تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

مەملىكەتلىك ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، زىيىنىنى ئازايتىش كۈنى: مەھەللىدىكى خالىس تەشۋىقاتچى

  5-ئاينىڭ 12-كۈنى، لى يامىڭ تېلېگراف ئولتۇراق رايونىدا ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، زىيىنىنى ئازايتىش توغرىسىدىكى بىلىملەرنى خالىس تەشۋىق قىلماقتا.

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز چىن پېڭ خەۋىرى، فوتوسى): 5-ئاينىڭ 12-كۈنى دۆلىتىمىزنىڭ 12-قېتىملىق مەملىكەت بويىچە ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، زىيىنىنى ئازايتىش كۈنى، بۇ يىلقى تەشۋىقات باش تېمىسى «ئاساسىي قاتلامنىڭ جىددىي تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىكى خەلق مۇداپىئە سېپىنى چىڭىتىش». شۇ كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى «1-ئاۋغۇست» تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى تېلېگراف مەھەللىسىدىكى خالىس تەشۋىقاتچىسى لى يامىڭ مەھەللە كادىرلىرى بىلەن بىرلىكتە ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، زىيىنىنى ئازايتىش تەشۋىقات قوللانمىسىنى ئېلىپ، ئاھالىلەرگە ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، زىيىنىنى ئازايتىش توغرىسىدىكى بىلىملەرنى چۈشەندۈردى، كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈردى. لى يامىڭ بۇ يىل 62 ياش بولۇپ، ئوقۇتقۇچىلىقتىن پىنسىيەگە چىققان. پىنسىيەگە چىققاندىن كېيىن، لى يامىڭ ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، زىيىنىنى ئازايتىشقا دائىر بىلىملەرنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆگەندى، شۇنداقلا ۋاقتى بولسىلا ئەتراپىدىكى ئاھالىلەرگە ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، زىيىنىنى ئازايتىش توغرىسىدىكى بىلىملەرنى خالىس تەشۋىق قىلدى.

  5-ئاينىڭ 12-كۈنى، لى يامىڭ(سولدا) ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، زىيىنىنى ئازايتىش توغرىسىدىكى بىلىملەرنى تەشۋىق قىلىپ چۈشەندۈرمەكتە.

  5-ئاينىڭ 12-كۈنى، تېلېگراف ئولتۇراق رايونىدىكى بىر ئاھالە ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، زىيىنىنى ئازايتىش تەشۋىقات تاختىسى ئالدىدىن ئۆتمەكتە.

  5-ئاينىڭ 12-كۈنى، لى يامىڭ(سولدا) تېلېگراف ئولتۇراق رايونى ئاھالىسى سۈي خۇاجۇ(ئوڭدا)نىڭ ئۆيىدە، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، زىيىنىنى ئازايتىش توغرىسىدىكى بىلىملەرنى چۈشەندۈرمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى