5-ئاينىڭ 8-كۈنى، سەنشى فېنياڭ ھارىقى پاي كوماندىسىنىڭ ماھىرى ليۇ گۇەنسېن (ئالدى ئوڭ تەرەپتە) مەشىقتە تېڭ خېچىدىن مۇداپىئە كۆرمەكتە.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرىدە، CBA بىرلەشمە مۇسابىقىسى 2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ توختىتىلغان ئىدى، 3-ئاينىڭ 23-كۈنى، سەنشى فېنياڭ ھارىقى پاي كوماندىسى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەشىقنى ئەسلىگە كەلتۈردى. نۆۋەتتە، بۇ كوماندا بىر ھەپتىدە ئالتە كۈن مەشىق قىلىۋاتقان بولۇپ، مەشىقتە بەدەن ساپاسى مەشىقى ۋە شەخسىي تېخنىكىنى كۈچەيتىشنى ئاساس قىلدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ياڭ چېنگۇاڭ فوتوسى