تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

تيەنجىن تيەنخەي كۇلۇبى تارقىتىۋېتىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

خەلق تورى، بېيجىڭ، 5-ئاينىڭ 12-كۈنى تېلېگراممىسى (ئوۋ شىڭرۇڭ): تيەنجىن تيەنخەي كۇلۇبى 5-ئاينىڭ 12-كۈنى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، كۇلۇبنىڭ مالىيە ئەھۋالى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغاچقا، نورمال تىجارەتنى داۋاملاشتۇرۇشقا قۇربى يەتمەي، چوڭقۇر ئويلىنىش ئارقىلىق، كۇلۇبنى رەسمىي تارقىتىۋېتىشنى قارار قىلىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: 2019-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە تيەنخەي كۇلۇبى مىسلى كۆرۈلمىگەن قىيىنچىلىققا دۇچ كەلدى، تيەنجىن شەھەرلىك تەنتەربىيە ئىدارىسى ۋە پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ قوللىشى، ياردەم بېرىشى، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە ۋە كەڭ توپ مەستانىلىرىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى، بارلىق توپچىلار، تىرېنېرلار، خىزمەتچىلەرنىڭ بوشاشماي تىرىشىشى ئارقىسىدا، كۇلۇب قاتمۇقات قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، دەرىجىسىنى ساقلاش ۋەزىپىسىنى قەيسەرلىك بىلەن ئورۇنداپ، جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە داۋاملىق قاتنىشىش سالاھىيىتىنى ساقلاپ قالدى. ئۆتكەن تۆت ئايدا، تيەنجىن تيەنخەي كۇلۇبى ئەڭ زور سەمىمىيىتى بىلەن 2020-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدىكى جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشتى، لېكىن نەتىجە ئارزۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ چىقتى، گەرچە كۇلۇب ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئارزۇسىغا يېتەلمىدى.

ئۇقتۇرۇشنىڭ ئاخىرىدا، كۇلۇبتىكى ماھىرلار، تىرېنېرلار، خىزمەتچى خادىملارنىڭ كەلگۈسىدىكى خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشى، جۇڭگو پۇتبولچىلىقىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن داۋاملىق تۆھپە قوشۇشى ئۈمىد قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى. يول بويى جاپا-مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، باشتىن-ئاخىر ھەمراھ بولۇپ كېلىۋاتقان توپ مەستانىلىرىنىڭ كەلگۈسىدە ھەممە ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشى، جۇڭگو پۇتبولچىلىقىغا داۋاملىق مەدەت بېرىشى ئۈمىد قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

تۆۋەندىكىسى ئېلان قىلىنغان ئۇقتۇرۇشنىڭ كەسمە سۈرىتى:

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى