تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

ئالاھىدە مەزگىلدە، جىڭ ناھىيەسىنىڭ توردا سېتىش سوممىسى تېز ئاشتى

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىر زۇليار جۈرئەت): 1-پەسىلدە، شىنجاڭ بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى جىڭ ناھىيەسىدە توردا پارچە سېتىش سوممىسى 6 مىليون 275 مىڭ 100 يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %23.8 ئاشتى.

  «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە، نۇرغۇن ئىستېمالچى ئورگانىك، يېشىل قۇۋۋەت مەھسۇلاتلىرىنى تاللاپ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇردى، بۇنىڭ بىلەن قۇۋۋەت مەھسۇلاتلىرى ئىلگىرىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ بازار تاپتى. «يۇقۇمنىڭ تەسىرىدە <مەھسۇلاتلىرىمىز كاساتلىشىش مەزگىلىگە كىردى> دەپ ئويلاپتىمەن، ئويلىمىغان يەردىن تىجارەت سوممىمىز ئازايماي ئەكسىچە ئۆرلىدى» دېدى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى غەربىي يۇرت چىيۈەن ئېلېكتىرونلۇق سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى جۇ خۇڭمېي. بۇ شىركەت جىڭ ناھىيەسىنىڭ ئاقىل ئەشيا ئوبوروتى ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسىپلەر باغچىسىغا جايلاشقان بولۇپ، 20 نەچچە خىل ئالقات ھاسىلىي مەھسۇلاتى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە، شىركەت ئالاقە تورىدا بىۋاسىتە كۆرسىتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق مەھسۇلات ساتتى، ئايلىق سېتىش سوممىسى 200 مىڭ يۈەنگە يەتتى.

  بورتالا ئوبلاستلىق سودا ئىدارىسى ئىچكى سودا بۆلۈمىنىڭ باشلىقى نى چۈنجيەن مۇنداق دېدى: «جىڭ ناھىيەسىنىڭ توردا سېتىش سوممىسى ئالاھىدە مەزگىلدە تېز ئاشتى، كارخانىلار تەرەققىيات پۇرسىتىنى ماھىرلىق بىلەن چىڭ تۇتۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە ئىستېمالچىلارنىڭ توردا مال سېتىۋېلىشتىكى بىلىش دەرىجىسى ۋە قوبۇل قىلىش دەرىجىسىنى تولۇق ئىگىلەپ، تور تىجارىتىنى كېڭەيتىش سالمىقىنى ئاشۇردى».

  جىڭ ناھىيەلىك ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەت مەركىزىنىڭ مۇدىرى ما شۇجۈن مۇنداق دېدى: «ھازىرغىچە جىڭ ناھىيەسىدە ئېلېكىترونلۇق سودا بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان كارخانىدىن 60ى، تور دۇكىنى(ئۈندىدار دۇكىنىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ )دىن 2323ى بار.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى