تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

ئىشقا بېرىش ۋە ئىشتىن قايتىش يولىدا مېڭىڭىزنى چېنىقتۇرۇڭ

ئىشقا بېرىش ۋە ئىشتىن قايتىش يولىدا، ئاممىۋى ئاپتوبۇسقا ئولتۇرغۇچىلار دائىم كۆزىنى يۇمۇپ ئارام ئېلىش، مۇزىكا ئاڭلاش ياكى دوستلار چەمبىرىكى كۆرۈش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ۋاقىت ئۆتكۈزىدۇ. ئەنگلىيە لوندون نېرۋا ئىلمى ئالىمى، دوكتور رىلېن ياكوبسون ئىشقا ماڭغاندىكى ۋە ئىشتىن قايتقاندىكى ۋاقىتنى ئەمەلىيەتتە چوڭ مېڭىنى چېنىقتۇرۇشنىڭ ئەڭ ياخشى پۇرسىتى دەپ قارىغان ھەمدە «ئىشقا بېرىش ۋە ئىشتىن قايتىش يولىدىكى ئەقلىي ئىقتىدارنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنىڭ بەش خىل ئۇسۇلى»نى يەكۈنلەپ چىققان.

1. كۈندىلىك خاتىرە يېزىش. كانادا ۋىكتورىيە داشۆسىنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتىدىن بايقىلىشىچە، يېزىقچىلىق بىلەن ئەقىل بۆلۈنمىسى ئوتتۇرىسىدا مۇھىم باغلىنىش بار ئىكەن. كۈندىلىك خاتىرە يېزىش ئارقىلىق بىر كۈنلۈك خىزمەت ۋە تۇرمۇشنى رەتلىگىلى بولۇپلا قالماي، يەنە دىققەتنى، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى ۋە ئىجادىي تىل ئىشلىتىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدىكەن. كۈندىلىك خاتىرىنى ھەرخىل يېزىشقا بولىدۇ، خۇشاللىنارلىق ئىشلار ياكى كۆڭۈلنى ئازابلىغان چوڭ-كىچىك ئىشلارنى، مەمنۇن بولغان ئىشلار ياكى ئەڭ تەسىر قىلغان ئىشلارنى ۋە باشقىلار بىلەن بولغان پىكىرلىشىش ئەھۋالى قاتارلىقلارنى خاتىرىلىسە بولىدۇ.

2. يېڭى ماھارەت ئۆگىنىش. ئىشقا بېرىپ كېلىدىغان ۋاقىتتا بىر چەت ئەل تىلى ياكى يېڭى ماھارەت ئۆگەنسە بولىدۇ. تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، يېڭى تىل ياكى يېڭى ماھارەتنى ئۆگىنىش چوڭ مېڭە نېرۋا يولىنى كۈچەيتىپ، ئۆگىنىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق بولۇپ، كەلگۈسى ئىقتىدارىنى تېخىمۇ ئاسان ئۆستۈرگىلى ۋە چوڭ مېڭىنىڭ بالدۇر قېرىش خەۋپىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن.

3. كۆزىتىش ئىقتىدارىنى مەشىق قىلىش. كۆپ تۈرلۈك تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، چوڭقۇر خىيال سۈرۈش دىققىتىنى يىغىشنى مەشىق قىلىشقا پايدىلىق ئىكەن. ئەمەلىيەتتە، چوڭقۇر خىيال سۈرۈشنى مەشىق قىلغاندا چوقۇم جىمجىت دېڭىز ساھىلى ياكى جىمجىت ئۆيدە بولۇشنىڭ ھاجىتى يوق ئىكەن. ئىشقا بېرىپ-كېلىش يولىدا دېرىزە سىرتىدىكى مەنزىرىلەرگە قاراش، ئەتراپىدىكى ئىنچىكە ھالقىلارغا دىققەت قىلىش ئارقىلىقمۇ كۆزىتىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى، چوڭ مېڭىنىڭ دىقىقتىنى يىغىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدىكەن. بۇ مەشىق يەنە كىشىلەرنىڭ خىزمەتتىكى بېسىم ۋە تەشۋىشىنى يېنىكلىتىپ، ئۇلارنى جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ئازادە قىلىدىكەن.

4. بىكار ۋاقىتتىكى قىزىقىشىنى يېتىلدۈرۈش. يۇڭ پوپايكا توقۇش ياكى كەشتە تىكىش قاتارلىق ئىشتىن سىرتقى قىزىقىشلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ئارام ئېلىشقا پايدىسى بار ئىكەن. رېتىملىق تەكرار ھەرىكەت ھەم مۇسكۇل خاتىرىسىنى كۈچەيتىدىكەن، ھەم كەيپىياتنى تۇراقلاشتۇرۇپ، چوڭ مېڭىنى تەڭشەپ، روھىي ھالەتنى تېخىمۇ ئەركىن-ئازادە قىلىدۇ.

5. يان تېلېفوندا ئەقىلنى ئاچىدىغان ئويۇن ئويناش. خىزمەتچىلەر سەپەردە ئالاقە دېتالىنى ئوينىغاندىن كۆرە يان تېلېفون ئارقىلىق ئەقىلنى ئاچىدىغان ئويۇنلارنى ئوينىغىنى ياخشى ئىكەن. بۇ ئويۇنلار چوڭ مېڭىنىڭ ھېسابلاش ياكى بوشلۇقتا ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىنى مەشىق قىلدۇرىدىكەن. بۇ ھەم كۆڭۈل ئېچىش ھەم مېڭىنى چېنىقتۇرۇش ھېسابلىنىدۇ.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى