تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كەنتتىكى «تۇخۇم ساتقۇچى»

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى خەن لياڭ فوتوسى، خەۋىرى

5 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، ۋېي شىڭلۇڭ (ئوڭدا) كەنت كادىرى بىلەن بىللە توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئارقىلىق كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇخۇم سېتىشىغا ياردەم بەرمەكتە.

5 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، ۋېي شىڭلۇڭ (ئوڭدا) كەنت ئاھالىسى لى چېڭجۇ بىلەن بىللە خىمىيەۋى ئوغۇت يۆتكىمەكتە.

5 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، ۋېي شىڭلۇڭ (سولدا) قوشماقلاشقان تۇغقىنى ساۋۇتجاننىڭ كالا قوتىنى سېلىشىغا ياردەملەشمەكتە.

«ليۇ ھەدە، بۇ سىزنىڭ تۇخۇمىڭىزنىڭ پۇلى.» 5 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، ۋېي شىڭلۇڭ كەنت ئاھالىسى ليۇ گۈيلىڭغا ياردەملىشىپ ساتقان تۇخۇمنىڭ پۇلىنى ئۇنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى.

ۋېي شىڭلۇڭ بورتالا بانكا - سۇغۇرتا نازارەتچىلىكى شۆبە ئىدارىسىنىڭ بورتالا شەھىرى شويىڭپەن بازىرى ئۈمكە بۇلاق كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزاسى. بىر قېتىملىق زىيارەتتە، ئۇ كەنت ئاھالىسى ليۇ گۈيلىڭنىڭ كېسەل سەۋەبىدىن ئائىلىسىنىڭ قىيىن ئەھۋالدا قالغانلىقىنى ئىگىلىدى. ۋېي شىڭلۇڭ باشقا ئەترەت ئەزالىرى بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ باقمىچىلىق تۈرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ياردەم بېرىشنى قارار قىلدى.

چۈجە ئاپىرىپ بەردى، كاتەك ياسىدى، باقمىچىلىق تېخنىكلىرىنى تەكلىپ قىلدى، ۋېي شىڭلۇڭنىڭ ياردىمىدە، ليۇ گۈيلىڭ ئائىلىسىنىڭ توخۇلىرى ناھايىتى تېزلا تۇخۇملاشقا باشلىدى، لېكىن تۇخۇمنى سېتىش يەنە بىر مەسىلىگە ئايلاندى.

«كۆپچىلىك تېز كېلىپ كۆرۈڭلار، بۇ بىزنىڭ كەنتنىڭ يەرلىك تۇخۇمى، بىرسى 1.5 يۈەن.» ۋېي شىڭلۇڭنىڭ دوستلار چەمبىرىكى، ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - بۇرادەرلەر توپىدا ھەر كۈنى بۇنىڭغا ئوخشاش مەزمۇنلارنى كۆرگىلى بولىدۇ. توردا تۇخۇم سېتىش ئۇچۇرى ئېلان قىلدى، تور سىرتىدا، ۋېي شىڭلۇڭ يەنە بورتالا شەھىرىدىكى ھەرقايسى ئاشخانىلار، مېھمانسارايلارغا بېرىپ ساتتى. بارا - بارا تۇخۇم سېتىشتا ئۈنۈم كۆرۈلدى، بىر قىسىم كەنت ئاھالىلىرىمۇ ۋېي شىڭلۇڭنى ئىزدەپ كېلىپ تۇخۇم ساتتى، ئۇ كەنتتىكى «تۇخۇم ساتقۇچى» بولۇپ قالدى.

تۇخۇمنىڭ سېتىلىشىدىن غەم قىلمىغاچقا، ليۇ گۈيلىڭنىڭ چىرايىدا يەنە تەبەسسۇم جىلۋىلەندى. بۇ يىل، ئۇ يەنە تۇخۇم توخۇسى بېقىش كۆلىمىنى كېڭەيتتى. «ھازىر كۈنلىرىم كۈندىن - كۈنگە ياخشىلىنىۋاتىدۇ» دېدى ليۇ گۈيلىڭ.

«شياۋ ۋېي ماڭا ھەقىقەتەن چوڭ ياردەم قىلدى!» نامرات ئاھالە لى چېڭجۇ ئاشلىق تېرىش ماھىرى بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىشنى كېڭەيتىشنى ئىزچىل ئويلاپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن مەبلىغى يېتىشمەيتتى. ۋېي شىڭلۇڭ ئۇنىڭ ئاز سوممىلىق نامراتلارنى يۆلەش قەرز پۇلى ئېلىشىغا ياردەم بەردى. «شياۋ ۋېينىڭ ياردىمىدە، مەن 600مىڭ يۈەن پۇل قەرز ئالدىم، بۇ يىل مەن 410 مو يەرنى ھۆددىگە ئالدىم» دېدى لى چېڭجۇ.

كەنتتە تۇرغان ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ۋېي شىڭلۇڭ كەنتتە «ناتونۇش ئادەم»دىن كۆپچىلىك ئېتىراپ قىلغان «شياۋ ۋېي» غا ئايلاندى.

«كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ياخشى كۈن كەچۈرۈشىگە ياردەم بېرەلىسەم، مەندىمۇ مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسى بولىدۇ» دېدى ۋېي شىڭلۇڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى