شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: 5-ئاينىڭ 6-كۈنى، جۇڭئەن شىنزى (شىنجاڭ) يېقىلغۇ گاز چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇرۇلۇش خادىملىرى بۈگۈر-كورلا گاز يەتكۈزۈش تۇرۇبا تۈرى نەق مەيدانىدا قۇرۇلۇش قىلماقتا. بۇ تۈرگە تەخمىنەن 680 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، بۈگۈر ناھىيەسى جەنۇبىي بۈگۈر بازىرىدىن باشلىنىپ، ئاخىرى كورلا شەھىرىگىچە بارىدۇ، لىنىيەنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 180 كىلومېتىر كېلىدۇ، بۇ يىل 8-ئاينىڭ ئاخىرىدا قۇرۇلۇش تاماملاش مۆلچەرلەنمەكتە. بۇ تۈر ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، كورلا شەھىرى شاڭكۇ ئۇنىۋېرسال سانائەت باغچە رايونىغا كۈنىگە 500 مىڭ كۇب مېتىر تەبىئىي گاز يەتكۈزۈلىدىكەن. (فەن مىڭ فوتوسى)
بۈگۈر-كورلا گاز يەتكۈزۈش تۇرۇبا تۈرىدە قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىلماقتا
مۇھەررىر :
پەرغانە غوپۇر
|
مەنبە:
تىيانشان تورى
2020/05/09 16:47
ئەسكەرتىش:
تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.