5-ئاينىڭ 5-كۈنى، بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان «لەنخۇايىڭ گۈلى كوچىسى». شىنخۇا تورى تارقاتتى (سۈي يۇڭجياڭ فوتوسى، نيەن شىنخۇڭ خەۋىرى)
باھارنىڭ ئاخىرى، يازنىڭ باشلىرىدا، باھار شەھىرى كۇنمىڭدىكى لەنخۇايىڭ گۈللىرى بەس-بەستە ئېچىلىپ، كۆكۈچ سۆسۈن رەڭلىك گۈللەر بۇ شەھەرگە يېڭى ۋە رومانتىك تۈس قوشتى. گۈللەردىن ھۇزۇرلانغىلى بولىدىغان نۇرغۇن جايلار ئارىسىدا، جياۋچاڭ ئوتتۇرا يولى ئەڭ ھەيۋەتلىك بولۇپ، يولنىڭ ئىككى تەرىپىگە 250 تۈپتىن ئارتۇق لەنخۇايىڭ گۈلى تىكىلگەن، دەرەخلەردە گۈللەر ھۈپپىدە ئېچىلىپ، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن ئىككى كىلومېتىر كېلىدىغان رومانتىك گۈل كوچىسى ھاسىل قىلغاچقا «لەنخۇايىڭ گۈلى كوچىسى» دەپ ئاتالغان. بۇ يىل، شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ ياخشى كۆرىشىگە ئېرىشكەن بۇ «توردا ئالقىشلانغان يول»دا، ئۆز قەرەلىدە ئېچىلغان كۆكۈچ سۆسۈن رەڭلىك گۈل دېڭىزى بولۇپلا قالماي، يەنە لەنخۇايىڭ گۈلىنى ئېلېمېنت قىلغان رەڭلىك تام سىزما ۋە لەنخۇايىڭ گۈلى شەكىللىك ماروژنى، يىپەك ياغلىق قاتارلىق ئىجادىي تاۋارلار قوشۇلدى.
5-ئاينىڭ 5-كۈنى، بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان «لەنخۇايىڭ گۈلى كوچىسى». شىنخۇا تورى تارقاتتى (سۈي يۇڭجياڭ فوتوسى)