تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىنى «نەق مەيداندىن بىۋاسىتە كۆرسىتىش» دېيىشكە بولىدۇ

− قول تۇتۇشۇپ يەر شارىۋى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش     جۇڭگو مەسئۇلىيىتىنى نامايان قىلىش

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

«ئورتاق دۈشمەن ئالدىدا، ئىستىھكامغا بۆسۈپ كىرگەنلەر ھۆرمەتلىنىشكە ئەرزىيدۇ.» خەلقئارادىكى بىر داڭلىق تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى مۇتەخەسسىسى جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتىكى باتۇرانە ھەرىكىتىنى شۇنداق تەرىپلىدى، بۇ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ «جۇڭگونىڭ قۇربان بېرىشى» «جۇڭگونىڭ تۆھپىسى»گە بولغان ئومۇميۈزلۈك ئورتاق تونۇشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان دۆلىتىمىز دۇچ كەلگەن تارقىلىش سۈرئىتى ئەڭ تېز، يۇقۇملىنىش دائىرىسى ئەڭ كەڭ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش قىيىنلىق دەرىجىسى ئەڭ زور بولغان بىر قېتىملىق ئېغىر، زور تاسادىپىي ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەسى. جۇڭگونىڭ قىسقىلا ۋاقىتتا يۇقۇمنى تىزگىنلىيەلىشىدىكى بىر مۇھىم سەۋەب شۇكى، باشتىن - ئاخىر ئاشكارا، ئوچۇق، مەسئۇلىيەتچان بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن، يۇقۇم ئۇچۇرلىرىنى دۇنياغا ئاشكارىلىدى، جەمئىيەتنى خەۋەردار قىلدى، ۋاقتىدا ئېلان قىلدى. بىرىنچى ۋاقىتتا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا يۇقۇم ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى، بىرىنچى ۋاقىتتا دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ گېن تەرتىپىدىن تەڭ بەھرىمەن قىلدى، بىرىنچى ۋاقىتتا تېببىي ژۇرنالدا پەن تەتقىقاتتىكى ئىلگىرىلەشنى ئېلان قىلدى، يەتتە نۇسخا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا دىياگنوز قويۇش - داۋالاش لايىھەسى، ئالتە نۇسخا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش لايىھەسىنى ئۇدا يېڭىلاپ ئېلان قىلدى، پاتولوگىيەلىك ئاناتومىيە نەتىجىسىنى ۋاقتىدا ئاشكارىلىدى، ۋاكسىنا تەتقىق قىلىپ ياساش ئەھۋالىنى ھەرىكەت ھالىتىدە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى... بەزىلەر مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش مۇساپىسى ئىزچىل كامېرا ئالدىدا ئوچۇق تۇردى، تورغا چىقىرىلدى، بۇنى پۈتۈن دۇنياغا يۈزلەنگەن «نەق مەيداندىن بىۋاسىتە كۆرسىتىش» دېيىشكە بولىدۇ.

جاھاندىكى ھەممە كىشى بىر ئائىلە كىشىلىرى، ئۆزىنى سۆيگەنلەر ئۆزگىنىمۇ سۆيەلەيدۇ؛ قان قېرىنداش ئىكەنلىكىمىزگە، قۇياش بىلەن ئايمۇ گۇۋاھ. 2019 - يىلى 12 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، خۇبېي ئۆلكىلىك جۇڭيى - شىيى بىرلەشمە دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرى جاڭ جىشيەن بىرىنچى ۋاقىتتا ئۆزى قوبۇل قىلغان ئۈچ گۇمانلىق ئاغرىق مىسالىنى مەلۇم قىلدى؛ 12 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، ۋۇخەن شەھەرلىك سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى «سەۋەبى ئېنىق بولمىغان ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلارنى قۇتقۇزۇش - داۋالاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا جىددىي ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلدى؛ 12 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، دۆلەت سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ۋۇخەنگە كېلىپ نەق مەيداندا تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى؛ 2020 - يىلى 1 - ئاينىڭ 3 - كۈنىدىن باشلاپ، جۇڭگو تەرەپ رەسمىي يوسۇندا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ھەمدە ئامېرىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىشقا باشلىدى... ئاغرىق مىسالىنى بايقىغاندىن تارتىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشقىچە، جۇڭگو قوللانغان ھەربىر قەدەم ھەرىكەتنىڭ ھەممىسىنىڭ دەلىل ئاساسى بار، پۈتۈنلەي ئاشكارا. بەزى تاراتقۇلارنىڭ ئوبزورىدا مۇنداق دېيىلدى: ۋۇخەننىڭ 1 - ئاينىڭ 23 - كۈنى «شەھەرنى قامال قىلىشى» پۈتۈن دۇنيانى چۆچۈتتى، ئەگەر بۇنداق قىزىل رەڭلىك ئالدىن سىگنالمۇ سىزنى ئويغىتالمىسا، بۇ پەقەت سىزنىڭ يالغاندىن ئۇخلىغان قىياپەتكە كىرىۋالغانلىقىڭىزنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. بېل گايتىس تاراتقۇلارغا كۆپ قېتىم مۇنداق بىلدۈردى: «جۇڭگو باشلىنىشتىلا ناھايىتى نۇرغۇن توغرا ئىش قىلدى».

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىر خىل يېپيېڭى ۋىرۇس بولۇپ، مۇتەخەسسىسلەر تەرىپىدىن «ئەڭ ھىيلىگەر ۋىرۇس» دەپ ئاتالدى، يوشۇرۇنچانلىقى كۈچلۈك بولۇش، يوشۇرۇن مەزگىلى ئۇزاق بولۇش، ئۆزگىرىشچانلىقى كۆپ بولۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ ئۇنى تونۇشى ۋە تەتقىق قىلىپ ھۆكۈم قىلىشىغا بىر جەريان كېتىدۇ، ھەرقانداق بىر مەسئۇلىيەتچان دۆلەت تېخى تولۇق، ئۈنۈملۈك دەلىل - ئىسپاتلارنى ئىگىلىمىگەن ئەھۋالدا يېنىكلىك بىلەن خاراكتېرىنى بېكىتمەيدۇ ھەم بېكىتمەسلىكى كېرەك. يۇقۇملۇق كېسەلدە بىخەتەر ئارال يوق، جۇڭگونىڭ يۇقۇمنى يوشۇرۇشى ياكى ئارقىغا سوزۇشى مۇمكىن ئەمەس، زۆرۈرىيىتى يوق، ئۇنىڭغا تېخىمۇ يول قويمايدۇ. 1 - ئايدىن باشلاپ، جۇڭگو مۇتەخەسسىسلىرى ئىنگلىزچە ئىلمىي ژۇرناللاردا جەمئىي 1100 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلىپ، خەلقئارا تېببىي ساھەگە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنىڭ ئېپىدېمىئولوگىيەلىك ئالاھىدىلىكىنى تەتقىق قىلىش نەتىجىسىنى قالدۇرماي تولۇق ئېلان قىلدى؛ جۇڭگو يەنە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تور بىلىم مەركىزى تەسىس قىلىپ، بارلىق دۆلەتلەرگە ئېچىۋەتتى. ھاياتلىق بەدىلىگە قولغا كەلتۈرۈلگەن بۇ قىممەتلىك نەتىجىلەر ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىنى ئۆرنەك بىلەن تەمىنلەپ، پۈتۈن يەر شارىدىكى مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان كىشىنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قېلىشقا ياردەم بەردى. «جۇڭگونىڭ سېخىيلىقى باشقا دۆلەتلەرنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىشى كېرەك»، ھىندونېزىيە دىپلوماتىيە سىياسىتى جەمئىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى دىنو پاتى ھەققانىي گەپ قىلدى؛ «جۇڭگونىڭ ھەرىكىتىنىڭ تېزلىكى، ئۈزۈل - كېسىللىكى ھەممەيلەننى ھەيران قالدۇردى»، ئەنگلىيە «مۇھاپىزەت» گېزىتىمۇ ماقالە ئېلان قىلىپ، جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۇچۇرلىرىنىڭ ئاشكارىلىقى، ئېنىقلىقىنى تەرىپلىدى.

«جۇڭگودا، كېسەل بىلەن ئۆلۈشنىڭ ھەممىسى تىراگېدىيە بولۇپ، بارلىق ھاياتلىققا ئەڭ يۇقىرى قىممەت بەلگىسى قويۇلغان» دېدى ئامېرىكىلىق بىر ئادۋوكات ھاياجانلانغان ھالدا. 4 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، ۋۇخەن شەھىرى تۈزىتىلگەندىن كېيىنكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىساللىرىنىڭ سانى، ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىساللىرى ئىچىدىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنى ئېلان قىلدى. يۇقۇمنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، يىغىپ داۋالاش ئىقتىدارى يېتەرلىك بولماسلىق، دوختۇرخانىلار نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئىشلەش، ئاز ساندىكى داۋالاش ئاپپاراتلىرى كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۇچۇر سىستېمىسى بىلەن ۋاقتىدا ئۇدۇللىشالماسلىق، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر قىسىم ئاغرىقلار سىرتقا چىقىپ يۇقۇملىنىپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ، ئۆيىدە تۇرۇپ دوختۇر ئىزدەپ دورا قىلىش سەۋەبىدىن، ئوبيېكتىپ جەھەتتە بەزى كېچىكىپ مەلۇم قىلىش، چالا مەلۇم قىلىش، خاتا مەلۇم قىلىش ھەمدە تەكرار ئىستاتىستىكا قىلىش ھادىسىلىرى كېلىپ چىققان بولسىمۇ، لېكىن ئەزەلدىن يوشۇرۇپ مەلۇم قىلماسلىق مەۋجۇت ئەمەس، قانۇنغا خىلاپ ھالدا يوشۇرۇپ مەلۇم قىلماسلىقنىڭ ئاقىۋىتىنى ئۈستىگە ئېلىشقا ھېچكىم جۈرئەت قىلالمايدۇ. ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش شارائىتى ھازىرلانغان ھامان، ۋۇخەن يۇقۇمغا ئائىت سانلىق مەلۇماتلارنى ۋاقتىدا ئومۇميۈزلۈك رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، ئىستاتىستىكا قىلىپ، تۈزىتىپ، تارىخقا، خەلققە، قازا قىلغانلارغا مەسئۇل بولىدىغان ناھايىتى ئېھتىياتچان ئىلمىي پوزىتسىيەسىنى نامايان قىلدى.

پىتنە - ئىغۋا گەرچە بىرمەھەل كىشىلەرنى قايمۇقتۇرسىمۇ، ھەققانىيەت ھامىنى پۇت تىرەپ تۇرىدۇ. نۇرغۇن دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلات جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرى ۋە ئاشكارىلىق دەرىجىسىگە يۈكسەك باھا بەردى. بەزى تاراتقۇلار ئەيىبلەپ: ۋۇخەندە «شەھەر قامال قىلىنغان» چاغدا، چەت ئەللەردە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىساللىرىدىن پەقەت بىرنەچچىسىلا بار ئىدى، سىلەر يۇقۇم يامراپ كەتكەندە قايسى يۈزۈڭلار بىلەن جۇڭگونى ئەيىبلەيسىلەر؟ دەپ سورىدى. كۆزى ئۆتكۈر كىشىلەرنىڭ ھەممىسى غەربتىكى بىر قىسىم سىياسەتۋازلارنىڭ خالىغانچە بوھتان چاپلاپ، كۈچىنىڭ بارىچە ھاقارەتلىشىنىڭ ئۆزىنى پەردازلاپ، باشقىلارغا قارا چاپلاشتىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى ئېنىق كۆرۈۋالالايدۇ. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: باشقا دۆلەتنى ۋە باشقا دۆلەت خەلقىنى ھاقارەتلەش ئېلىپ كېلىدىغان خەۋپ - خەتەر ۋىرۇسنىڭ خەۋپ - خەتىرىدىنمۇ ئېغىر بولىدۇ، دەپ كۆپ قېتىم ئاگاھلاندۇردى. ئەمەلىيەتتە، جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش پۈتكۈل جەريانى ئاشكارا بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتتىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسىگە ئايان. ھالبۇكى جۇڭگونى «يوشۇردى» دەپ ئەيىبلىگەن ئاشۇ كىشىلەرنىڭ نېمىنى يوشۇرماقچى بولۇۋاتقانلىقىدىن ھوشيار بولۇش ھەقىقەتەن زۆرۈر.

ئىنسانلار ساق - سالامەت چېكىنەلەيدىغان ئىككىنچى يەر شارى يوق، شۇنداقلا بۇ دۇنيادا مۇستەقىل ئۆتكىلى بولىدىغان پاراللېل دۇنيامۇ يوق. جۇڭگو كارخانىلىرى ئىتالىيەگە ئىئانە قىلغان ماددىي ئەشيالارغا قەدىمكى رىمدىكى پەيلاسوپ سېنېكانىڭ «بىز بىر چوڭ دېڭىزدىكى دېڭىز دولقۇنلىرى، بىر تۈپ دەرەختىكى دەرەخ يوپۇرماقلىرى، بىر گۈللۈكتىكى گۈل - غۇنچىلار» دېگەن ھېكمەتلىك سۆزى بېسىلغان. بۇ دەل جۇڭگونىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكەنلىكىنىڭ جانلىق كارتىنىسى. يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنى بىر مىنۇتمۇ كېچىكتۈرۈشكە بولمايدۇ، ھەمكارلاشقاندىلا ئاندىن غەلىبە قىلغىلى بولىدۇ، جۇڭگو باشتىن - ئاخىر بىردەك ئىلىم - پەنگە ھۆرمەت قىلىپ، قانۇنىيەتكە بويسۇنۇپ، ئەمەلىيەتكە ھۆرمەت قىلىپ، ئىلگىرىكىدەكلا ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاپ، تەجرىبىلەردىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇپ، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ قول تۇتۇشۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ يۇرت - ماكانىنى ئورتاق قوغداشقا تۈرتكە بولىدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 8 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى