تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

شىنجاڭنىڭ 2020-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى تەنتەربىيە تۈرى كەسپىي سىنىقىغا تىزىملىتىش باشلاندى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز شېن زۇشياۋ خەۋىرى) 5-ئاينىڭ 7-كۈنى، شىنجاڭنىڭ 2020-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بويىچە تەنتەربىيە تۈرى كەسپىي سىنىقىغا تىزىملىتىش باشلاندى.

  مۇخبىرنىڭ 5-ئاينىڭ 7-كۈنى شىنجاڭ مائارىپ ئىمتىھان يۇرتىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايوننىڭ 2020-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا تىزىملىتىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، 2020-يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ ئىچى-سىرتىدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تەنتەربىيە تۈرىدىكى كەسىپلىرى (مەسىلەن: تەنتەربىيە مائارىپى، جەمئىيەت تەنتەربىيەسى يېتەكچىلىكى ۋە باشقۇرۇش، ئىستىراھەت تەنتەربىيەسى، جەمئىيەت تەنتەربىيەسى قاتارلىقلار)گە تىزىملاتقان ئوقۇغۇچىلار ئاپتونوم رايوننىڭ 2020-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بويىچە تەنتەربىيە تۈرى كەسپىي سىنىقىغا چوقۇم قاتنىشىشى كېرەككەن.

  شىنجاڭ مائارىپ ئىمتىھان يۇرتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 5-ئاينىڭ 7-كۈنى سائەت 10:00دىن 5-ئاينىڭ 14-كۈنى سائەت 16:00گىچە، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر شىنجاڭ مائارىپ ئىمتىھان يۇرتىنىڭ ھۆكۈمەت تور بېكىتى (http://www.xjzk.gov.cn)گە چىقىپ، «2020 ـ يىللىق تەنتەربىيە تۈرى كەسپى سىناق» مۇلازىمەت سۇپىسىغا كىرىپ توردا تىزىملاتسا بولىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، 100 مېتىرغا يۈگۈرۈش، ئورنىدا تۇرۇپ يىراققا سەكرەش، ئورنىدا تۇرۇپ چويۇن توپ ئېتىش (ئوغۇللار 5 كىلوگىرام، قىزلار 4 كىلوگىراملىق چويۇن توپنى ئاتىدۇ)، 800 مېتىرغا يۈگۈرۈشتىن ئىبارەت سىناق تۈرلىرى بار بولۇپ، سىناق ئومۇمىي نەتىجىسىنىڭ تولۇق نومۇرى 100 نومۇر بولىدىكەن.

  شىنجاڭ مائارىپ ئىمتىھان يۇرتى مۇنۇلارنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى: ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تەنھەرىكەت مەشىقى، چامباشچىلىق ۋە مىللىي ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە كەسپىگە ئىمتىھان بېرىشكە تىزىملاتقان ئوقۇغۇچىلار دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار ئۇقتۇرۇشىغا ئاساسەن ئىجرا قىلىدۇ. ئىمتىھان بەرگۈچىلەر تەنتەربىيە تۈرىدىكى كەسپىي سىناققا قاتنىشىش-قاتناشماسلىقنى ئۆزى قارار قىلىدۇ.

  ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك تەنھەرىكەت كوماندىسىغا تىزىملاتقان ئوقۇغۇچىلار ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىزامنامىسىدە بەلگىلەنگەن تەلەپكە ئاساسەن، ئالاقىدار سىناقلارغا قاتنىشىشى كېرەك. ئىمتىھان بەرگۈچىلەر تەنتەربىيە تۈرى كەسپىي سىنىقىغا قاتنىشىش-قاتناشماسلىقنى ئۆزى قارار قىلىدۇ.

  مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، سىناق ۋاقتى ۋە ئورنى ئايرىم ئۇقتۇرۇش قىلىنىدىغان بولۇپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر شىنجاڭ مائارىپ ئىمتىھان يۇرتىنىڭ ھۆكۈمەت تور بېكىتى (http://www.xjzk.gov.cn)غا چىقىپ، تەپسىلىي ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدا ئىگىلىسە بولىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى