تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

[مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش] ئەتىيازلىق چارۋىچىلىق مەيدانىدىكى چارۋىچىلارنىڭ ساغلاملىق قوغدىغۇچىسى

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ تىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ يانەن خەۋىرى): «℃36.8، بەدەن تېمپېراتۇرىسى نورمال، ھەر كۈنى بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەپ تۇرۇش يادىڭىزدا بولسۇن...» «بۇ سىزگە كېرەكلىك بولغان ئىككى خالتا ئۇن، ئۈچ كىلوگىرام ياڭيۇ...» «تاغا، سىز قان بېسىم دورىڭىزنى ۋاقتىدا يېيىشنى ئۇنۇتماڭ... يەنە باشقا لازىملىق نەرسىلىرىڭىز بولسا ماۋۇ نومۇرغا تېلېفون ئۇرۇڭ.» 5-ئاينىڭ 2-كۈنى، جېمىنەي ناھىيەسى بېيشاۋو ئەتىيازلىق چارۋىچىلىق مەيدانى تەۋەلىك رايونىدا، 46 ياشقا كىرگەن ئايقىنبېك داستان چارۋىچىلارنىڭ كېسىلىنى كۆرۈش بىلەن ئالدىراش بولدى.

   ئايقىنبېك جېمىنەي ناھىيەسى ئۇلاست بازارلىق شىپاخانىنىڭ شىپاخانا باشلىقى بولۇپ، ئۇ ھەر يىلى ئەتىيازدا چارۋىچىلىق مەيدانلىرىغا كۆچىدىغانلارنىڭ داۋالاش مۇلازىمەت ئەترىتىگە قوشۇلۇپ، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى ئاممىنى پۈتۈن مۇساپىلىك ئىز قوغلاش شەكلىدىكى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  «ھەر يىلى ئۇلاست بازىرىدا 700دىن ئارتۇق چارۋىچى يايلاق كۆچۈپ، نۇرغۇن چارۋىچى تاغدا تارقاقلىشىپ ئولتۇراقلىشىدۇ.» ئايقىنبېك مۇخبىرغا، ھەر يىلى ئەتىيازدا يايلاق كۆچۈش مەزگىلىدە ئۇ چارۋىچىلارغا ئەگىشىپ چارۋىچىلىق رايونلىرىغا بېرىپ، تۆۋەن كاپالەتلىك ئاھالە، سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللەرنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇلارنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈپ تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

  3-ئاينىڭ 21-كۈنى يېرىم كېچىدە، داۋالاش مۇلازىمەت ئەترىتىنىڭ ئاپتوموبىلىدا ئارام ئېلىۋاتقان ئايقىنبېك تۇيۇقسىز چارۋىچى ئېرتاي ئېركىنبېكنىڭ تېلېفونىنى تاپشۇرۇۋالدى. «شىپاخانا باشلىقى، بوۋامنىڭ مىجەزى يوق، دەرھال بىزنىڭ ئۆيگە كەلگەن بولسىڭىز.» دېدى ئېرتاي جىددىيلەشكەن ھالدا تېلېفوندا. ئايقىنبېك جىددىيلىشىپ، تېلېفوننى قويۇۋېتىپ دەرھال دورا ساندۇقىنى ئېلىپ يولغا چىقتى. بىر قاتار تەكشۈرۈشتىن كېيىن، نەتىجە ئايقىنبېكنىڭ ئويلىغىنىدەك چىقتى ـــ يەنى يۈرەك كېسىلى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان قان بېسىمىنىڭ يۇقىرىلاپ كېتىشى ئىدى. ئۇ دەرھال جىددىي قۇتقۇزۇش تەدبىرى قوللىنىپ، ئېرتاينىڭ بوۋىسىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى پەسەيتتى.

  كەنت ئاھالىلىرىنىڭ نەزەرىدە ئايقىنبېكنىڭ داۋالاش تېخنىكىسى يۇقىرى، ھەم چىقىشقاق، كىمنىڭ ئۆيىدە ساقسىزلار بولسا، ئۇنىڭدىن كېسەل ئەھۋالى ھەققىدە مەسلىھەت سوراشنى خالايدۇ، ئۇمۇ كۆپچىلىك بىلەن چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتتى.

  2019-يىلى 5-ئايدىكى بىر قېتىملىق زىيارەت جەريانىدا، ئايقىنبېك ۋاڭ جيەنشىننىڭ ئۆيىگە كاربون چالا ئوكسىدتىن سىگنال بەرگۈچ ئورناتمىغانلىقىنى، يوشۇرۇن خەۋپ مەۋجۇتلىقىنى بايقاپ، ئۇنىڭ ئۆيىگە سىگنال بەرگۈچ ئورنىتىپ بېرىپ، كۆمۈر ئىسىدىن زەھەرلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەپسىلىي چۈشەندۈردى.

   2019-يىلى 8-ئاينىڭ 19-كۈنى كەچتە، مەش پىلتىسى ياخشى يېپىلمىغاچقا، يېرىم كېچىدە جاراڭلىق سىگنال ئاۋازى ئۇيقۇدىكى ۋاڭ جيەنشىننى ئويغىتىۋەتتى. شۇ چاغدا ۋاڭ جيەنشىننىڭ كۆڭلى ئېلىشىپ، بېشى قېيىپ، كۆمۈر ئىسىدىن زەھەرلىنىپ قالغاندەك ھېس قىلىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن خوتۇنى، قىزىنى سۆرەپ ئۆيدىن چىقىپ، بىر قېتىملىق ھادىسىدىن ساقلاندى.

   ئەتىگەندىلا ۋاڭ جيەنشىن ئايقىنبېككە تېلېفون قىلىپ ئىشنىڭ جەريانىنى ئۇقتۇردى. ئۇ مىننەتدار بولغان ھالدا مۇنداق دېدى: «سىز دائىم بىزگە كۆمۈر ئىسىدىن زەھەرلىنىش بىلىملىرىنى چۈشەندۈرۈپ، سىگنال بەرگۈچ ئورنىتىپ بەرمىگەن بولسىڭىز، بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى ھاياتىمىزدىن ئايرىلىپ قېلىشىمىز مۇمكىن ئىدى».

  كۆپ يىللاردىن بۇيان، بۇنداق ئىشلار ناھايىتى كۆپ يۈز بەردى، كىشىلەر ئايقىنبېككە رەھمەت ئېيتقاندا، ئۇ دائىملىق ئادىتى بويىچە بېشىنى تۆۋەن قىلىپ كۈلۈمسىرەپ: «دوختۇر ئۆلۈمگە ئامال، ئاغرىققا سەۋەب قىلىدۇ، ھېچ ئىش يوق...» دەيتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى