تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

سىز راستتىنلا ساغلام چاي ئىچەمسىز (1)

  چاي ئىچىپ كۈتۈنۈش جۇڭگولۇقلارنىڭ نەچچە مىڭ يىل داۋاملىشىپ كەلگەن ئەنئەنىسى، راكقا قارشى تۇرۇش، يۈرەك قان تومۇرلىرىنى قوغداش، رادىياتسىيەدىن ساقلىنىش، زىيادە سېزىمچانلىققا قارشى تۇرۇش، ياشانغانلار دېۋەڭلىك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش... يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چاينىڭ ساغلاملىق ئۈنۈمى توغرىسىدىكى تەتقىقاتلار بارغانسېرى كۆپىيىپ، كىشىلەرگە نۇرغۇن ساغلاملىق مەسىلىلىرىنى بىر ئىستاكان چاي بىلەن ھەل قىلغىلى بولىدىغاندەك تەسىر بەردى.

  چاينىڭ ئاساسلىق ئالتە خىل رولى بار

  1. ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش. تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، كۆك چاينىڭ تەجرىبىگە قاتناشقان باشقا 21 خىل كۆكتات ۋە مېۋىگە قارىغاندا ئوكسىدلىنىشقا قارشى ئاكتىپلىقى نەچچە ھەسسە يۇقىرى ئىكەن. يەنە بەزى تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، چايدىن ئايرىۋېلىنغان ماددىلارنىڭ ئوكسىدلىنىشقا قارشى ئاكتىپلىقى ۋىتامىن C ۋە ۋىتامىن Eدىنمۇ كۈچلۈك ئىكەن. شۇڭا چاي ئىچكەندە، ئوكسىدلىنىپ زەخىملىنىشتىن كېلىپ چىققان قېرىش ۋە راكنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدىكەن.

  2. يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش. چاينىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان ساقلىقنى ساقلاش ئېففىكتىگە دائىر تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، چاينى ئىزچىل ئىچىش قان بېسىمى، قاندىكى ياغ ۋە قان شېكىرىنى تۆۋەنلىتىشكە پايدىلىق بولۇپلا قالماي، يەنە تاجىسمان يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشتىن كېلىپ چىققان ئۆلۈش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە قارا چاي ۋە ۋۇلۇڭ چېيى(乌龙茶)نىڭ ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى ئىكەن.

  3. راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش. راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش چاينىڭ ساغلاملىق ئۈنۈملىرىنىڭ بىرى بولۇپ(ئۆپكە راكى، قىزىلئۆڭگەچ راكى، جىگەر راكى، بوغماق ئۈچەي راكى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، كۆك چاينىڭ راكقا قارشى تۇرۇش رولى ئەڭ ياخشى ئىكەن، چۈنكى ئۇنىڭدا كاتېخولىن(儿茶素) بار. ياپونىيەنىڭ 8000دىن ئارتۇق ئادەمنى 10 يىل ئىز قوغلاپ يەكۈنلىگەن ئىلمىي تەتقىقاتىدا ئىسپاتلىنىشىچە، كۈندە 10 ئىستاكان كۆك چاي ئىچىپ بەرگەندە، راك كېسىلىنىڭ يۈز بېرىشىنى ئوتتۇرىچە ھالدا ئاياللاردا 7.3 يىل، ئەرلەردا 3.2 يىل كېچىكتۈرىدىكەن.

  4. زىيادە سېزىمچانلىققا قارشى تۇرۇپ، چىش قۇرتلاشنىڭ ئالدىنى ئېلىش. تەتقىقاتلاردا بايقىلىشىچە، چاي تەركىبىدىكى كاتېخولىننىڭ زىيادە سېزىمچانلىققا قارشى تۇرۇش رولى بولۇپ، دېڭىز مەھسۇلاتى، گۈل چىڭىگە زىيادە سېزىمچان كىشىلەر كۆپرەك چاي ئىچىپ بەرسە بولىدىكەن. چۈنكى، چاي تەركىبىدىكى چاي پولىفېنول تۈرىدىكى بىرىكمىلەر چىش ئارىلىقىدا ساقلانغان چىرىتكۈچى باكتېرىيەلەرنى ئۆلتۈرىدىكەن ھەمدە چىشنىڭ سىرتقى يۈزىگە ئاسان يېپىشىۋالمايدىكەن، شۇنىڭ بىلەن چىش قۇرتلاپ كېتىشىنىڭ ئالدى ئېلىنىدىكەن، شۇڭا ئادەتتە چىش پاستىسىغا چاي پولىفېنولى قوشۇلىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، چاي تەركىبىدىكى فتورنىڭمۇ چىشنى چىڭىتىش رولى بار ئىكەن.

  5. ياشانغانلار دېۋەڭلىك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش. ئەڭ يېڭى تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، دائىم چاي ئىچىپ بېرىش ياشانغانلارنىڭ بىلىش ئىقتىدارىنىڭ چىكىنىپ كېتىشىنى تۆۋەنلىتىدىكەن، 70 ياشتىن ئاشقانلار ھەر كۈنى 2-3 ئىستاكاندىن ئارتۇق چاي ئىچسە، ياشانغانلار دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى تۆۋەنلەيدىكەن.

  6. تاماكا چېكىشتىن زەخىملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش. «چاي ئىچكەندە، تاماكا چېكىشتىن كېلىپ چىققان DNAنىڭ زەخىملىنىشىنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولىدۇ، بۇ بىزنىڭ ئادەم بەدىنى تەجرىبىسى ئارقىلىق چىقارغان يەكۈنىمىز، شۇنداقلا دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان يەكۈن ھېسابلىنىدۇ» دېدى جۇڭگو كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى ئوزۇقلۇق ۋە يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى، پىروفېسسورى خەن چى.     

 خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى