خۇرام سېتىۋېلىش» تېمىسىدا پائالىيەت ئۆتكۈزدى، ئىستېمالچىلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان يېيىش، سېتىۋېلىش، سەپەرگە چىقىش، ساياھەت قىلىش، كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق تۇرمۇش مۇلازىمەتلىرىنى چۆرىدەپ، ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بىر قاتار تەدبىرلەر ئارقىلىق ئىچكى ئېھتىياجنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ، ئىقتىسادنىڭ تېز سۈرئەتتە جانلىنىشىغا تۈرتكە بولدى.