تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

2020-يىللىق دۇنيا ۋالىبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5-ئاينىڭ 8-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ۋېي خۇا، ۋاڭ جىڭيۈ خەۋىرى): خەلقئارا ۋالىبولچىلار بىرلەشمىسى تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 8-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرىدە، 2020-يىللىق دۇنيا ۋالىبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىكەن.

دەسلەپكى مۇسابىقە تەرتىپىگە ئاساسلانغاندا، بۇ يىلقى دۇنيا ئاياللار ۋالىبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى 5-ئاينىڭ 19-كۈنى، ئەرلەر مۇسابىقىسى 5-ئاينىڭ 22-كۈنى باشلىناتتى. بۇ يىل 3-ئايدا، خەلقئارا ۋالىبولچىلار بىرلەشمىسى دۇنيا ۋالىبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنى توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

خەلقئارا ۋالىبولچىلار بىرلەشمىسى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ پۈتۈن دۇنيادا تارقالغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، خەلقئارا ۋالىبولچىلار بىرلەشمىسى ئىجرائىيە كومىتېتى، بىرلەشمە مۇسابىقە كېڭىشى ۋە مۇسابىقە تەشكىللىگۈچى تەرەپ مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن، 2020-يىللىق دۇنيا ۋالىبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى، لېكىن ئىتالىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىنى ئۆتكۈزگۈچى دۆلەت بولۇش سالاھىيىتىنى ساقلاپ قېلىشنى قارار قىلدى، 2021-يىللىق دۇنيا ۋالىبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش ۋاقتى يەنىلا تەڭشىلىۋاتىدۇ.

خەلقئارا ۋالىبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى گىراسا مۇنداق دېدى: دۇنيا ۋالىبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى بىر تۈرلۈك يەرشارىۋى مۇسابىقە بولۇش سۈپىتى بىلەن، ماھىرلار ۋە توپ مەستانىلىرىنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى تارتتى. بىراق نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە مۇسابىقىنى داۋاملاشتۇرۇش مەسئۇلىيەتسىز قىلغانلىق بولىدۇ. ھازىر بىز زېھنىمىزنى ئاللىقاچان 2021-يىلىدىكى مۇسابىقىگە قاراتتۇق، شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، كېلەر يىللىق مۇسابىقە ناھايىتى ياخشى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى