تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز چۈ يۈەنيۈەن خەۋىرى، سۈرەتنى ئالتاي شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى تەمىنلىگەن): ئىككى تۆگە 14 تۆگىگە كۆپەيدى، نامرات ئاھالىلەر تازىلىق ئىشچىسى بولدى... ئالتاي شەھىرىدە، نۇرغۇن دېھقان-چارۋىچىلار ئىككى قولىغا تايىنىپ، تىرىشىپ ئىشلەپ تۇرمۇشىنى ئۆزگەرتتى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئالتاي شەھىرىنىڭ چىمىرچەك يېزىسى بەيگە تۆپە كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى خۇئانىش بەكىندە ھەر يىل ئوخشاش بولمىغان ھالدا ئۆزگىرىش بولدى. 2016-يىلى، كەنت «ئىككى كومىتېت»ى ۋە ئالتاي ۋىلايەتلىك باج ئىدارىسىنىڭ بەيگە تۆپە كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، ئۇ 50 مىڭ يۈەنلىك ئۆسۈمسىز قەرزگە ئىلتىماس قىلدى (مۇددىتى 3 يىل). ئۇ پۇلنى ئېلىپ، ئىككى تۆگە سېتىۋالدى. ساغلام كۈتۈنۈش ئىدىيەسىنىڭ كۈنسېرى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىشى بىلەن، تۆگە سۈتىنىڭ باھاسى ئىزچىل ئۆستى. تۆگە باقمىچىلىقىدىن قىلغان كىرىمنىڭ «تاتلىق تەمى»نى تېتىغان ئۇ ئىشلەپچىقىرىشنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، يەنە تۆگە سېتىۋالدى. ھازىر، ئۇ 14 تۆگىسى بار ئائىلىۋى فېرمىنىڭ ئىگىسى بولۇپ، كۈنىگە 300-400 يۈەنلىك سۈت ساتىدۇ. ئۇ يەنە ئالتە تۆگە سېتىۋېلىپ، تۆگە باقمىچىلىقىنى كۆلەملەشتۈرۈشنى پىلانلىدى.
ئالتاي شەھىرى «نامراتلارنى يۆلەش» بىلەن «ئەقلىي جەھەتتە يۆلەش»نى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈپ، دېھقان-چارۋىچىلار كەچلىك مەكتىپى ئېچىش، ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، پۇقرالارغا يول تېپىپ بېرىپ، تەرەققىياتنى كۆزلەپ، ئاممىنىڭ «ئۆزى قان ئىشلەپچىقىرىش» ئىقتىدارىنى ئاشۇردى.
نامرات ئائىلىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىنى «قوغداش» ئۈچۈن، ئالتاي شەھىرى پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، «ھۆكۈمەت بىر تۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش، ئائىلىلەر ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئىلتىماس قىلىش، شەھەر، يېزا-كەنتلەر تەرتىپ بويىچە بىرلەشمە تەكشۈرۈش پىرىنسىپى بويىچە، ھەر قايسى چوڭ بانكىلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان قەرز پۇل تارقىتىش سالمىقىنى ۋە پۇل مۇئامىلە مۇلازىمەت يوللىرىنى كېڭەيتىپ، نامراتلارنى يۆلەش ئاز سوممىلىق قەرز پۇلىنىڭ نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش ۋە نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشتىكى رولىنى جارى قىلدۇردى. ئالتاي شەھەرلىك يېزا سودا بانكىسى نامراتلارنى يۆلەش ئاز سوممىلىق قەرز پۇلىنى يولغا قويۇپ، بۇ يىل 626 ئائىلىگە 29 مىليون 280 مىڭ يۈەن قەرز پۇل تارقىتىشنى پىلانلاپ، ئەمگەك ئىقتىدارى بار، بېيىش يولى بار، قەرز پۇلغا ئېھتىياجى بار نامرات ئائىلىلەرنىڭ پۇل مۇئامىلە ئېھتىياجىنى تولۇق قاپلاشنى ئاساسەن ئىشقا ئاشۇردى.