تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

موڭغۇلكۈرەنى سەيلە قىلىپ، سىرلىق شاتا مەنزىرە رايونىغا بېرىش

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز جاڭ دۇڭمېي، جاۋ چاڭفۇ خەۋىرى، فوتوسى): سەھەردە موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى شاتا مەنزىرە رايونىنىڭ مەنزىرىسى ئۆزگىچە بولۇپ، قەدىمىي يولنى سەيلە قىلىپ، ساپ ھاۋادىن نەپەسلىنىپ، ئۆزگىچە جىمجىتلىقنى ھېس قىلغان شۇ دەقىقىلەردە تەبىئەتنىڭ قوينىغا سىڭىپ كېتىسىز.

  5-ئاينىڭ 11-كۈنى، «بىزنىڭ ئاستا قەدەملىك سەپىرىمىز. موڭغۇلكۈرەنى كېزىپ ساياھەت قىلىش» تېمىسىدىكى ساياھەت بىۋاسىتە كۆرسىتىش، شىنجاڭنى چوڭقۇرلاپ ھېس قىلىش ساياھەت پائالىيىتى رەسمىي باشلاندى.

     بۇ قېتىمقى موڭغۇلكۈرە مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى پىلانلىغان ساياھەت بىۋاسىتە كۆرسىتىش پائالىيىتى دوۋيىن(抖音)، كۇەيشوۋ(快手) قاتارلىق بىر قانچە سىنلىق بىۋاسىتە كۆرسىتىش سۇپىلىرىدا ماس قەدەمدە بىۋاسىتە كۆرسىتىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، «شىنجاڭ ياخشى جاي»نى كۇەيشوۋ(快手) ھۆكۈمەت تەرەپ سۇپىسىدا بىۋاسىتە كۆرسىتىش 549 مىڭ تورداشنى جەلپ قىلدى، «شىنجاڭنى تاماشا قىلىش ساياھەت يېتەكچىسى»نىڭ دوۋيىن(抖音)دا بىۋاسىتە كۆرسىتىلىشى 13 مىڭ تورداشنى جەلپ قىلدى، شۇ كۈنى سائەت 18:00گىچە، ھەرقايسى سۇپىلار مەملىكەتتىكى 560 مىڭدىن ئارتۇق تورداشنى سېھرىي كۈچكە تولغان موڭغۇلكۈرەگە جەلپ قىلدى.

  شاتا مەنزىرە رايونىدىكى قارلىق تاغ، چىملىق، ئورمانلىق، دەريا-ئېقىنلاردىن شەكىللەنگەن تىك تاغ تەبىئىي مەنزىرىسىگە يىراقتىن نەزەر سالغاندا، مۇز شارقىراتمىسى، مۇز موگۇسى قاتارلىق غەيرى مۇزلۇقلارنى ھەممىلا يەردە ئۇچراتقىلى، شۇنداقلا سۇغۇرنىمۇ ھەممىلا يەردە كۆرگىلى بولاتتى.

     سوغۇق ھاۋا رايى بىۋاسىتە كۆرسىتىش قىزغىنلىقىنى توسۇپ قالالمىدى، بىۋاسىتە تارقىتىش، ئىجاد قىلىش، دوۋيىن(抖音)دا تارقىتىش پۈتۈن مەملىكەتتىكى تورداشلارغا بۇ پاكىز ماكاننى نامايان قىلىپ بەردى.

  5-ئاينىڭ 12-، 13-كۈنلىرى سائەت 12:00دە، ساياھەت بىۋاسىتە كۆرسىتىشى يەنە موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىدىكى سۇلۇق يەر باغچىسى، شېڭيوۋمياۋ مەنزىرە رايونىدا ساياھەتچىلىكنى تونۇشتۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى