شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ۋاشىنگتون، 5-ئاينىڭ 12-كۈنى تېلېگراممىسى: 5-ئاينىڭ 12-كۈنى، سابىق دۇنيا بوكس شاھى، 53 ياشلىق مايىك . تەيسېن جەمئىيەت ئالاقە ۋاسىتىسىدا ئۆزىنىڭ ئەڭ يېڭى مەشىق ۋىدىئوسىنى ئېلان قىلىپ، «مەن قايتىپ كەلدىم» دېگەن يېزىقچە مەزمۇننى قوشۇپ، ئۆزىنىڭ بوكس ساھەسىگە قايتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
تەيسېن ئالدىنقى ئاينىڭ ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ پات ئارىدا بوكس ساھەسىگە قايتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، بوكس سەھنىسىگە قايتىش ئۈچۈن ئاكتىپ مەشىق قىلىۋاتقانلىقىنى ھەمدە تۆت مەيدان بوكس خەير-ساخاۋەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بوكس شاھى تەيسېننىڭ رەقىبى، بۇ يىل 57 ياشقا كىرگەن ئېغىر دەرىجىلىكلەر بويىچە بوكس شاھى خولىفېردمۇ يېقىندا شەخسىي ئالاقە تاراتقۇ سۇپىسىدا بوكس ساھەسىگە قايتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ھەمدە «Come Back» (مەن قايتىپ كەلدىم) دېگەن ئېلان سۈرەتنى قوشۇپ تارقاتقان، كىشىلەر بۇ ئىككى نەپەر دۇنيا بوكس شاھى قايتا مۇسابىقىلىشىشىپ قالارمۇ دەپ قىياس قىلىشقان.
بوكس مۇنبىرىنى زىلزىلىگە سالغان تەيسېن ئىلگىرى ئۇدا ئىككى قېتىم خولىفېردغا ئۇتتۇرۇپ قويغان. بىرىنچى قېتىمدا، تايسېن خولىفېردقا يېڭىلىپ، WHB ئېغىر دەرىجىلىكلەر چېمپىيونلۇقىنى تارتقۇزۇپ قويغانىدى، ئىككىيلەن ئىككىنچى قېتىم مۇسابىقىلەشكەندە، كىشىنى چۆچۈتىدىغان قۇلاق چىشلەش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، كېيىن تايسېننىڭ مۇسابىقىلىشىش ئىجازەتنامىسى بىكار قىلىنىپ، 3 مىليون ئامېرىكا دوللىرى جەرىمانە قويۇلغانىدى.