تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش

ئاچا - سىڭىللار قول تۇتۇشۇپ، ئىگىلىك تىكلەش «كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى»دە ياخشى يۈگۈردى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى مېھرىگۈل غوپۇر

ئىختىيارىي مۇخبىر ياڭ جۈپىڭ

«ئالدىنقى مەزگىلدىكى كىيىم - كېچەك زاكازلىرىنى ئىشلەپ بولدۇم، بۈگۈن يەنە يېڭى زاكاز قوبۇل قىلدىم. ئاچا، كىيىم - كېچەك پىششىقلاش زاۋۇتىنىڭ سودىسى بارغانسېرى ياخشى بولۇپ كەتتى، مەن چوقۇم غەيرەت قىلىپ ياخشى ئىشلەيمەن، تېخىمۇ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرىمەن.» 5 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ چۆرېن يېزىسى جېڭگېلدى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى جېمىسگۈل قۇۋانىش يەنە بىر قېتىم تېلېفون بېرىپ ئۇنىڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئاچىسى بىلەن يېقىنقى ئەھۋالى توغرىسىدا پاراڭلاشتى.

جېمىسگۈل تىلغا ئالغان ئاچىسىنىڭ ئىسمى جاڭ رۇيپىڭ بولۇپ، مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ شىجىر بازىرىدىكى بىر كىيىم - كېچەك زاۋۇتىنىڭ باش دىرېكتورى. 2019 - يىلىنىڭ بىر كۈنى، جېمىسگۈل ۋە جاڭ رۇيپىڭ ناھىيە بازىرىدىكى بىر خەت بېسىش - نۇسخىلاش دۇكىنىدا ئۇچرىشىپ قالدى، خەت باستۇرىدىغان، نۇسخىلىتىدىغان ئادەم كۆپ بولغاچقا، ئىككىيلەن ساقلاش جەريانىدا پاراڭلىشىپ قالدى. جاڭ رۇيپىڭ جېمىسگۈلنىڭ كەشتە تىكىشنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى، دائىم بىرقانچە ئاچا - سىڭىللىرى بىلەن كەشتە بۇيۇملىرى تىكىپ توردا ساتىدىغانلىقىنى، ئەمما سېتىش مىقدارىنىڭ چەكلىك ئىكەنلىكىنى بىلدى. جېمىسگۈل كىيىم - كېچەك پىششىقلاش سودىسىغا ناھايىتى قىزىقاتتى، ئىزچىل شۇ جايدا كىيىم - كېچەك زاۋۇتى قۇرۇشنى ئويلاپ كەلگەنىدى، ئەمما بۇ ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا قۇربى يەتمەيتتى.

جېمىسگۈل بىلەن پاراڭلاشقاندىن كېيىن، جاڭ رۇيپىڭ ئۇنىڭ ئاشۇ گەپلىرىنى ئىزچىل ئۇنتۇمىدى. «مەن ئىگىلىك تىكلەش جەريانىدا كۆپ ياردەمگە ئېرىشكەن، ھازىر مېنىڭ سودام ياخشى بولۇپ كەتتى، مەنمۇ جېمىسگۈلنىڭ ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىشنى ئويلىدىم» دېدى جاڭ رۇيپىڭ.

دېگەن ئىكەن قىلىش كېرەك، جاڭ رۇيپىڭ جېمىسگۈلنى ئىزدەپ تېپىپ، بىرلىكتە ئىگىلىك تىكلەشنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىنى تەتقىق قىلدى ھەم تەپسىلىي پىلان تۈزدى. ئۇلار چۆرېن يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىغا دوكلات قىلىپ، زور قوللاشقا ئېرىشتى.

جېمىسگۈل ئۆزى كۆپ يىللاردىن بېرى يىغقان پۇلىغا چورلاش ماشىنىسىدىن ئوننى سېتىۋالدى، ئەمما باشقا ئۈسكۈنىلەرنى سېتىۋېلىشقا مەبلەغ قالمىدى. جاڭ رۇيپىڭ بۇ ئەھۋالنى بىلگەندىن كېيىن، قىلچە ئىككىلەنمەستىن 50 مىڭ يۈەن چىقىرىپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن 20 دانە توكلۇق تىكىش ماشىنىسى قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرنى سېتىۋالدى.

زاۋۇت ئۆيى سېلىنىۋاتقان ئاشۇ بىرقانچە ئايدا، جاڭ رۇيپىڭ ئۆزىنىڭ قولىدىكى ئىشىنى قويۇپ، تېخنىك خادىملارنى باشلاپ ئالدىراش بولۇپ كەتتى. زاۋۇت ئۆيى سېلىنىپ بولدى، جېمىسگۈل يېقىن ئەتراپتىن 30 ئايالنى كىيىم - كېچەك زاۋۇتىغا بېرىپ ئىشلەشكە قوبۇل قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە 20سى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە. «ئاچام ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇيۇمنى ئىشقا ئاشۇرۇشۇمغا ياردەم بەردى، مەنمۇ تېخىمۇ كۆپ ئاچا - سىڭىللىرىمغا ياردەم بېرىمەن، كۆپچىلىك پەقەت ئىتتىپاقلىشىپ بىر نىيەتتە غەيرەت قىلىپ ئىشلىسەكلا، قىلالمايدىغان ئىش يوق» دېدى جېمىسگۈل.

يېڭى قوبۇل قىلىنغان ئىشچىلارنىڭ كۆپىنچىسى كىيىم - كېچەك ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن شۇغۇللىنىپ باقمىغاچقا، جاڭ رۇيپىڭ بىلەن جېمىسگۈل بىرلىكتە ئۇلارغا تىككۈچىلىك تېخنىكىسىنى قولمۇقول ئۆگەتتى. كىيىم - كېچەك زاۋۇتى ئاخىر رەسمىي ۋىۋىسكا ئېسىپ تىجارەت باشلىدى، جاڭ رۇيپىڭ ئۆزىنىڭ زاۋۇتىنىڭ بىر قىسىم زاكازلىرىنى جېمىسگۈلگە بەردى ھەم زاۋۇتىدىكى پىچىلىپ بولۇنغان يېرىم تەييار مەھسۇلاتلارنى ئۇلارنىڭ پىششىقلىشىغا ئەكېلىپ بەردى. جاڭ رۇيپىڭنىڭ ياردىمىدە، جېمىسگۈلنىڭ كىيىم - كېچەك زاۋۇتىنىڭ سودىسى كۈندىن - كۈنگە ياخشى بولۇپ كەتتى.

«بىر ئادەم بېيىسا بېيىغان ھېسابلانمايدۇ، كۆپچىلىك بىرلىكتە بېيىسا ئاندىن ئەڭ بەختلىك ئىش بولىدۇ» دېدى جاڭ رۇيپىڭ.

بۇ يىل 3 - ئايدا ئىش، ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن بۇيان، جېمىسگۈلنىڭ كىيىم - كېچەك زاۋۇتى 200دىن ئارتۇق زاكاز قوبۇل قىلدى. «ئاخىر ئۆزۈمنىڭ كىيىم - كېچەك زاۋۇتى بار بولدى، زاۋۇتنىڭ تىجارىتىنى ياخشىلاشقا ئىشەنچىم بار. مەنمۇ ئاچام ماڭا ياردەم بەرگەنگە ئوخشاش تېخىمۇ كۆپ ئاچا - سىڭىللىرىمغا ياردەم بېرىپ، ئۇلارنى ئۆزىنىڭ بېيىش ئارزۇسىنى بالدۇرراق ئىشقا ئاشۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمەن» دېدى جېمىسگۈل.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • جۇڭگو ساياھەت كۈنى: شىنجاڭ سايرام كۆلى مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلەرنىڭ مەدەنىي ساياھەت قىلىشىنى تەشەببۇس قىلدى
  • موڭغۇلكۈرەنىڭ مەنزىرە رايون ساياھەتچىلىكىنى تونۇشتۇرۇشتىكى يېڭى ئەندىزىسى ئالقىشلاندى
  • باقمىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش