تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

پەن-تېخنىكا ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسى كەسىپ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى: 5-ئاينىڭ 4-كۈنى، قورغاس شەھىرى موخۇئېر باغ-ئورمانچىلىق پەن-تېخنىكىسى ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسىدا، ئاپتوماتىك ئالما كۆچىتى تىكىش ماشىنىسى ئېتىزدا ئالدىراش ئىشلەۋاتاتتى، ئىشچىلار تىكىلىپ بولغان ئالما دەرىخىگە توپا يۆلەپ چىڭداۋاتاتتى، ئېتىزدا بىر قاتار ئالدىراشلىق مەنزىرىسى شەكىللەنگەنىدى.

  قورغاس شەھىرى موخۇئېر باغ-ئورمانچىلىق پەن- تېخنىكىسى ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسى 2016-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، 280 مو كېلىدىغان بۇ باغچىدا ئاساسلىقى يېڭى سورتلۇق ئۈزۈم، ئالما، شاپتۇل قاتارلىق مېۋىلەر يېتىشتۈرۈلىدۇ. بۇ يىل، ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى ئىلى خۇييۈەن جىڭشى يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، زامانىۋى پاكارلاشتۇرۇپ زىچ تېرىش تېخنىكىسى، يۈرۈشلەشكەن ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئېنىرگىيە تىجەش، ئوغۇت، سۇنى يۇقىرى ئۈنۈمدە باشقۇرۇش سىستېمىسى، زامانىۋى پەرۋىش قىلىش تېخنىكىسى، چوڭ تىپتىكى ئىلغار يېزا ئىگىلىك ماشىنا ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىقلارنى كىرگۈزۈپ، زامانىۋى ئالما تىكىش باغچىسىنى كۆلەملەشتۈرۈپ، تۈجۈپىلەپ ئىشلەپچىقىرىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

  ئىگىلىنىشچە، يېڭىدىن كىرگۈزۈلگەن زامانىۋى پاكارلاشتۇرۇپ زىچ تېرىش تېخنىكىسىدا ھەر مو يەرگە 190 تۈپ ئالما كۆچىتى تىكىلىدىكەن، ئىككىنچى يىلىدىكى مو بېشى مەھسۇلاتى 1000 كىلوگرامغا يېتىدىكەن، 4-يىلى مول ھوسۇل مەزگىلىدە، مو بېشى تەييار مېۋە 4000 كىلوگرامغا يېتىدىغان بولۇپ، ئۇدا 18 يىل مول ھوسۇل ئالغىلى بولىدىكەن. موخۇئېر چارۋىچىلىق فېرمىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، فېرما باشلىقى جاڭ لياڭ مۇنداق دېدى: «پەن-تېخنىكا ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسى كۆلەملەشكەن، ئۆلچەملەشكەن، ماشىنىلاشقان قۇرۇلۇش ئارقىلىق ئۆزگىچە باغۋەنچىلىك كەسپىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۈلگە كۆرسىتىش، يېتەكلەش رولى ئارقىلىق موخۇئېرنىڭ ئالما كەسپى تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىقتىسادىي كىرىمىنى ئاشۇردى.»

قورغاس شەھىرى موخۇئېر پەن-تېخنىكا ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسىدا، ئاپتوماتىك ئالما كۆچىتى تىكىش ماشىنىسى ماشىنىلاشقان تېرىقچىلىق ئېلىپ بارماقتا.

  پەن-تېخنىكا ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنىڭ تۈر دىرېكتورى لياڭ بىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى تەۋەلىكىدىكى بارلىق تېرىقچىلىق ئائىلىلىرىگە تېخنىكا جەھەتتە ھەقسىز مەسلىھەت بېرىپ، يېتەكچىلىك قىلىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئەتراپتىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، 180دىن كۆپرەك ئالما تېرىقچىلىق ئائىلىسىنى سورتنى ياخشىلاشقا يېتەكلەپ، 90دىن كۆپرەك نامرات ئائىلىنىڭ ئىقتىسادىي كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، كەسىپ ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىمىز.»

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى