تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

يۇقۇمغا توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە «جۇڭگو جاۋاب قەغىزى» تاپشۇرۇش

− قول تۇتۇشۇپ يەر شارىۋى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش     جۇڭگو مەسئۇلىيىتىنى نامايان قىلىش

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى پۈتۈن يەر شارىدا يامراۋاتىدۇ، جۇڭگو يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىگە ئېرىشتى.

بۇ، بىر قېتىملىق ئاز كۆرۈلىدىغان يەر شارىۋى كىرىزىس، شۇنداقلا پۈتكۈل ئىنسانىيەت دۇچ كەلگەن ئورتاق خىرىس. خەلقئارا جەمئىيەتكە يۇقۇمنى ئەڭ بالدۇر مەلۇم قىلغان، يۇقۇمغا ئەڭ بالدۇر جەڭ ئېلان قىلغان دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو ئومۇمىي خەلقنى سەپەرۋەر قىلىپ، مەملىكەت بويىچە جەڭگە ئاتلىنىپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش، غايەت زور قۇربان بېرىش ئارقىلىق دۇنيا بويىچە دۆلەت ئىچى يۇقۇمىنى باشلامچىلىق بىلەن كونترول قىلغان دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ، دۇنيا ئۈچۈن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى رايون مۇداپىئە لىنىيەسىنى ساقلاپلا قالماي، يەر شارىۋى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈنمۇ قىممەتلىك تەجرىبە توپلىدى.

باشتىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ، ئىشنىڭ مۈشكۈللۈكىنى بىلگىلى بولمايدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، بارغانسېرى كۆپ كىشى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ «ھىيلىگەر»لىكىنى تونۇپ يەتتى، يۇقۇمنىڭ ئىنسانىيەت جەمئىيىتىگە كۆرسىتىدىغان غايەت زور خەۋپىنىمۇ بىۋاسىتە ھېس قىلدى. لېكىن ئۈچ ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى، يۇقۇمنىڭ بۇنچە شىددەتلىك شەكىلدە پۈتۈن يەر شارىغا خالىغانچە زىيانكەشلىك قىلىشىنى ھېچكىم ئويلاپ يەتمىگەن بولۇشى مۇمكىن. تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ، يامان ئەلپازدا كەلگەنلىكتىن، جۇڭگونىڭ جەڭگە ئاتلىنىش خەتىرى ۋە قىيىنلىق دەرىجىسى تەسەۋۋۇردىكىدىن ئېشىپ كەتتى: تېخى تولۇق تونۇپ يەتمىگەن ۋىرۇسقا قارىتا قانداق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئېلىپ بېرىش كېرەك؟ چاغانلىق يولۇچى توشۇش چوڭ دولقۇنىدا ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىنى قانداق توسۇش كېرەك؟ سانى كۆپ بولغان ئاغرىقلارنىڭ قوبۇل قىلىشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق قوبۇل قىلىش، داۋالاشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق داۋالاشقا قانداق ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؟ ئۈنۈملۈك داۋالاش ۋاسىتىسى ۋە دورىنى قانداق بېكىتىش كېرەك... نۇرغۇن نامەلۇملارغا سىناق تەرىقىسىدە تاقابىل تۇردى. بەزىلەر مۇنداق دېدى: جۇڭگو مۇددەتتىن بۇرۇن بىر مەيدان «يېپىق ئىمتىھان» بېرىپ، ۋىرۇسنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئاھالىلەرگە يۇقۇش نىسبىتى %0.006كە يەتمىگەن ۋاقىتتىلا «يۈگەنسىز ياۋا ئات»نىڭ تىزگىنىنى تارتىپ، ئىنسانلارنىڭ يۇقۇملۇق كېسەل بىلەن كۈرەش قىلىش تارىخىدا مۆجىزە ياراتتى. بۇنداق «جۇڭگو جاۋاب قەغىزى» تەستە قولغا كەلدى، جاھاننى زىلزىلىگە سالدى.

بۇ «جۇڭگو جاۋاب قەغىزى»دە جاپالىق، مىسلىسىز تىرىشچانلىق خاتىرىلەنگەن. باش شۇجى شى جىنپىڭ يۇقۇمنى بىر قېتىملىق چوڭ ئىمتىھانغا ئوخشىتىپ، ئۆزى قوماندانلىق قىلدى، ئۆزى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، دېھقانلار كالېندارى بويىچە چاغاننىڭ 1 - كۈنى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، بولۇپمۇ ئاغرىقلارنى داۋالاش خىزمىتىنى قايتا تەتقىق قىلدى، قايتا ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، قايتا سەپەرۋەر قىلدى. شۇنىڭدىن ئىككى كۈن ئىلگىرى، ۋۇخەن ۋۇخەندىن چىقىدىغان يولنى تاقاپ، شەھەرنى قامال قىلىش تەدبىرىنى قوللاندى؛ شۇنىڭدىن بىر كۈن ئىلگىرى، ئازادلىق ئارمىيەنىڭ ئۈچ داۋالاش ئەترىتى قارشى يۆنىلىشتە ۋۇخەنگە مېڭىپ، جىددىي ياردەم بەردى. بالدۇر بايقاش، بالدۇر دوكلات قىلىش، بالدۇر ئايرىش، بالدۇر داۋالاش، ئاغرىقلارنى مەركەزلەشتۈرۈش، مۇتەخەسسىسلەرنى مەركەزلەشتۈرۈش، بايلىقنى مەركەزلەشتۈرۈش، قۇتقۇزۇش - داۋالاشنى مەركەزلەشتۈرۈش... پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى 42 مىڭ تېببىي خادىم تېز سۈرئەتتە ۋۇخەنگە يېتىپ باردى، خوشىنشەن دوختۇرخانىسى، لېيشىنشەن دوختۇرخانىسى ئون كۈندە ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا مۇنداق كۆرسىتىلدى: «ئىلگىرى يولۇقۇپ باقمىغان ۋىرۇس ئالدىدا، جۇڭگو تارىختىكى ئەڭ باتۇر، ئەڭ جانلىق، ئەڭ ئاكتىپ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرىنى قوللاندى»؛ ئامېرىكا «ئىلىم - پەن» ژۇرنىلىدا بېسىلغان تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگونىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرى ۋىرۇسنىڭ تارقىلىش زەنجىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك بۇزۇپ تاشلاپ، نەچچە يۈز مىڭ ئادەمنى يۇقۇملىنىشتىن ساقلىغان.

بۇ «جۇڭگو جاۋاب قەغىزى» يۈز مىليونلىغان خەلقنىڭ چىدامچانلىقى، قەيسەرلىكىگە گۇۋاھ بولماقتا. «ئازابقا ئۇچرىغان باشقا دۆلەتلەرگە ئوخشاش، جۇڭگومۇ بۇ مەيدان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچى.» سىنگاپور «دېڭىز بوغۇزى ۋاقىت گېزىتى»نىڭ ئوبزورىدا شۇنداق دېيىلدى. بۇ مەيدان مىسلى كۆرۈلمىگەن ئېغىر يۇقۇمدا، نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىز ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىپ بەختكە قارشى قازا قىلدى، نۇرغۇن خىزمەتچى خادىملار 1 - سەپتە قەھرىمانلارچە قۇربان بولدى؛ يۇقۇمنىڭ يامراش ۋەزىيىتىنى توسۇش ئۈچۈن، بىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تۇرمۇشىمىز «جىددىي تورمۇزلاندى»، 10 مىليون دەرىجىلىك نوپۇسى بار شەھەرلەرنى ئىنسانىيەت تارىخىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە قامال قىلدۇق، ھەم پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا ئېغىر، زور تاسادىپىي ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەسى بويىچە جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش 1 - دەرىجىلىك لايىھەسىنى يولغا قويدۇق. سېربىيە تاراتقۇسى مۇقاۋىدىكى چوڭ ماۋزۇدا «پۈتۈن دۇنيا ۋۇخەن خەلقىگە رەھمەت ئېيتىشى كېرەك» دەپ يازدى؛ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو خەلقى «نورمال تۇرمۇشىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە تۆھپە قوشتى».

بۇ «جۇڭگو جاۋاب قەغىزى»دە تەقدىرداش بولۇش مەسئۇلىيىتىنى زىممىگە ئېلىش نامايان قىلىندى. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش داۋامىدا، جۇڭگو خەلقئارا ھەمكارلىققا باشتىن - ئاخىر ئەھمىيەت بەردى ھەم ئۇنى پائال ئالغا سىلجىتتى. جۇڭگو 2019 - يىلى 12 - ئاينىڭ 31 - كۈنىدىن باشلاپلا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا يۇقۇم ئۇچۇرىنى مەلۇم قىلدى، بۇ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى «خەلقئارا كۆڭۈل بۆلىدىغان تاسادىپىي ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەسى»نى شەكىللەندۈردى دەپ ئېلان قىلىشتىن بىر ئاي بالدۇر. داڭلىق تېببىي ژۇرنال «ليۇيېداۋ»نىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى غەرب ئەللىرىدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئاساسسىز ئەيىبلىشىگە قارىتا، «جۇڭگو تارقاتقان ئۇچۇر ناھايىتى ئېنىق، لېكىن بىز پۈتۈن 2 - ئاينى ئىسراپ قىلىۋەتتۇق» دەپ ئېنىق كۆرسەتتى. يەر شارىۋى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئەڭ جىددىي پەيتىدە، جۇڭگونىڭ داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ئايروپىلاندا چەت ئەلگە بېرىپ جەڭ قىلدى، جۇڭگونىڭ داۋالاش ماددىي ئەشيالىرى پۈتۈن يەر شارىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا توشۇلدى، جۇڭگونىڭ داۋالاش لايىھەسى ھەرىكەتچان يېڭىلىنىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق بەھرىلىنىشىگە سۇنۇلدى...

ۋىرۇسنىڭ دۆلەت چېگراسى يوق، يۇقۇم ئېرق ئايرىمايدۇ. بىزگە چوڭقۇر ئايانكى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش يەر شارىۋى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە، يەنە بىر دۆلەت يۇقۇمنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلمىسىلا، بۇ مەيدان جەڭ ئاخىرلاشمايدۇ. بۇ مەيدان جەڭدە، جۇڭگو مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان پاكىت بىلەن مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەتنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقىنى تولۇق نامايان قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتكە يۈز كېلەلىگۈدەك قۇربان بەردى ۋە تۆھپە قوشتى؛ بۇ مەيدان جەڭدە، جۇڭگو ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىشتىن ئىبارەت ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە يەر شارى ئاممىۋى سەھىيە بىخەتەرلىكىنى ئورتاق قوغدىدى.

گەرچە باشقا - باشقا جايدا بولساقمۇ، لېكىن ئوخشاش بىر ئاسماننىڭ تېگىدە ياشايمىز؛ جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولىمىز. ئامېرىكا كۇئېن فوندى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى روبېرت لاۋرېنس كۇئېننىڭ «جۇڭگو جاۋاب قەغىزى»نى مەدھىيەلىگەن چاغدىكى باھاسى خەلقئارا جەمئىيەتتىكى بىلىملىك زاتلارنىڭ يۈرەك ساداسىغا ۋەكىللىك قىلدى، ئۇ مۇنداق دېدى: ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسى يىراقنى كۆرەرلىككە ئىگە، ماھىيەتلىك مەزمۇنى چوڭقۇر بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە «دۇنيانى جىددىي، ئېھتىياجلىق يېڭى تەپەككۇر شەكلى بىلەن تەمىنلەپ، غايەت زور ئۈمىد يەتكۈزدى.» بۇ ئۈمىد جۇڭگو خەلقىنىڭ ئېگىلمەي - سۇنماي يېزىپ چىققان يۇقۇمغا قارشى تۇرۇش جاۋاب قەغىزى، شۇنداقلا دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ چاقناتقان غەلىبە نۇرىدىن كەلگەن!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 7 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى