ھاۋانىڭ ئىسسىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 4-شىسى كۆكدالا شەھىرى توپ-توپ بولغان ئىسقىرتقىنى كۈتۈۋالدى.
ئىسقىرتقا قەدىمدىن تارتىپ ئەتىۋارلىق قۇش، دەپ قارىلىپ كەلدى، ئىسقىرتقا چىرايلىق بولۇپ، كىشىنىڭ ئامراقلىقىنى كەلتۈرىدۇ.
كۆكدالا شەھىرىگە كەلگەن ئىسقىرتقىلار شاختىن-شاخقا سەكرىشىپ ئوينىشاتتى، ئۇلارنىڭ كېلىشى خۇددى تاغ–دالىلارغا بىر توپ پەرىلەر كەلگەندەك، ئۇلارنىڭ لەرزان، يېقىملىق ناخشا ساداسى ئىنسانلارنىڭ تىنچلىقىنى، جاھاننىڭ تىنچلىقىنى، كۆكدالا تىنچلىقىنى مەدھىيەلىگەندەك بىلىنەتتى.
ئىگىلىنىشىچە، ئىسقىرتقا دۆلەت 2-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋان بولۇپ، «دۇنيا تەبىئەتنى قوغداش ئىتتىپاقى»دىكى يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان قۇشلار قىزىل رەڭلىك تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.
شىنجاڭ بىڭتۇەن ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى