بەدەن سۈپىتى ئوخشاش بولمىغان كىشىلەر ئوخشاش بولمىغان چاي ئىچىشى كېرەك
پەمىل چاينىڭ تەبىئىتى مۆتىدىل بولۇپ، ناشتىدا بىر ئىستاكان پەمىل چاي ئىچىپ بەرسە ياخشى بولىدۇ. بەزى كىشىلەرنىڭ ئەتىگەندە سوغۇق نەرسە يېسە ئىچى سۈرۈپ قالىدۇ، شۇڭا ئەتىگىنى ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن تەبىئىتى مۆتىدىل بولغان پەمىل چاي ئىچكەن ياخشى. بىراق، پەمىل چاينى ئەڭ ياخشىسى ناشتىدا ياكى ناشتىدىن كېيىن ئىچىش كېرەك، چۈنكى ئۇ بارلىق چايلار ئىچىدە كوففېئىن مىقدارى ئەڭ يۇقىرى چاي بولۇپ، كوففېئىن مىقدارى ۋۇلۇڭ چېيى(乌龙茶)نىڭ ئىككى ھەسسىسىگە، يېشىل چاينىڭ ئۈچ ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ، ئاچ قورساق ئىچكەندە ئاسانلا دەككە-دۈككىدە بولىدىغان قىلىپ قويىدۇ، كىچىك تەرەت قېتىم سانىنى كۆپەيتىۋېتىدۇ، ئاشقازان-ئۈچەيىنىڭ سوغۇقى ئېشىپ كەتكۈچىلەر تېخىمۇ دىققەت قىلىشى كېرەك. سەھەردە ناشتىدا بىر ئىستاكان ئىسسىق پەمىل چاي ئىچكەندە ئازراق سۈت قوشسىمۇ بولىدۇ، بۇنداق ئىچكەندە، ھاردۇقنى چىقىرىپ ئۇيقۇنى قاندۇرىدۇ. پىروفېسسور خەن چى چۈشتىن بۇرۇن يەسىمەن گۈلى چېيى(茉莉花茶) ئىچىپ بەرگەندە، ئۇنىڭدىكى خۇش پۇراقنىڭ ئادەمنى ھۇزۇرلاندۇرۇپ، خىزمەت ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغانلىقىنى تەۋسىيە قىلدى.
چۈشتىن كېيىن كۆك چاي ئىچسە، ئادەم تېتىكلىشىدۇ. چۈشتىن كېيىن چوڭ مېڭە ئاسانلا گاراڭلىشىپ، كۆز چارچاپ، ئىممۇنىتېت كۈچى سەل تۆۋەنلەيدۇ. كۆك چاينىڭ پولىفېنول تەركىبى باشقا چايلارنىڭكىدىن يۇقىرى بولۇپ، ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى ئەڭ كۈچلۈك، شۇڭا بەدەندىكى ئەركىن رادىكاللارنى تېخىمۇ ياخشى تازىلاپ، بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى قوغداپ، بەدەننى يىنىكلىتىدۇ. چۈشتىن كېيىن بىر ئىستاكان سۇس كۆك چاي ئىچكەندە، مېڭىنى سەگەكلەشتۈرىدۇ. جۇڭيى تېبابىتىدە كۆرسىتىلىشىچە، چۈش ۋاقتى ئادەم جىگىرىنىڭ ئىسسىقى ئەڭ ئاشىدىغان پەيت بولۇپ، كۆك چاي ئىچكەندە ئادەمنىڭ ئىسسىقى يانىدىكەن؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە چۈشتە بىر قەدەر كۆپرەك مايلىق يېمەكلىكلەرنى يەۋالغانلىقتىن، كۆك چاي ئىچىپ بەرگەندە، ياغنى، قەنتنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن. كۆك چاينى ℃80لۇق ئىلمان سۇدا دەملىگەندە، چاي سۈيى سۇس يېشىل، تەملىك بولىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە چاي پولىفېنولى بۇزغۇنچىلىققا ئاز ئۇچراپ، ساقلىق ساقلاش ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدىكەن.
كەچتە قارا چاي، ۋۇلۇڭ چېيى ئىچىپ بەرسە تاماقنى سىڭدۈرىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر كەچتە چاي ئىچسە ئۇيقۇسىغا تەسىر يېتىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. ئىككىلەمچى ئېچىتىلغان قارا چاي تەركىبىدىكى كوففېئىن مىقدارى نىسبەتەن تۆۋەن بولۇپ، قېنىپ ئۇخلىيالمايدىغان كىشىلەر كوففېئىن تەركىبى تۆۋەن بولغان ۋۇلۇڭ چېيىنى ئىچسە بولىدۇ. ئادەتتە كۆپ ساندىكى كىشىلەر كەچلىك تاماقنى بىر قەدەر كۆپ يەۋالىدۇ، تاماقتىن كېيىن كۆپ ھەرىكەت قىلمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بەدەنگە ئاسانلا ماي يىغىلىۋالىدۇ. تەتقىقاتتا ئىسپاتلىنىشىچە، ۋۇلۇڭ چېيىنىڭ ماينى پارچىلاپ، قوشۇمچە ئورۇقلىتىش ئۈنۈمىمۇ ناھايىتى ياخشى ئىكەن. شۇڭا كەچلىك تاماق ياكى تاماقتىن كېيىن، بىر چەينەك ۋۇلۇڭ چېيى ياكى پۇئېر چېيى ئىچكەندە، كۆڭۈلگە تەگمەيدىكەن ھەم ئۇيقۇغىمۇ تەسىر يەتكۈزمەيدىكەن.
خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى