تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىدىكى «ئاقىل ساياھەت» ماي بايرىمىلىق دەم ئېلىشنى قىزىتىۋەتتى

  تىيانشان تورى خەۋىرى(ئىختىيارىي مۇخبىرجۇاڭ شياۋپو، ياڭ شۈ خەۋىرى): «ماي بايرىمىلىق قىسقا دەم ئېلىش مەزگىلىدە، بىز ساياھەتچى ئېقىمىغا چەك قويۇش، ئالدىن كېلىشىش، مۇۋاپىق ۋاقىت ئارىلىقى قالدۇرۇپ ساياھەت قىلىش تەلىپىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ساياھەت بازىرى بىخەتەرلىكى خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈردۇق، توردا بېلەت تالىشىپ سېتىۋېلىش، تور سىرتىدا بەھرىمەن بولۇش، توردىكى <بۇلۇت ساياھىتى>، بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال سېتىش قاتارلىق نۇرغۇن <ئاقىل ساياھەت> يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى تاماشا قىلىش ئۇسۇلى ساياھەتچىلەرنى بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىدە تېخىمۇ خاتىرجەم، تېخىمۇ ئازادە ساياھەت قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى» دېدى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى بۇ يىللىق ماي بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى ساياھەت ئۈستىدە توختالغان شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتى بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى نا يەنرۇ.  

     بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش، ساغلاملىق كودىنى كۆرسىتىش، بەلگە سىزىقى بويىچە رەتكە تىزىلىپ 1.5 مېتىر ئارىلىق قالدۇرۇش... بۇ يىللىق ماي بايرىمىلىق قىسقا دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئاۋۋال ئالدىن كېلىشىپ ئاندىن ساياھەتكە چىقىش، ئاۋۋال تېمپېراتۇرىنى ئۆلچەپ، ئاندىن باغچىغا كىرىش ساياھەتچىلەرنىڭ سىرتقا چىقىشتىكى ئۆلچەملىك تەرتىپى بولۇپ قالدى. بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىدىكى ھەرقايسى ساياھەت مەنزىرە رايونلىرى ئالدىن كېلىشىش تۈزۈمى ئارقىلىق ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ساياھەتچى ئېقىمىغا چەك قويۇش، ئېقىمنى تارقاقلاشتۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ توپلىشىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى.

  «ھازىر، ساياھەتكە چىقساق ئادەم ئانچە قىستالمايدۇ، شۇڭا كۆڭۈل ئېچىش خۇشاللىقى تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ» دېدى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى بۇرچىن ناھىيەسىدىن كەلگەن ساياھەتچى جېڭ خانىم مەنزىرە رايونىنى ماختاپ.

  بۇ يىلقى ماي بايرىمىلىق قىسقا دەم ئېلىش مەزگىلىدە، قارامايلىق ساياھەتچى ۋاڭ ئەپەندى توردا ھەقسىز ياتاق بېلىتىگە ئېرىشىپلا قالماي، يەنە دېڭىز ئۈستى موگۈيچېڭ مەنزىرە رايونىدا ساياھەت ئاپتوموبىلى، ئات ھارۋىسىغا ھەقسىز ئولتۇرۇش ئېتىبار بېلىتى، مەنزىرە رايونىغا ھەقسىز كىرىش بېلىتىگە ئېرىشتى. «دېڭىز ئۈستى موگۈيچىڭ مەنزىرە رايونىنى كۆرۈپ باققۇم بار ئىدى، بۇ يەردىكى يارداڭ يەر شەكلى ئاجايىپ ھەيۋەتلىك ئىكەن. ئۆزگىچە سۇ ئۈستى يارداڭلىقلىرى مەن ۋە ئائىلەمدىكىلەردە ناھايىتى چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى» دېدى ئۇ.

  شىنجاڭ ئىچىدىكى ساياھەتچىلەر يۇرتنىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلغاندىن باشقا، شۇ جايدىكى ساياھەتچىلەرمۇ ئۆز جايىدا «ئەتراپتىكى گۈزەللىكنى بايقاش» بۇ يىلقى بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى ساياھەتچىلىكىنىڭ ئالاھىدە يارقىن نۇقتىسىغا ئايلاندى. بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىدىكى نۇرغۇن ئاھالە ئۇلۇڭگۈر كۆلى سۇلۇق يەر باغچىسى، خۇاڭجىن خەيئەن مەنزىرە رايونى قاتارلىقلار جايلارنى تاللاپ، باھاردىن ھوزۇرلاندى، شۇنداقلا يۇرتىدىكى يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى ھېس قىلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، ماي بايرىمىلىق قىسقا دەم ئېلىش مەزگىلىدە، بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى 68 مىڭ ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋالغان بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %956.3 ئاشقان، ساياھەت ئومۇمىي ئىستېمالى 34 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %388.68 ئاشقان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى