تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىڭتۇەن

شىنجاڭ بىڭتۇەن «1-ماي»باغچىسى ئېچىلدى

    ماي بايرىمىلىق دەم ئېلىشتا، كۆپچىلىك خۇشال بولغاندىن سىرت يەنە بىر ئورتاق مەسىلىگە دۇچ كەلدى، ئۇ بولسىمۇ «نەگە بېرىپ ئوينايمىز؟» بۈگۈن كۆپچىلىككە راھەت ئىستىراھەت رايونى يەنى دۆلەت A A A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى __ شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى «1-ماي» دۆلەت يېزا-ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنى تەۋسىيە قىلىمىز.

 تەۋسىيەنىڭ 1- سەۋەبى: ئارىلىق يېقىن، مۇساپە قىسقا
   «1-ماي» دۆلەت يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى ئۈرۈمچى-سانجى تېز سۈرئەتلىك يولىنىڭ شىمالىي تەرىپىگە جايلاشقان بولۇپ، شەرقتە ئەننىڭچۇ بازىرىغا تۇتىشىدۇ، غەربتە سانجى شەھىرى بىلەن قوشنا، ئۈرۈمچى شەھىرىگە 13 كىلومېتىر كېلىدۇ، سانجى شەھىرىگە 9 كىلومېتىر كېلىدۇ. يىراقتىن شىنجاڭ چوڭ تىياتىرخانىسىنى كۆرگىلى بولىدۇ، تۇدۇڭخابا دەرياسى ۋادىسى ئېكولوگىيەلىك ساياھەت، تەنتەربىيە، ئىستىراھەت ئورمان باغچىسى بىلەن قوشنا، ئۈرۈمچى-سانجى ئەتراپىدىكى شەھەر ئاھالىلىرى ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ، تۇدۇڭخابا ۋادىسىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى كۆرەلەيدۇ.

   تەۋسىيەنىڭ 2-سەۋەبى: مودەنگۈلنى تاماشا قىلىپ، گۈل-گىياھلارنى تاللىغىلى بولىدۇ

   مودەنگۈل پورەكلەپ ئېچىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە ئەنئەنىۋى، قىممەتلىك «ئىككى غوللۇق مودەنگۈل» بار. بۇنىڭدىن باشقا، باغدا يەنە خۇددى تىرىك كېپىنەككە ئوخشايدىغان ئورخىدىيە، ھەرخىل گۆشلۈك ئۆسۈملۈكلەر بار. ئەگەر باشقا سورتلارنى سېتىۋالماقچى بولسىڭىز، شۇ جايدىكى «1-ماي» دېھقانچىلىق مەيدانى 2-ليەنىنىڭ ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىك بازىسىغا بېرىپ، بىڭتۇەن ئىشچى-خىزمەتچىلىرى تېرىغان گۈل-گىياھلارنى پارچە سېتىش دۇكىنىدىن سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ.

    تەۋسىيەنىڭ 3-سەۋەبى: گۈزەل مەنزىرە ھەم مەززىلىك يېمەك-ئىچمەكلەر تولۇق 

    بۇ باغچىدا ياپيېشىل دەرەخ، قىپقىزىل گۈللەر، كىچىك كۆۋرۈك، ئېقىن سۇلار، گۈزەل مەنزىرىلەرنىڭ ھەممىسى بار... كاۋاپ، راڭپىزا، پىچىنە-پېرەنىك... خەلق ئارىسىدىكى ھەرخىل ئېسىل يېمەك-ئىچمەكلەر، تەمى ساپ، تۈرى تولۇق. يايما رايونىدا يەنە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 12-شىسى 51-دېھقانچىلىق مەيدانىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر تېرىغان تۈرلۈك ئەلا سورتلۇق مېۋە-چېۋە، كۆكتاتلار بار بولۇپ، خاتىرجەم سېتىۋېلىشىڭىزنى ھەم خاتىرجەم يېيىشىڭىزنى قارشى ئالىدۇ. ئەگەر باغچىدىكى نازۇ-نېمەتلەر سىزنى رازى قىلالمىسا، ھېچقىسى يوق، سىرتقا چىقىپ سولغا بۇرۇلۇپ، ئۇدۇل شىمالغا قاراپ ماڭسىڭىز، ھەرجاينىڭ ھەر خىل ئۆزگىچە قورۇمىلىرىنىڭ تەمى ئېغىزىڭىزدا قالىدۇ.

.

تەۋسىيەنىڭ تۆتىنچى سەۋەبى: پۇل تېجەپ قالالايسىز

   باغچىدا «قوش رەڭلىك گۈل شاھى» بولۇپلا قالماي، يەنە گۈزەل مەنزىرىلەر، ئېسىل تائاملار سىزنىڭ كېلىپ كۆرۈپ، تېتىپ بېقىشىڭىزنى قارشى ئالىدۇ. ئەڭ مۇھىمى، باغچىغا كىرىش ئىشىك بېلىتى ھەققى ئېلىنمايدۇ! باغچىدىكى بارلىق مەھسۇلاتلارنى ئۆز ئىختىيارىڭىز بىلەن سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ.

شىنجاڭ بىڭتۇەن ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى