تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، جەمئىيەت مۇقىملىقى قاتارلىق خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش كېرەك

چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 5 - ئاينىڭ 6 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئاستىدا ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، جەمئىيەت مۇقىملىقىغا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى قوماندانلىق قىلىپ، ئۆزى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، بىر قاتار مۇھىم سۆزلەرنى قىلىپ، بىر قاتار مۇھىم يوليورۇقلارنى بېرىپ، بىزنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشىمىزغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى، قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى چىڭ كۆزلەپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىنى پۇختا ئىگىلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى دائىملاشتۇرۇش ئالدىنقى شەرتىدە، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقى چوڭ ۋەزىيىتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي قوغداپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنداشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشى كېرەك.

بىرىنچى، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىسىنى چىڭىتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىش كېرەك. دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش، ئۇزاق مۇددەت ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىشتەك ئاساسىي يۈزلىنىشىدە ئۆزگىرىش بولمىدى، لېكىن ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا دۇچ كەلگەن خىرىس مىسلىسىز، دېگەن ئىلمىي ھۆكۈمنى توغرا ئىگىلەش كېرەك. قىيىنچىلىق، خەۋپ - خەتەر ۋە ئېنىقسىزلىقلارنى تولۇق مۆلچەرلەپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خەۋپ ئېڭىنى كۈچەيتىپ، خەۋپ - خەتەر، خىرىسقا بىرقەدەر ئۇزاق ۋاقىت تاقابىل تۇرۇش ئىدىيە تەييارلىقى ۋە خىزمەت تەييارلىقىنى ياخشى قىلىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، ئۆزگىرىشنى توغرا تونۇپ، ئۆزگىرىشكە ئىلمىي ماسلىشىپ، ئۆزگىرىشكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىنتىلىپ، خىرىسنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇشقا ماھىر بولۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەش كېرەك.

ئىككىنچى، ئاخىرىدىمۇ باشتىكىدەكلا ئېھتىياتچان بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى بوشاشتۇرماسلىق كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى ھەرۋاقىت چىڭىتىپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى چىڭ تۇتۇپ، پۇختا تۇتۇپ، ئىنچىكە تۇتۇپ، سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ۋاقىت، ۋەزىيەتكە قاراپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چېگرا پورتلىرى ۋە نۇقتىلىق مەيدان - سورۇنلار، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىغا قارىتا دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى زۆرۈر مۇداپىئەنى ياخشى قىلىشقا پائال يېتەكلەپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش جەڭ نەتىجىسىنى سىجىل مۇستەھكەملەش كېرەك.

ئۈچىنچى، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىش؛ تېپىلغۇسىز پۇرسەتنى تۇتۇپ، مۇھىم، زور ئۇل ئەسلىھەلەر، يېڭى تىپتىكى ئۇل قۇرۇلۇش، ئاممىۋى سەھىيە قاتارلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، كونا مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىشنى يولغا قويۇپ، ئۈنۈملۈك مەبلەغ سېلىشنى پائال كېڭەيتىش؛ كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزۈش تۈرلۈك سىياسەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ قوزغىتىش؛ ئىستېمالنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق قويۇپ بېرىپ، ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمالىنى كېڭەيتىپ، ئاممىۋى ئىستېمالنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇپ، ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ ئىستېمالنى تولۇقلاشقا سىجىل تۈرتكە بولۇش؛ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ تاشقى سودىنى مۇقىملاشتۇرۇش، تاشقى مەبلەغنى مۇقىملاشتۇرۇش؛ ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ، زورايتىپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنىڭ تەڭشىلىشى ۋە يېڭى - كونا ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنىڭ ئالمىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

تۆتىنچى، نىشان، ئۆلچەمدە چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك. «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى چىڭ كۆزلەپ، دىققەتنى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئېغىر نامرات رايونلار ۋە ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر توپىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، «ئالتىدە دەل جايىدا بولۇش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «يەتتە بىر تۈركۈم» «ئۈچتە سالماقنى ئاشۇرۇش»نى ئالغا سىلجىتىپ، ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى قاتتىق تۇتۇپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنى كۆزىتىش، ئۆلچەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى قەرەلىدە يۇقىرى سۈپەتلىك تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

بەشىنچى، ئادەمنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى سىجىل كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش كېرەك. مائارىپ، داۋالاش، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشلىرىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، نۇقتىلىق ساھە، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇپ، چىن قەلب، چىن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ بىلەن ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ياخشى ھەل قىلىپ، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر توپىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، خەلق بەختىنىڭ ئۇلى، جەمئىيەت ئىناقلىقىنىڭ ئاساسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك.

ئالتىنچى، ئاگاھ سىگنالىنى ئۇزاققىچە ياڭرىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداش كېرەك. دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىرىكمە مۇشتنى ياخشى ئېتىپ، ئۈنۈملۈك بولغان مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىدە تەۋرەنمەسلىكتە چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىق پايدىسىنى سىجىل قويۇپ بېرىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىش كېرەك.

يەتتىنچى، ئىستىلنى ياخشىلاشتا چىڭ تۇرۇپ، خىزمەت ئىقتىدارى، سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. ئەسلىي مەقسەتنى ھەرىكەتتە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەممىدە ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قەتئىي ساقلىنىپ، ھەقىقىي تۈردە ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، باشقۇرۇش ئىقتىدارى ۋە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، باتۇرلۇق بىلەن ئاۋانگارتلاردىن بولۇپ، سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىشقا جۈرئەت قىلىپ، بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ مەسىلىلەرنى بايقاپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

سەككىزىنچى، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ پۇختا ئەمەلىيلىشىشى، جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، بىڭتۇەن، خەلق ماسلىشىپ بىرلىشىپ ھەرىكەتكە كېلىشتە چىڭ تۇرۇپ، بېسىمنى قاتلاممۇقاتلام يەتكۈزۈپ، مەسئۇلىيەتنى قاتلاممۇقاتلام چىڭىتىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولى ۋە كەڭ پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئاۋانگارت نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش جاسارىتى، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش پاراسىتى، بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىش تەدبىرى، تەشكىللەپ يولغا قويۇش ئىقتىدارى بىلەن، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم بېرىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار تەتقىق قىلىندى.

شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ۋاڭ جۈنجېڭ، لى پېڭشىن، لى ۋېي، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، تيەن ۋېن، سارقىت ئاقان قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.