تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

ئۈرۈمچى ئەتراپىدىكى مەنزىرە رايونلىرى قىزىپ كەتتى

 تىيانشان تورى خەۋىرى: ھاۋانىڭ ئىللىشىغا ئەگىشىپ، ئۈرۈمچىنىڭ ئەتراپىدىكى مەنزىرە رايونلىرى ساياھەت كىچىك يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالدى، داۋانچىڭ رايونى تۇز كۆل مەنزىرە رايونى گۈزەل مەنزىرىسى، ئەتراپلىق مۇلازىمىتى بىلەن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى.

 «بۈگۈن بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى بىللە كەلدۇق، بۇ يەرنىڭ ھاۋاسى ناھايىتى ياخشى، راھەت ئىكەن، كۆڭۈل ئېچىش تۈرلىرىمۇ كۆپ ئىكەن، بىز بۈگۈن ھەممە تۈرنى ئويناشنى قارار قىلدۇق.» دېدى ما خەيپىڭ ۋە ئائىلىسىدىكىلەر تۇز كۆل مەنزىرە رايونىدا سەيلە-ساياھەت قىلغاچ.

 تۇز كۆلى مەنزىرە رايونىدا، قاردەك ئاپئاق تۇز يولى بىلەن تۇز كۆلى بىر-بىرى بىلەن ماسلىشىپ ئاجايىپ گۈزەل مەنزىرىنى شەكىللەندۈردى، ساياھەتچىلەر سىيرىلما يول، لەيلەش قاتارلىق كۆڭۈل ئېچىش تۈرلىرىنى قانغۇچە ئوينىدى.

 ساياھەتچى جاڭ يوڭفىڭ مۇنداق دېدى: «مەن سۈرەتكە تارتىشنى بەكمۇ ياخشى كۆرىمەن، بۇ يەرنى كۆپرەك سۈرەتكە تارتىپ قايتقاندىن كېيىن، ساۋاقداشلىرىم، دوست-بۇرادەرلىرىم ۋە ئائىلەمدىكىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمەن، بۇ يەرنى سۈرەتكە تارتسا شۇنچە چىرايلىق چىقىدىكەن.»

 تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ساياھەتنىڭ بېسىق مەزگىلىگە ماسلىشىش ئۈچۈن، تۇز كۆل مەنزىرە رايونى بارلىق كۆڭۈل ئېچىش تۈرلىرىنى ئېچىۋەتكەن ھەمدە قەرەللىك ھالدا بەلگىلەنگەن نۇقتىدا دېزىنفېكسىيە قىلىپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلغان. «ساياھەتچىلەر كىرگەن مەنزىرە رايونىنىڭ ئەسلىھەلىرى ھەر كۈنى دېزىنفېكسىيە قىلىنىدۇ، مەسىلەن تۇز تېيىلىش، لەيلەش، سىرتتا ساياھەت قىلىش قاتارلىقلار، خىزمەتچىلەر ھەر كۈنى قەرەللىك كېلىپ دېزىنفېكسىيە قىلىدۇ.» دېدى تۇز كۆل مەنزىرە رايونىنىڭ باش دىرېكتورى ۋاڭ ۋېي.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى