تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى ئۇنىۋېرسال گۇرۇپپىسىنىڭ قۇرۇقلۇق يولى پورتى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى كىرىش خاراكتېرلىك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونىمىزغا قايتما ئىنكاس پىكرى بەردى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 5 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، گوۋۇيۈەننىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى ئۇنىۋېرسال گۇرۇپپىسىنىڭ قۇرۇقلۇق يولى پورتى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى كىرىش خاراكتېرلىك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش قايتما ئىنكاس يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. گوۋۇيۈەننىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى ئۇنىۋېرسال گۇرۇپپىسى خىزمەت يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى خاۋ ياڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم قايتما ئىنكاس قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى لى پېڭشىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم ئىپادە بىلدۈرۈپ سۆز قىلدى.

5 - ئاينىڭ 2 - كۈنىدىن 11 - كۈنىگىچە، يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىدىكىلەر قەشقەر ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، تارباغاتاي ۋىلايىتى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى قىسمەن پورتلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، يۇقۇمنى كۆزىتىپ ئۆلچەش، كارانتىن قىلىش، تەكشۈرۈش - ئۆلچەش، يېپىق ھالەتتە يۈرۈشتۈرۈش، مەركەزلىك يىغىپ داۋالاش، يۇقۇمنى باشقۇرۇش - تىزگىنلەش، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرىنى زاپاس ساقلاشقا كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قۇرۇقلۇق يولى پورتلىرىنىڭ كىرىش خاراكتېرلىك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلدى.

خاۋ ياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى دائىملاشتۇرۇش خىزمىتىنى قىلچە بوشاشماي ياخشى تۇتۇپ، سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چېگرا پورتلىرىنى باشقۇرۇش ۋە سەھىيە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، چېگرادىن كىرگەن خادىملارنى پۈتۈن جەريانلىق يېپىق ھالقىسىمان باشقۇرۇشنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى نەتىجە - ئۈنۈمنى سىجىل مۇستەھكەملىدى، كېڭەيتتى. ھەرقايسى پورتلار كىرىش خاراكتېرلىك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەلىپىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەكشۈرۈش، ئۆلچەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇش، ئاساسىي قاتلام ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تورىنى زىچلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە پۇختا تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، مول نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈپ، ۋاقتىدا بايقاش، تېز بىر تەرەپ قىلىش، دەل جايىدا باشقۇرۇش - تىزگىنلەش، ئۈنۈملۈك قۇتقۇزۇش - داۋالاشتەك دائىملاشقان ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ قۇرۇقلۇق يولى پورتىدىن كىرىشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئاساس سالدى. ھازىر، چېگرا سىرتىدا يۇقۇم ئۈزلۈكسىز يامراۋاتىدۇ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا قۇرۇقلۇق يولى پورتىنىڭ تۈرلۈك جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ۋە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش لايىھەسىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا نوكلىئېك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش، تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئەمەلىي جەڭ مانېۋىرىنى سىجىل كۈچەيتىپ، يۇقۇمنىڭ چېگرا سىرتىدىن كىرىشىدىكى بىرىنچى مۇداپىئە لىنىيەسىنى قەتئىي ياخشى ساقلاش كېرەك.

لى پېڭشىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىز يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ چېگرا سىرتىدىن كىرىشىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىپ، يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ قايتما ئىنكاس پىكرىگە ئاساسەن تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتىمىز. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا جەڭ مەزگىلى مېخانىزمىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تۈزىتىش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى چىڭ تۇتۇپ، پۇختا تۇتۇپ، ئىنچىكە تۇتۇپ، سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ۋاقىت، ۋەزىيەتكە قاراپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چېگرا پورتلىرى ۋە نۇقتىلىق سورۇن، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىدا دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى زۆرۈر بولغان مۇداپىئەنى ياخشى ئىشلەشكە پائال يېتەكلەپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەيمىز. تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تىزىملىك تۇرغۇزۇپ، ئىز قوغلاپ ئۈنۈمنى سۈرۈشتۈرۈپ، ھېساباتقا سېلىشتۇرۇپ تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەپ، بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلارنىمۇ بىلىپ، پورت باشقۇرۇش، كارانتىن قىلىش، تەكشۈرۈش - ئۆلچەش، تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش، يېپىق ھالەتتە يۈرۈشتۈرۈش، ئايرىپ دىياگنوز قويۇش - داۋالاش، دوختۇرخانىلارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، مەھەللىلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى سىجىل ياخشى ئىشلەپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا تەتقىق قىلىپ ھەل قىلىپ، «چېگرا سىرتى»دىن «دۆلەت دەرۋازىسى»غىچە يەنە «ئۆي»گىچە بولغان پۈتۈن جەريانلىق يېپىق ھالقىسىمان باشقۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پورتلارنىڭ مۇتلەق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.

گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى ئۇنىۋېرسال گۇرۇپپىسى خىزمەت يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى.

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن تيەن ۋېن، جاۋ چۇڭجيۇ، مەڭلىك سېيىت يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى