تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئابلاجان يېپيېڭى تۇرمۇشنى كۈتۈۋالدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى سۈي يۈنيەن، لى شىڭ

4 - ئاينىڭ 9 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، مۇخبىرلار ئۇنسۇ ناھىيەسى ئارال بازىرىدىكى ئابلاجان ئابلەتنىڭ ئۆيىگە كەلدى. ئازادە مېھمانخانىغا ئىككى رەت كۆركەم رەخت سافا تىزىلغان، ئوتتۇرىغا ئىككى ساجى بىرلەشتۈرۈلۈپ قويۇلغان بولۇپ، ھەر خىل قۇرۇق مېۋە - چېۋە، پېچىنە - پىرەنىك تىزىلغانىدى. ھەربىر ئۆيگە تەشتەك گۈللىرى قويۇلغان بولۇپ، يېشىللىق تۈسى بېرەتتى، گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلغانىدى.

«شەھەرلىكلەرنىڭ تۇرمۇشىدىن پەرقلەنمەيدىغاندۇ.» ئابلاجاننىڭ ئېيتىشىچە، ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلغاندىن كېيىن، ئۇ يېپيېڭى تۇرمۇشنى كۈتۈۋاپتۇ.

بازاردىكى سودىسى ئەڭ ياخشى ئاپتوموبىل رېمونت دۇكىنى

ئابلاجان بازاردا بىر ئاپتوموبىل رېمونت دۇكىنى ئاچقان، دۇكان ئولتۇراق رايوننىڭ يېنىدىلا بولۇپ، ئىشىكى كوچىغا قارايتتى، ئادەملەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدىغان بولۇپ، ئىنتايىن ئاۋات ئىدى. «سىز كېلىشتىن ئىلگىرى، مەن ئون نەچچە خېرىدارنى كۈتۈۋالدىم.» ئابلاجان مۇنداق دېدى: دۇكىنىمنىڭ سودىسى يامان ئەمەس، ئالدىنقى كۈنىلا 10 مىڭ يۈەنلىكتىن كۆپرەك ئاپتول كىرگۈزدۈم.

دۇكاندىكى كەسىپلەر ئاساسلىقى ئاپتوموبىل ۋە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ توك يولى كاشىلىسىنى رېمونت قىلىش، ئاپتول ئالماشتۇرۇش ھەمدە ئاددىي ئاسراش ئىكەن. ئابلاجان پەخىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: «يېقىن ئەتراپتا ئاپتوموبىل رېمونت قىلىدىغان دۇكاندىن ئۈچى بار، پەقەت مەنلا توكچى».

مۇخبىرلار دۇكاندا ئىككى كومپيۇتېرنىڭ بارلىقىنى كۆردى، بىرى موتورنىڭ ئىچكى كاشىلىسىنى تەكشۈرۈشكە ئىشلىتىلىدىكەن، بىرى سىر تەڭشەشكە ئىشلىتىلىدىكەن.

بۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، بەش كەنت ئاھالىسى ئابلاجاننى ئاپتوموبىلىنى رېمونت قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئىزدىگەن، يەنە يەتتە كىشى تىراكتورىنى تەكشۈرتۈپ رېمونت قىلدۇرۇشقا كەلگەن. ئابلاجان مۇنداق دېدى: ھەر يىلى 2 - ئايدىن 5 - ئايغىچە، تىراكتور رېمونت قىلدۇرۇشقا كېلىدىغانلار بىرقەدەر كۆپ، ھازىر يېزىلاردا قۇرۇلۇش ئىش ئورۇنلىرى كۆپ، قېزىش ماشىنىسىنى رېمونت قىلىش، ئاسراش كەسپىمۇ كۆپىيىپ قالدى. ئابلاجان توك يولى كاشىلىسىنى تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىشنى چەكسىز خۇشاللىق دەپ بىلىدىكەن، گۇمانلىق، قىيىن، مۇرەككەپ مەسىلىلەرگە يولۇققاندا، ئۇ باشقا دۇكاندىكى ئۇستاملارنى چاقىرىپ كېلىپ بىرلىكتە كاشىلىنى تېپىپ، ھەل قىلىش چارىسىنى مەسلىھەتلىشىپ، كاشىلىنى تۈگەتسە، ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسىغا ئىگە بولىدىكەن.

ئابلاجان مۇنداق دېدى: ھازىر دېھقانلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى ئۆستى، ياخشى ئۆيگە ئىگە بولغاندىن كېيىن يەنە ئاپتوموبىلى بولۇشنى ئويلايدۇ، ھېچبولمىغاندا نىمكەش ئاپتوموبىل سېتىۋالسىمۇ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ. مۇخبىرلارنىڭ ئىگىلىشىچە، ئارال بازىرىدىكى 1000دىن كۆپرەك دېھقان ئائىلىسىدە ئاپتوموبىل بار ئىكەن.

ئابلاجانمۇ بۇلتۇر 9 - ئايدا بىر ئاپتوموبىل سېتىۋاپتۇ. «100 نەچچە مىڭ يۈەن خەجلىدىم، 10 مىڭ كىلومېتىردىن كۆپرەك يول يۈردۈم، ئاقسۇ شەھىرىگە مال كىرگۈزۈشكە بارغاندىن سىرت، يەنە دائىم ئائىلەمدىكىلەرنى ئېلىپ ئايلىنىپ كېلىمەن» دېدى ئۇ.

بۇ كۈنى بۇ بازارنىڭ بازار كۈنى بولۇپ، چۈشتە بازار قىزىپ كەتكەنىدى. ئابلاجان ئىشىك ئالدىدىكى دورا دۇكىنىدىن بىر بولاق ماسكا سېتىۋالدى، ئۇ ئىشتىن بالدۇرراق چۈشۈپ، خوتۇنى بىلەن بازار ئايلىنىپ، يەيدىغان نەرسىلەرنى سېتىۋېلىشنى پىلانلىدى.

قەلب دەرۋازىسىنى ئېچىش

«ھازىرقى ياخشى تۇرمۇشتىن ئۆزۈم بىر مەھەل ۋاز كېچىپتىكەنمەن.» ئابلاجاننىڭ ئېيتىشىچە، ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىدا، ئۇ ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچرىغان، روھىي ھالىتىدە ئۆزگىرىش بولغان، ئۇ 6 - سىنىپقىچىلا ئوقۇغان ۋە «دوستلىرى» بىلەن ئارىلىشىپ بىللە يۈرگەن، كېيىن ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ خىزمەت ئىشلىگەن، ئۇ زورمۇزور قايتىپ بېرىپ ئىككى يىل ئوقۇپ، يەنە ئوقۇشتىن توختاپ قالغان.

ئابلاجاننىڭ ئېيتىشىچە، ئەمەلىيەتتە ئۇ يېڭىلا مەكتەپكە كىرگەن چاغلاردا نەتىجىسى خېلى ياخشى بولۇپ، كېيىن ھەمىشە ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى ئېغىر بوۋىسىنىڭ: «ھۆكۈمەتنىڭ مەكتىپىدە ئوقۇش، پۇتۇڭخۇادا سۆزلىشىشنىڭ ھەممىسى مۇسۇلمانچە ئەمەس» دېگەن سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ئۆگىنىشتىن بىزار بولۇش كەيپىياتى پەيدا بولغان.

كېيىن، قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە كۆپلەپ قاتنىشىپ، ئەسەبىي ئۇنسۇرلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ئابلاجان «جەننەت» بىلەن «دوزاخ»قا بەك قىزىقىپ، «كاپىر»لارغا ئۆچمەنلىك بىلەن قارىغان. ئۇ ئوقۇشتىن توختىغاندىن كېيىن، ئاقسۇ شەھىرىدىكى بىر ئاپتوموبىل رېمونت دۇكىنىدا ئىشلەمچىلىك قىلغان، بۇ مەزگىلدە باشقا مىللەتتىن بولغان خېرىدارلارنى كۈتۈۋېلىشنى خالىمىغان، بەزىدە ھەتتا ئۇلارنىڭ ئاپتوموبىلىدىكى نەرسىلەرنى قەستەن بۇزۇۋەتكەن.

ئوغلىنىڭ بارغانسېرى چەكتىن ئېشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تەشۋىشلەنگەن دادىسى ئابلەت بەكرى كەنت كادىرلىرىنى ئىزدەپ، بىرلىكتە ئابلاجاننى ئونسۇ ناھىيەلىك كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىگە بېرىپ ئۆگىنىشكە قاتنىشىشقا قايىل قىلغان. «دادام مېنىڭ بۇ يەردە بىر مەزگىل ئۆگىنىشىمنى، ئاۋۋال مۇھىتنى كۆرۈپ بېقىشىمنى ئېيتتى. دەرسخانا، ياتاق، ئاشخانا، تەنتەربىيە سارىيىنى كۆرۈپ، دادام ناھايىتى رازى بولدى، مەنمۇ ناھايىتى ياخشى ھېس قىلدىم» دېدى ئابلاجان.

شۇنىڭدىن كېيىنكى ئۆگىنىش، تۇرمۇش ئابلاجاننىڭ قەلب دېرىزىسىنى ئاچتى. ئۇ پۇتۇڭخۇانى بارغانسېرى ياخشى سۆزلەيدىغان بولدى، يەنە كومپيۇتېر يۇمشاق ماتېرىيالىنى ئىشلىتىشنى ئۆگىنىۋالدى، ئەڭ مۇھىمى ئۇ ئەسەبىي ئۇنسۇرلارنىڭ ھەقىقىي قىياپىتىنى ئېنىق تونۇپ يەتتى. «ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىدىن باشقا، ئۇلار يەنە بۆلگۈنچىلىك ۋە زوراۋانلىق، تېررورلۇق ئىدىيەسىنى تارقىتىپ، قەلبىمگە پىچاق سېلىپ، مېنى جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە ئۈزلۈكسىز قايمۇقتۇردى.» ئابلاجان ئۈنلۈك ئاۋازدا مۇنداق دېدى: «بۇنىڭدىن كېيىن ئەمدى ھەرگىز ئالدانمايمەن!»

ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز مىننەتدارلىق ھېسسىياتى

مەكتەپتىكى تۇرمۇشىنى تىلغا ئالغاندا، ئابلاجان سېغىنىش ھېسسىياتىغا تولىدۇ. «ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلغاندىن كېيىن، ئۆزۈمنى بىردىنلا يېنىكلەپ قالغاندەك ھېس قىلدىم، شۇنچە كۆپ بىلىم مېنىڭ ئۆگىنىشىمنى كۈتۈپ تۇرۇپتۇ، تۇرمۇش ئەسلىدە خۇشاللىققا تولغان ئىكەن.» ئۆگىنىشكە كىرىپ ئۇزاق ئۆتمەي، ئۇ ئېغىر زۇكام بولۇپ قالغان، مەكتەپتىكى دوختۇرلار پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن داۋالىغان، ئوقۇتقۇچى - ساۋاقداشلار كۆڭۈل قويۇپ ھالىدىن خەۋەر ئالغان، ئۇ بۇنىڭدىن ئىنتايىن ئىللىقلىق ھېس قىلغان.

2019 - يىلى 4 - ئايدا، ئابلاجان تەربىيەنى تاماملىدى، كەنت كادىرلىرى ۋە كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار ئۇنىڭدىن: «بۇنىڭدىن كېيىن قانداق پىلانىڭ بار؟ قىيىنچىلىق بارمۇ؟» دەپ سورىغاندا، ئابلاجان مۇنداق دېگەن: «ئائىلىمىزدە قىيىنچىلىق يوق، ئاپتوموبىل رېمونت دۇكىنى ئېچىشنى ئويلاۋاتىمەن.» كۆپچىلىكنىڭ ياردىمىدە، ئۇنىڭ ئارزۇسى تېزلا رېئاللىققا ئايلانغان.

«كوچا بويىدىكى ھويلىنى ئاپتوموبىل رېمونت قىلىش دۇكىنىغا ئۆزگەرتتۇق، رەسمىيەتلەرنى بىرنەچچە كۈندىلا بېجىرىپ بولدۇق، ماتېرىيال كىرگۈزۈشكە بىر ھەپتە ۋاقىت كەتتى، دۇكان ناھايىتى تېزلا تىجارەت باشلىدى. ئىلگىرى ئاددىي رېمونتچىلىقنىلا بىلەتتىم، تەربىيەلەش مەركىزىدە ئۆگەنگەن كومپيۇتېر بىلىملىرىنى ئەمدى ئىشلىتەلەيدىغان بولدۇم» دېدى ئابلاجان مىننەتدارلىق بىلەن.

دادىسى ئابلەت مۇنداق دېدى: ئوغلۇم ئىش ئۇقىدىغان بولدى، توغرا يولغا ماڭدى، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن پۇل تېپىپ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشنى ئويلايدىغان بولدى، بۇ پۈتۈن ئائىلىدىكىلەر كۆرۈشنى ئەڭ ئارزۇ قىلىدىغان ئىش.

بۈگۈنكى كۈندە، ئابلاجان دائىم ئەتراپىدىكى تۇغقانلىرىغا قانۇننى سۆزلەيدۇ، ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ خەۋپىنى سۆزلەيدۇ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ مۇھىملىقىنى سۆزلەيدۇ. «مەنمۇ كۆپچىلىكنىڭ ئىدىيەسىدە زور ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى ھېس قىلدىم، ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ <بازىرى> قالمىدى!» دېدى ئۇ.

پاراڭ ئارىلىقىدا ئابلاجاننىڭ خوتۇنى ئارزۇگۈل ئەمەت ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيىگە قايتىپ كەلدى. ئۇلار ئىككىسى شوپۇرلۇق مەكتىپىدە ئاپتوموبىل ھەيدەشنى ئۆگىنىۋاتقاندا تونۇشۇپ، بىر كۆرۈپلا ياخشى كۆرۈشۈپ قېلىپ، بۇلتۇر 11 - ئاينىڭ 9 - كۈنى بازاردىكى رېستوراندا قىزغىن توي مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن. «تويغا 200دىن ئارتۇق ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - بۇرادەرلىرىمىز كەلدى، بىز ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، بەك خۇشال بولدۇق.» ئارزۇگۈلنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار يەنە تويلۇق سۈرەتكە چۈشۈشكە 2000 يۈەندىن كۆپرەك خەجلەپتۇ.

ئارزۇگۈل بازاردىكى بىر يان تېلېفون مەخسۇس سېتىش دۇكىنىدا ئىشلەمچىلىك قىلىدىغان بولۇپ، مودا كىيىنىۋالغانىدى. «ئابلاجان مېنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلىشىمنى قوللىدى، كىيىمنىمۇ ئۇ تاللاپ بەرگەن» دېدى ئارزۇگۈل.

ئابلاجان خوتۇنىنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئەگەر ئەسەبىي ئۇنسۇرلارنىڭ ئاشۇ گەپلىرىنى ئاڭلىغان بولساق، كىشىلىك ھاياتتىكى ئەڭ مۇھىم توي مۇراسىمىمىزدا ناخشا - مۇزىكا بولمايتتى، ئۇسسۇل بولمايتتى، كۈلكە بولمايتتى، بەخت تۇيغۇسى تېخىمۇ بولمايتتى. «ھېلىمۇ ياخشى مەن ئالۋاستىنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلۇپ قالدىم، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە بولغان مىننەتدارلىق ھېسسىياتىمنى سۆزلەپمۇ تۈگىتەلمەيمەن» دېدى ئۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى