تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

«ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش» ئادىمىيلىكنىڭ شانلىق نۇرىنى نامايان قىلدى

− قول تۇتۇشۇپ يەر شارىۋى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش    جۇڭگونىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلىش

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

ئېغىر ئاغرىقلارنى قۇتقۇزۇش - داۋالاش يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش نەتىجە - ئۈنۈمىنى نامايان قىلدى، بۇ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئىشەنچىگە مۇناسىۋەتلىك. يېقىندا ۋۇخەندىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان بىر ئېغىر ئاغرىقنى قۇتقۇزۇش سىنى توردا كەڭ تارقالدى، «ئۇنىڭ ھاياتىنى چوقۇم ساقلاپ قېلىشىمىز كېرەك!» دوختۇر - سېسترالارنىڭ مۇشتۇمىنى تۈگۈپ تۇرۇپ غەيرەت بىلەن ئېيتقان بۇ سۆزى جۇڭگولۇقلارنى كۆزىگە ياش ئالدۇردى. 25 كۈن ECMOنى، 50 كۈن نەپەسلەندۈرۈش ماشىنىسىنى ئىشلىتىپ، تۆت ئۆلكىدىكى دوختۇر - سېسترالار كۈچ ئۇلاپ ئىككى ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت قۇتقۇزۇپ داۋالىغاندىن كېيىن، بۇ ئاغرىق خەتەردىن قۇتۇلدى. خۇبېي ۋە ۋۇخەندىكى ئېغىر ئاغرىقلارنىڭ ھاياتىنى ئىمكانقەدەر قۇتقۇزۇپ قېلىش ئۈچۈن، جۇڭگو دۆلەت دەرىجىلىك مۇتەخەسسىس، يۇقىرى سەۋىيەلىك دوختۇرخانىلارنى نۇقتىلىق بەلگىلەپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، مەركەزلىك قۇتقۇزۇپ - داۋالاپ، «بىر ئادەمگە بىر تەدبىر» قوللاندى. ۋۇخەندە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان 2500دىن ئارتۇق 80 ياشتىن ئاشقان يېشى چوڭ ئاغرىقلار ئىچىدە، قۇتقۇزۇش - داۋالاشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش نىسبىتى %70كە يېقىنلاشتى، يېشى ئەڭ چوڭ ئاغرىق 108 ياش.

ھەممىدە ھاياتلىقنى قۇتقۇزۇش مۇھىم ئورۇنغا قويۇلدى. يۇقۇم تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ باشتىلا «خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى باشتىن - ئاخىر بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش كېرەك» دەپ تەكىتلەپ، «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ھازىرقى ئەڭ مۇھىم خىزمەت سۈپىتىدە تۇتۇش»نى تەلەپ قىلدى. قىسقىغىنا ئىككى - ئۈچ ئاي ۋاقىتتا، مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئۆلكىلەردە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى ۋە يېڭىدىن كۆپەيگەن ئاغرىق مىسالىدا «قوش نۆللەشتۈرۈش» ئىشقا ئاشۇرۇلدى، 70 مىڭدىن ئارتۇق ئاغرىق ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقىپ، يۇقۇم تېز يامراش كەسكىن ۋەزىيىتى تېزدىن ياخشىلىنىپ، بىرقەدەر يۇقىرى ساقىيىش نىسبىتى ۋە بىرقەدەر تۆۋەن كېسەل سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى بىلەن، ئېغىر، زور يۇقۇملۇق كېسەلگە تاقابىل تۇرۇشتا «جۇڭگو مۆجىزىسى» يارىتىلدى. ھەرقانداق بىر ھاياتلىقتىن ۋاز كەچمەي، ئازراقلا ئۈمىد بولسىلا يۈزدەيۈز تىرىشچانلىق كۆرسىتىش، بۇ، خەلق ھەممىدىن ئەلا، ھاياتلىق ھەممىدىن ئەلا دەيدىغان ئىدىيەنىڭ جانلىق تەسۋىرى.

ھەممىدە ھاياتلىقنى قۇتقۇزۇش ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلدى. يۇقۇمنىڭ تارقىلىشىنى تېزدىن توسۇش ئۈچۈن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى كەسكىن ھالدا ۋۇخەن، خۇبېيدىن ئايرىلىش يوللىرىنى ئېتىش تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى، شەھەرلەر توختاپ قېلىش، ئىقتىساد تۆۋەنلەشتەك بەدەللەرنى تۆلىگەن تەقدىردىمۇ، باش تارتمىدى! ھاياتلىق تەيشەن تېغىدىنمۇ قەدىرلىك، 340تىن ئارتۇق داۋالاش ئەترىتى، 42 مىڭدىن ئارتۇق دوختۇر - سېسترا خۇبېيغا ياردەم بېرىشكە كەلدى، جۇڭگودىكى ئەڭ ئىلغار ئون ئاكادېمىك كوللېكتىپى بىرىنچى سەپتە جاسارەت بىلەن جەڭ قىلدى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئوندىن بىر قىسىمغا يېقىن ئېغىر كېسەللىك مېدىتسىناسى تايانچلىرى كۈچ ئۇلاپ جەڭ قىلدى... پۈتۈن مەملىكەتنىڭ كۈچى ئىشقا سېلىندى، ئەۋزەل سەرخىل ئەسكىرىي كۈچ توپلاندى، بارلىق كۈچلەر جەڭگە ئاتلاندۇرۇلدى، كېچە - كۈندۈز دەم ئالمىدى. دۇنيادا ئاز كۆرۈلىدىغان ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سالمىقى ۋە قۇتقۇزۇش - داۋالاش سۈرئىتىگە تايىنىپ، جۇڭگو ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ، ھاياتلىقنى بىباھا بىلىدىغان ھېسسىياتىنى نامايان قىلدى.

ھاياتلىقنى قۇتقۇزۇشتا، جۇڭگو چىقىم بىلەن ھېسابلاشمىدى. 1 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، جۇڭگو ھۆكۈمىتى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان ئاغرىقلار ۋە گۇمانىي ئاغرىقلارنى داۋالاش ھەققىنى شەخسلەرنىڭ ئۈستىگە ئېلىشى ھاجەتسىز ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى. دۆلەت مالىيەسى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ياردەم مەبلىغىنى جىددىي ئاجراتتى، ھەرقايسى جايلار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سېلىنمىسىنى بەس - بەستە كۆپەيتتى، نەپەسلەندۈرۈش ماشىنىسى، مۇداپىئە كىيىمى، قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى قاتارلىق تۈرلۈك داۋالاش ماددىي ئەشيالىرىنى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە تەڭشەپ يۆتكىدى، ئاشلىق، ياغ، كۆكتات، مېۋە - چېۋە قاتارلىق تۈرلۈك تۇرمۇش زۆرۈر لازىمەتلىكلىرى ھەر تەرەپتىن توپلاندى. ئىككى گۇرۇپپا سانلىق مەلۇمات ئەڭ قايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە، بىرى، ۋۇخەن شەھىرىدە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان ئاغرىقلارنىڭ ئومۇمىي ساقىيىش نىسبىتى %94كە يەتتى. يەنە بىرى، دۆلەت داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىدارىسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئېنىق دىياگنوز قويۇلۇپ دوختۇرخانىدا ياتقان ئاغرىقلارنىڭ كىشى بېشى ئوتتۇرىچە داۋالىنىش خىراجىتى 21 مىڭ 500 يۈەنگە يەتكەن، ئېغىر ئاغرىقلارنىڭ كىشى بېشى ئوتتۇرىچە داۋالىنىش خىراجىتى 150 مىڭ يۈەندىن ئاشقان، بۇ خىراجەتلەرنىڭ بىر قىسمى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن ئاتچوت قىلىنغاندىن سىرت، قالغانلىرىنىڭ ھەممىسىگە دۆلەت مالىيەسىدىن ياردەم پۇلى بېرىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، 70 ياشلىق بىر ئاغرىق ئۈچ ئايغا يېقىن داۋالانغاندا، ئىككى قېتىم ECMO ئىشلەتكەن، داۋالاش خىراجىتى 1 مىليون 400 مىڭ يۈەنگە يېقىنلاشقان. ئەنگلىيەلىك ئالىم، لوندون ئىقتىساد ۋە سودا سىياسىتى مەھكىمىسىنىڭ سابىق مەھكىمە باشلىقى روس مۇنداق دېدى: «جۇڭگو باشتىلا نېمىنىڭ كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا ھەقىقىي تەسىر كۆرسىتىدىغان كىشىلىك ھوقۇق ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر چۈشەنگەن. ئەجەللىك چوڭ تارقىلىشچان كېسەللىكتە، ئەڭ مۇھىم كىشىلىك ھوقۇق ئۆلۈك، يۈزەكى بولغان «كىشىلىك ھوقۇق» ئۇقۇمى بولماستىن، بەلكى ھايات قېلىشتۇر».

ھاياتلىقنى قۇتقۇزۇشتا، جۇڭگو ياردەم قولىنى سۇندى. يۇقۇم پۈتۈن يەر شارىدا يامرىدى، جۇڭگو ئىنسانپەرۋەرلىك روھىدا چىڭ تۇرۇپ، دۇنيادىكى ياردەمگە ئېھتىياجلىق نۇرغۇن دۆلەت ۋە رايونلارغا ياردەم قولىنى سۇندى. ھازىرغا قەدەر، جۇڭگو ھۆكۈمىتى 150تىن ئارتۇق دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلاتقا جىددىي ئېھتىياجلىق داۋالاش ماددىي ئەشياسى ياردىمى بەردى، جەمئىي 15 تۈركۈم داۋالاش ئەترىتىنى 16 دۆلەتكە ياردەم بېرىشكە ئەۋەتتى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا 50 مىليون دوللار ئىئانە قىلىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە سەھىيە سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى قوللىدى... تۈركۈم - تۈركۈم قىممەتلىك ماددىي ئەشيالار، ھەر قېتىملىق سىنلىق ئالاقىلىشىش، چەت ئەلگە ياردەم بېرىش داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىلىرى، بۇلارنىڭ ھەممىسى قولىدىن كېلىشىچە ياردەم بېرىش، خەتەردىن قۇتۇلدۇرۇپ يوقسۇللارنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇش، تەقدىرداش بولۇش، مېھىر - مۇھەببەتنىڭ چېكى بولماسلىقتەك ئىنسانپەرۋەرلىك نۇرىنى جۇلالاندۇردى.

ئېغىر كىرىزىس ئالدىدا، ھاياتلىققا مۇئامىلە قىلىش پوزىتسىيەسى بىر دۆلەتنىڭ ئەخلاق - پەزىلىتى ۋە قىممەت يۈزلىنىشىنى سىنايدۇ. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 نەچچە يىلدىن بۇيان، مەيلى شىددەتلىك كەلكۈن، ئېچىنىشلىق يەر تەۋرەش بولسۇن ياكى قۇترىغان يۇقۇم ئالدىدا بولسۇن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو ھۆكۈمىتى باشتىن - ئاخىر خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى 1 - ئورۇنغا قويدى. بۇ ھەم ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيەنىڭ يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىقىدىن كەلگەن، شۇنداقلا ئەۋلادمۇئەۋلاد كوممۇنىستلارنىڭ قەتئىي تەۋرەنمەس بۇرچى، مەسئۇلىيىتى، باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرىدىغان ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەسىدىن كەلگەن.

4 - ئاينىڭ 4 - كۈنى چىڭمىڭدا، جۇڭگو پۈتۈن مەملىكەت بويىچە تەزىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. چەت ئەلنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق بىر ئەلچىخانىسى مىكرو بىلوگىدا مۇنداق دەپ يازدى: «جۇڭگونىڭ دۆلەت نامى بىلەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىدا قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈرگەنلىكىدىن بىز جۇڭگونىڭ شەخسكە بولغان ھۆرمىتى ۋە ھاياتقا بولغان ھۆرمىتى ھەم ئۇلارنى ئۇلۇغلايدىغانلىقىنى كۆرۈپ يەتتۇق، شۇنداقلا 1 مىليارد 400 مىليون جۇڭگولۇقنىڭ كوللېكتىپ ھېسسىياتى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن ئىتتىپاقلىق ۋە كۈچنى كۆرۈپ يەتتۇق.» ھەربىر كىشىگە سەمىمىي غەمخورلۇق قىلىش، ھەربىر ھاياتلىققا چىن قەلبىدىن ھۆرمەت قىلىش، ھەربىر ئاغرىقنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇش، جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا ئادىمىيلىك شانلىق نۇرىنى چاقنىتىشى ۋىرۇس خالىغانچە قۇتراۋاتقان ھازىرقى ۋەزىيەتتە ئىتتىپاقلىق ئارزۇسىنى قوزغاپ، ئىللىق كۈچ تارقاتماقتا.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • جۇڭگو ساياھەت كۈنى: شىنجاڭ سايرام كۆلى مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلەرنىڭ مەدەنىي ساياھەت قىلىشىنى تەشەببۇس قىلدى
  • موڭغۇلكۈرەنىڭ مەنزىرە رايون ساياھەتچىلىكىنى تونۇشتۇرۇشتىكى يېڭى ئەندىزىسى ئالقىشلاندى
  • باقمىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش