تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

FIFA مۇسابىقىدە ماھىر ئالماشتۇرۇش قائىدىسىنى ئۆزگەرتتى

خەلق تورى، بېيجىڭ، 5-ئاينىڭ 9-كۈنى تېلېگراممىسى (ياڭ لېي خەۋىرى) بېيجىڭ ۋاقتى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى، خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى مۇنۇلارنى جاكارلىدى: 5-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن باشلاپ 2021-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ئاياغلاشقۇچە، ھەربىر مەيدان مۇسابىقىدە، ھەربىر كوماندا بەش ماھىر ئالماشتۇرسا بولىدۇ، ئەمما چوقۇم ئۈچ قېتىمدا ئالماشتۇرۇشى كېرەك.

FIFA ئۇقتۇرۇشىدا خەلقئارا پۇتبولچىلار جەمئىيىتى كېڭىشى (IFAB)نىڭ FIFA ئوتتۇرىغا قويغان ماھىرلارنى قوغداشنى مەقسەت قىلغان تەكلىپكە قوشۇلغانلىقىنى بىلدۈردى. ھەربىر مەيدان مۇسابىقىدە، ھەربىر كوماندا ئەڭ كۆپ بولغاندا بەش ماھىرنى ئالماشتۇرسا بولىدۇ، لېكىن مۇسابىقە رېتىمىنى بۇزۇۋەتمەسلىك ئۈچۈن، بەش قېتىم ماھىر ئالماشتۇرۇش ئۈچ قېتىمدا تاماملىنىشى كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، ماھىر ئالماشتۇرۇش يېرىم مەيدان ئارام ئېلىشتا ئېلىپ بېرىلسا بولىدۇ.

بۇ ۋاقىتلىق تۈزۈتۈش لاھىيەسى ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدۇ. كېيىنكى پەسىللىك مۇسابىقىدە، بۇ قائىدە 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدۇ. ئەمما، بۇ تۈزىتىش لاھىيەسىنى ئىشلىتىش-ئىشلەتمەسلىكنى ھەرقايسى بىرلەشمە مۇسابىقىنى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان تەرەپ بېكىتىدۇ. بۇ تۈزىتىش لاھىيەسى 2019/2020-يىللىق ۋە 2020/2021-يىللىق مۇسابىقە پەسلىگە ئىشلىتىلىدۇ.

ناۋادا، 90 مىنۇتلۇق مۇسابىقىدە، كوماندا ماھىر ئالماشتۇرۇش قېتىم سانىنى ئىشلىتىپ بولالمىسا، ئۇزارتىلغان ۋاقىتتا ماھىر ئالماشتۇرۇشقا بولىدۇ. ناۋادا، مۇسابىقىدە ئۇزارتىلغان ۋاقىتتا ئەسلىدىنلا ئارتۇق ماھىر ئالماشتۇرۇش قېتىم سانى بېرىلگەن بولسا، ئۇنداقتا ھەربىر كوماندىغا يەنە بىر ماھىر ئالماشتۇرۇش پۇرسىتى قوشۇپ بېرىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى