تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

2023-يىللىق خەلقئارا ۋاسكېتبولچىلار بىرلەشمىسى دۇنيا لوڭقىسى ۋاسكېتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئۆتكۈزۈش ۋاقتى بېكىتىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5-ئاينىڭ 11-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار لى بوۋېن، لى دېرېن) خەلقئارا ۋاسكېتبولچىلار بىرلەشمىسى 5-ئاينىڭ 11-كۈنى 2023-يىللىق خەلقئارا ۋاسكېتبولچىلار بىرلەشمىسى دۇنيا لوڭقىسى ۋاسكېتبول مۇسابىقىسىنىڭ 2023-يىلى 8-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 10-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى مۇقىملاشتۇردى.

ئىگىلىنىشىچە، 2023-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى ۋاسكېتبول مۇسابىقىسىنىڭ گۇرۇپپا مۇسابىقىسى ھىندونېزىيە، ياپونىيە، فىلىپپىندا تەڭلا ئۆتكۈزىلىدىكەن، ھەل قىلغۇچ باسقۇچىدىكى مۇسابىقىلەر فىلىپپىننىڭ پايتەختى مانىلادا ئۆتكۈزۈلىدىكەن. بۇ دۇنيا لوڭقىسى ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى تارىخىدا مۇسابىقىنىڭ تۇنجى قېتىم كۆپ دۆلەتتە ئۆتكۈزۈلۈشى ھېسابلىنىدۇ.

مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان كوماندا سانى جەھەتتە، كوماندا سانى كۆپەيتىلگەندىن كېيىنكى 2019-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى ۋاسكېتبول مۇسابىقىسىگە 32 كوماندا قاتناشقان بولۇپ، خەلقئارا ۋاسكېتبولچىلار بىرلەشمىسى ھازىرغىچە ئۆتكۈزگەن كۆلىمى ئەڭ چوڭ مۇسابىقە ھېسابلىنىدۇ. 2023-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى 2019-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى ۋاسكېتبول مۇسابىقىسىگە ئوخشاش بولىدۇ.

خەلقئارا ۋاسكېتبولچىلار بىرلەشمىسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2017-يىلىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان خەلقئارا ۋاسكېتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ يېڭى رىقابەت سىستېمىسى غايەت زور مۇۋەپپەقىيەت قازاندى، 2023-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى بۇ رىقابەت سىستېمىسىنى داۋاملاشتۇرىدۇ.

دۇنيا لوڭقىسى ۋاسكېتبول مۇسابىقىسىنىڭ تاللاش مۇسابىقىسى 15 ئاي داۋاملىشىدىغان بولۇپ، 2021-يىلى 11-ئايدىن 2023-يىلى 2-ئايغىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ. 80 كوماندا ئافرىقا، ئامېرىكا، ئاسىيا/ئوكيانىيە ۋە ياۋروپا قىتئەسىدىن ئىبارەت تۆت مۇسابىقە رايونىدا 6 مۇسابىقە كۆزنىكى ئارقىلىق رەسمىي مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىنى تالىشىدۇ. دۇنيا لوڭقىسى ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى تاللاش مۇسابىقىسىنىڭ بىرىنچى كۆزنىكى 2021-يىلى 11-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 30-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى