تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ھەممە بىر نىيەتتە بولۇپ «خەلق ئۇرۇشى»دا غەلىبە قىلايلى

− قول تۇتۇشۇپ يەر شارىۋى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش جۇڭگونىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلىش

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

77 ياشلىق دىڭ ئەپەندىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئالغاندىن كېيىن، ۋۇخەن شەھەرلىك ئۆپكە كېسەللىرى دوختۇرخانىسى تەكشۈرۈش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى رېن يى ئۆزىنى تۇتالماي ۋارقىرىۋەتتى: «مەنپىيكەن!» 4 - ئاينىڭ 26 - كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 1دىن ئاشقاندا، دىڭ ئەپەندىنىڭ دوختۇرخانىدىن چىقىش ئۆلچىمىگە يېتىشىگە ئەگىشىپ، ۋۇخەن شەھىرىدە دوختۇرخانىدىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى، دەپ دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى نۆللەشتى، «ۋۇخەننى قوغداش جېڭى» ئاخىر تارىخ سەھىپىسىگە يېزىلىدىغان مۇھىم پەيتنى كۈتۈۋالدى.

«ۋۇخەن خەلقى بەرداشلىق بېرەلىدى، بۇ، پۈتۈن يەر شارىدىكى ھېلىھەم يۇقۇم بىلەن جاپالىق كۈرەش قىلىۋاتقان كىشىلەرگە غايەت زور ئىلھام بولدى: يۇقۇم گەرچە خەتەرلىك بولسىمۇ، لېكىن يەڭگىلى بولمايدىغان ئىش ئەمەس.» چەت ئەلنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق بەزى باش ئەلچىخانىلىرى ماقالە ئېلان قىلىپ ماختىدى. بۇ مەيدان جەڭنى باشتىن كەچۈرگەن كىشىلەرلا ۋۇخەندە «نۆللەشتۈرۈش»نىڭ ئاسان قولغا كەلمىگەنلىكىنى تېخىمۇ چۈشىنەلەيدۇ، بۇنىڭ ئارقىسىدا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى نەچچە يۈز جىددىي ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتى بىلەن ۋۇخەندىكى 60 مىڭدىن ئارتۇق تېببىي خادىمنىڭ قول تۇتۇشۇپ مۈرىنى - مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىشى، ھەربىر مەيدان ئۆلۈم بىلەن بەسلەشكەن كەسكىن كۈرەشلەر، مۇداپىئە كىيىمى كىيىپ يەردە ياتقان ھارغىن سىيمالار، دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقىغا قايتا - قايتا چىلىنىپ يېرىلىپ كەتكەن جۈپ قوللار بار؛ بۇ مەيدان جەڭنى باشتىن كەچۈرگەن كىشىلەرلا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ چوڭقۇر مۇھەببىتى، مەدھىيەسىنى تېخىمۇ چۈشىنەلەيدۇ، «بۇ قېتىمقى يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشتا، بىزگە كۈچ ۋە ئىشەنچ ئاتا قىلغىنى جۇڭگو خەلقى» «خەلق ھەقىقىي قەھرىمان».

بۈگۈنكى كۈندە، خەلقئارادىكى نۇرغۇن زاتلار مۇنداق ئىزدىنىپ ئويلاندى: نېمە ئۈچۈن جۇڭگو قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يۇقۇمنى كونترول قىلالايدۇ؟ بۇنىڭ جاۋابى ئەمەلىيەتتە ناھايىتى ئاددىي، چۈنكى باشلىنىشتىلا، بىز ھەممىدە خەلقنى كۆزلەش، ھەممىدە خەلققە تايىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، بىر مەيدان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشى قىلدۇق. رۇمىنىيە «ئەركىنلىك گېزىتى» جۇڭگودا تۇرۇشلۇق بىر مۇخبىرنىڭ خەۋىرىنى باسقان، «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۈچۈن، جۇڭگودىكى چوڭلار، بالىلار ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - يارەنلىرىنى يوقلىمايدىغان، ساياھەت قىلىپ دەم ئالمايدىغان بولدى، بىر كېچىدىلا سىرتقا چىقمايدىغان <ئۆي خۇمار ئەر، ئۆي خۇمار ئايال>غا» ئايلاندى. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدە، قىستاڭ يوللاردا ئادەملەر ئازىيىپ كەتتى، شاۋقۇن - سۈرەنگە تولغان مەيدانلار قۇرۇقدىلىپ قالدى، ھەممەيلەن سىرتقا چىققاندا ماسكا تاقىدى، ئولتۇراق رايوندىكى ئاھالىلەر ئاڭلىق ھالدا ئائىلىدە ئايرىلىپ تۇردى، پارتىيە ئەزالىرى، خەلق ساقچىلىرى، مەھەللە كادىرلىرى، پىدائىيلار خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، تىزىملاش، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەپ ئۆتكۈزۈشنى ياخشى ئىشلەپ، ئاممىنى تۈرلۈك تۇرمۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى. ئومۇمىي خەلق قاتنىشىپ، يۇقىرى - تۆۋەن بىر نىيەتتە بولۇپ، بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش، ئامما ئالدىنى ئېلىش، ئامما تىزگىنلەشنىڭ پۇختا مۇداپىئە سېپىنى بەرپا قىلدى.

«سىز مەندىن بۇ شەھەرنىڭ نەرى ياخشى دەپ سورىسىڭىز، سىزگە كۆرسىتىدىغىنىم، قان بىلەن گۆش ۋە جان بىلەن قوپۇرۇلغان ئاكوپ. سىز مەندىن بۇ يەردىكى خەلقنىڭ نەرى ياخشى دەپ سورىسىڭىز، سىزگە ئېيتىدىغىنىم، ھىجران ۋە پىداكارلىق بىلەن پۈتۈلگەن قوشاق.» بۇ بىر ۋۇخەن شەھەر ئاھالىسىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش شېئىرى. بىر شەھەرنى قامال قىلىپ، بىر دۆلەتنىڭ ئادىمىنى قوغداش، ئەشەددىي يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنى ئايرىۋېتىش ئۈچۈن، ۋۇخەندىن ئىبارەت 10 مىليون نوپۇسقا ئىگە بۇ پەۋقۇلئاددە چوڭ شەھەر قەتئىيلىك بىلەن ۋۇخەندىن چىقىش يولىنى تاقىدى، 1 - ئاينىڭ 23 - كۈنىدىن 4 - ئاينىڭ 8 - كۈنىگىچە، قار - يامغۇر يېغىشتىن باھار كېلىپ گۈللەر ئېچىلغۇچە، ۋۇخەن خەلقى غايەت زور قۇربانلىق بېرىش ۋە ئۆزىنى بېغىشلاش ئارقىلىق، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان جاينى ساقلىدى. 76 كۈن، بۇ، قەھرىمان ۋۇخەن خەلقى يازغان دۇنيانى ھەيران قالدۇرىدىغان ئۇلۇغ تارىخىي داستان؛ 1800 نەچچە سائەت، بۇ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى تارىخىدا مەڭگۈ ئەستە ساقلاشقا ئەرزىيدىغان يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتىكى باتۇرانە ھەرىكەت!

«مەن كېلىشتىن بۇرۇن ئوغرىلىقچە ۋەسىيەتنامە يازدىم، ناۋادا ماڭا بىرەر ئىش بولۇپ قالسا، ئوغلۇم ۋۇخەن تەرەپكە قاراپ باش ئۇرسىلا بولدى، مەن ئۈچۈن ئازابلىنىشىنىڭ ھاجىتى يوق.» بۇ، ۋۇخەندىكى خوشېنشەن دوختۇرخانىسىنى قۇرۇشقا ياردەم بەرگەن شەندۇڭلۇق قۇرۇلۇش ئىشچىسىنىڭ يولغا چىقىش ئالدىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇشى ئىدى. يۇقۇم ئالدىدا، ھەربىر ئادەم بىر مۇداپىئە سېپى، ھەربىر ئادەم بىر جەڭچى. ئىشىك كېشىكىگە يۆلىنىپ ئۇخلاپ قالغان ئاق خالاتلىق پەرىشتىلەر، خەتەرگە قارىماي ۋىرۇس ئەۋرىشكىسى يىغىۋاتقان پەن تەتقىقات خادىملىرى، شىۋىرغاندا تاماق توشۇۋاتقان ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيەلىك كادىرلار، دوختۇر - سېسترالارنى خالىس ئاپىرىپ - ئەكېلىۋاتقان تاكسى شوپۇرلىرى، تەشەببۇسكارلىق بىلەن قان پىلازمىسىنى تەقدىم قىلىۋاتقان سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن ئاغرىقلار... بۇ قېتىمقى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدە، خۇاشيا تۇپرىقىدا سانسىزلىغان ئاددىي پۇقرالاردىن چىققان قەھرىمانلار مەيدانغا كەلدى، دەبدەبىلىك سۆزلەر يوق، يەر - جاھاننى زىلزىلىگە سالغۇدەك ئىش يوق، ئۇلار ھەربىر ئاددىي ساخاۋەتلىك ئىشلىرى ئارقىلىق، دۆلەتكە بولغان چەكسىز مېھىر - مۇھەببىتىنى، ساداقىتىنى، مىللەتكە بولغان مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىش، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشنى پۈتۈپ چىقتى.

3 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، جۇڭگودىكى تاماق توشىغۇچىنىڭ سۈرىتى ئامېرىكىنىڭ «دەۋر ھەپتىلىك ژۇرنىلى»نىڭ مۇقاۋىسىغا بېسىلدى. يۇقۇم مەزگىلىدە، ئۇلار ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكى بىلەن ھېسابلاشماي، چوڭ - كىچىك كوچىلاردا قاتراپ يۈرۈپ، ئىللىقلىق ۋە ئىشەنچ يەتكۈزدى. دۇنيادا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغىنى، يەنە بەزى جۇڭگو ئاممىسىنىڭ يۇقۇم ئالدىدىكى كوللېكتىپ تەلەپچانلىقى، «نيۇ - يورك ۋاقىت گېزىتى»نىڭ تور بېكىتىدە مۇنداق يېزىلغان: باغچىدا، ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئامما ئېيتىدىغان خور توختىدى، بېيجىڭدىكى ئاممىۋى سورۇنلار ئېچىۋېتىلگەن بولسىمۇ بىرمۇ كىشى يوق. سىنگاپور «بىرلەشمە ئەتىگەنلىك گېزىتى»دە جۇڭگولۇقلارنىڭ يۇقۇم ئالدىدىكى ئۈمىدۋار روھىي ھالىتى ماختالدى، ئۇلارنىڭ تور بېكىتىدە جۇڭگودىكى بىر ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىدا دىجورنىلىق قىلىۋاتقان خادىمنىڭ قولىغا چوڭ كاناي ئېلىپ ئاڭلاتقان سۆزى تارقىتىلدى، «پەقەت يەنە بىر تال گۈرۈچ بولسىلا، ئادەم كۆپ يەرگە بېرىپ قىستاشمايلى؛ پەقەت يەنە بىر تېمىم ياغ بولسىلا، ئۆيدە ئولتۇرۇپ تالاغا چىقمايلى؛ پەقەت يەنە بىر تۈپ غولپىياز بولسىلا، كۆكتات بازىرىغا چاپمايلى؛ مەن ئۆيدە تۇرغانلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن، مەن دۆلەت ئۈچۈن ماسكا تېجەپ بېرىمەن». ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇشتا نامايان بولىدىغىنى، مەڭگۈ ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىدىغان مىللىي روھ؛ خەتەرلىك پەيتتە چاقنايدىغىنى مەڭگۈ ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىدىغان ئائىلە دۆلەت مۇھەببىتى.

«رەھمەت سىزگە، ھەربىر ئاددىي جۇڭگولۇق.» يۇقۇم ئالدىدا، جۇڭگولۇقلار بوشلۇق جەھەتتە ئارىلىق ساقلىغان بولسىمۇ، ئەمما قەلب جەھەتتە تېخىمۇ يېقىنلىشىپ، يەر شارىۋى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان جۇڭگو كۈچىنى ئۇرغۇتتى. بۇ خىل كۈچنىڭ ئارقىسىدا قىيىنچىلىقتىن قاچمايدىغان، مەسئۇلىيەتتىن باش تارتمايدىغان مەدەنىيەتنى داۋاملاشتۇرۇش، ئۆزئارا ھەمدەم بولىدىغان، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولىدىغان روھقا ۋارىسلىق قىلىش، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلايدىغان ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش بار. بىز شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، ھەممە بىر نىيەتتە بولساق، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرىدىغان بۇ مەيدان خەلق ئۇرۇشىدا چوقۇم غەلىبە قىلالايمىز؛ ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلساق، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش قەدىمىنى چوقۇم ھېچنېمە توسۇيالمايدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 10 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى