تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز دۇەن شياۋلى خەۋىرى، فوتوسى): تۇمشۇقى ئۇچلۇق، پۇتى بىلەن بوينى ئۇزۇن، گەجگىسى بىلەن دۈمبىسىدە قارامتۇل يېشىل پەيلىرى بار بىر «غەلىتە قۇش» ئاممىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا تۇراتتى. خەلق ساقچىلىرى مەلۇمات تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، بۇ «غەلىتە قۇش»نىڭ سالاھىيىتىنىڭ ئاددىي ئەمەسلىكىنى، دۆلەت بىرىنچى دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋان ___ «قۇشلارنىڭ ئېسىلزادىسى» قارا لەيلەك ئىكەنلىكىنى بايقىدى، قانىتى يارىلىنىپ ساقچىلار تەرىپىدىن قۇتقۇزۇۋېلىنغاندىن بۇ قارا لەيلەك ھازىر باي ناھىيەلىك ئورمان ساقچىخانىسىغا يەتكۈزۈپ بېرىلدى.
ئىگىلىنىشىچە، قارا لەيلەك دۆلەت بىرىنچى دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ھايۋان بولۇپ، بەدىنىنىڭ شەكلى گۈزەل، رەڭگى ئوچۇق، ھەرىكىتى چاققان، مىجەزى سەزگۈر چوڭ تىپتىكى قۇشقا تەۋە ئىكەن. يېتىلگەن قۇشنىڭ تەن ئۇزۇنلۇقى بىر مېتىردىن 1.2 مېتىرغىچە، ئېغىرلىقى ئىككى كىلوگرامدىن ئۈچ كىلوگرامغىچە بولىدىكەن؛ ئۈستۈنكى تېنى قارامتۇل قوڭۇر رەڭلىك، مېتال بىنەپشە يېشىل رەڭلىك، ئاستىنقى تېنى ئاق رەڭلىك ئىكەن؛ ئۇنىڭ ئېغىزى، كۆز ئەتراپى، پاچاق ۋە پۇتى قىزىل رەڭدە ئىكەن. بەدەن شەكلى ئېگىز ھەم گۈزەل بولغاچقا، كىشىلەر ئۇنى «قۇشلارنىڭ ئېسىلزادىسى» دەپمۇ ئاتايدىكەن. بۇ تۈر 1998-يىلى «جۇڭگو يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ھايۋانات قىزىل تاشلىق كىتابى»غا كىرگۈزۈلگەن. ھازىر يەر شارىدىكى قارا تۇرنىنىڭ سانى ئىنتايىن ئاز بولۇپ، ئۇنىڭ قىممەتلىك دەرىجىسى مۈشۈكئېيىقتىن قېلىشمايدىكەن.
شىنجاڭدا قارا لەيلەك ئاساسلىقى تارىم ئويمانلىقىدا ياشايدىغان بولۇپ، ھەر يىلى قىشتا 500 ئەتراپىدىكى قارا لەيلەك تارىم ئويمانلىقى ئاسمىنىدا ئۇچىدىكەن، قارا تۇرنىنىڭ ئېلىمىز تەۋەسىدىكى سانى 2000غا يەتمەيدىكەن.