چاي تۈرى ئوخشاش بولمىسا، ئۈنۈمىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ
كۆك چاي يۈرەك قان تومۇرلىرىنى قوغدايدۇ. كۆك چاي ئېچىتىلمىغان چايغا تەۋە بولۇپ، ئۇنىڭ ۋەكىللىك چايلىرى شىخۇ لۇڭجى (西湖龙井)، دۇڭتىڭ بىلوچۈن(洞庭碧螺春)، شىنياڭ ماۋجيەن(信阳毛尖)، خۇاڭشەن ماۋفېڭ(黄山毛峰) قاتارلىقلار بار. ئۇنىڭ راك كېسىلى ۋە يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، يەنە ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش، ئىممۇنىتېت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، باكتېرىيەنى تىزگىنلەش ۋە ئۆلتۈرۈش قاتارلىق رولى بار.
ئاق چاي(白茶) تەشۋىشلىنىشنى پەسەيتىدۇ. ئاق چاينىڭ مېڭە نېرۋىلىرىنى ئاسراش، ئەستە ساقلاشنى كۈچەيتىش، تەشۋىشلىنىشنى پەسەيتىش قاتارلىق رولى بار. ئۇنىڭدىن باشقا، ئاق چاي تەركىبىدىكى تېنامىك كىسلاتا بىر قىسىم كوففېئىن بىلەن نېيتراللىشىدۇ، چاي ئىچىپ ئۇيقۇسىغا تەسىر يېتىشىدىن ئەنسىرەيدىغان كىشىلەر ئاق چاي ئىچىپ بەرسە بولىدۇ.
كۆك چاي(青茶)، قىزىل چاي خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىدۇ. كۆك چاي يېرىم ئېچىتىلغان چايغا تەۋە بولۇپ، ئۇنىڭ ۋەكىللىك چايلىرى ۋۇيىيەن چېيى(داخۇڭپاۋ)، تېگۇەنيىڭ قاتارلىقلار بار؛ قىزىل چاي تولۇق ئېچىتىلغان چايغا تەۋە بولۇپ، كۆك چايغا قارىغاندا غىدىقلاشچانلىقى تۆۋەن، قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ھەم خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىدۇ.
قارا چاي ئورۇقلىتىپ، ماينى يوقىتىدۇ. قارا چاي ئىككىلەمچى ئېچىتىلغان چايغا تەۋە بولۇپ، ئەڭ تونۇشلىقى پۇئېر چېيى(普洱茶)، بۇنىڭ ئىچىدە چاي پولىفېنولى تۈرىدىكى ماددىلارنىڭ ئومۇمىي مىقدارى بىر قەدەر يۇقىرى، ماينى تۆۋەنلىتىپ، ئورۇقلىتىش ئۈنۈمى بار.
خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى