تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەدەنىيەت - ساياھەتچىلىك كەسپى بىۋاسىتە كۆرسىتىشتىن پايدىلىنىپ يېڭىلىق يارىتىش، ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىش ئۈستىدە ئىزدەندى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ياۋ گاڭ

ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن «1 - ماي» دەم ئېلىش مەزگىلىدە، بۇلۇت تېرمىنالى ساياھىتى مودىغا ئايلاندى. 5 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، كۆكتوقاي مەنزىرە رايونىدا تۇنجى قېتىم بىۋاسىتە كۆرسىتىش باشلاندى، ئىككى سائەتتىن ئارتۇق بىۋاسىتە كۆرسىتىش 21 مىڭ ئادەمنى توردا كۆرۈشكە جەلپ قىلدى. «كەچ سائەت 10دىمۇ قاراڭغۇ چۈشمىدىغۇ؟» «چوقۇم كۆكتوقايغا بېرىپ كۆرۈپ كېلەيلى!»... بۇ مەنزىرە رايونىنىڭ بىۋاسىتە كۆرسىتىش خادىمى تورداشلارغا كۆكتوقاي 3 - نومۇرلۇق كان ئازگىلىنىڭ تارىخىنى چۈشەندۈردى، كۆكتوقاي گېئولوگىيە مۇزېيىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى تونۇشتۇردى. «بىۋاسىتە كۆرسىتىش مەنزىرە رايونىنى تەشۋىق قىلىشتىكى يېڭى ئۇسۇل، بۇنىڭ ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولدى!» دېدى بۇ مەنزىرە رايونىنىڭ خىزمەتچى خادىمى مۇخبىرغا.

ھازىر، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ساياھەت مەنزىرە رايونلىرى ۋە مۇزېيلار دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىللە، تور سۇپىسىغا تايىنىپ، رەقەملىك مۇزېي، توردىكى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى قاتارلىق توردىكى مەدەنىيەت - ساياھەت كۆرۈش - ئاڭلاش مەزمۇنلىرى ۋە كۆپ مەيدان «بۇلۇت ساياھىتى» پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ساياھەتچىلەرنى ئۆيدىن چىقماي تۇرۇپلا شىنجاڭنىڭ گۈزەل مەنزىرىلىرىدىن ھۇزۇرلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى، بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئارقىلىق تەسىر كۈچىنى كېڭەيتىپ، يوشۇرۇن ساياھەتچىلەر مەنبەسى بازىرىنى يېتىلدۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەدەنىيەت - ساياھەت بازىرىنىڭ يېپيېڭى تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.

«بىز بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئارقىلىق مەنزىرە رايونىنىڭ مەنزىرىسى، سۈپىتى، ئادىمىيەت پائالىيەتلىرىنى تېخىمۇ كۆپ تورداشقا تونۇشتۇرۇپ، شىنجاڭ ياخشى جاي دېگەننى تەشۋىق قىلدۇق، تونۇشتۇردۇق.» تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى تەشۋىقات - تەربىيە، قانۇن - نىزام باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى ليۇ ۋېنيى مۇنداق دېدى: 4 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، مەزكۇر مەنزىرە رايونى بىر مەيدان پىيادە مېڭىپ بەدەن چېنىقتۇرۇش ساياھىتىنى بىۋاسىتە كۆرسىتىپ، 46 مىڭ ئادەم قېتىمنى توردا كۆرۈشكە جەلپ قىلدى.

خەن سۇلالىسىنىڭ قەدىمىي ساپالچىلىق سەنئىتىدىن يىپەك يولىنىڭ گۈللىنىشىگىچە، دۆلەت گۆھىرى دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقى «شەرقتىن كۆتۈرۈلسە بەش ئەختەر، ئوتتۇرا ئىقلىمغا نەپ يېتەر» دېگەن خەت كەشتىلەنگەن كىمخاب يەڭلىكتىن كىروران قەدىمىي شەھىرى خارابىسىنى ئىزدەشكىچە... 4 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، تىيانشان تورى شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنى تەشۋىق قىلىش - كېڭەيتىش مەركىزى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېي بىلەن بىرلىشىپ، تىيانشان تورى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات كۆچمە تورى، خەلق تورى، دوۋيىن، كۇەيشوۋ قاتارلىق 20دىن ئارتۇق تاراتقۇ سۇپىسى ئارقىلىق كۆپچىلىكنى باشلاپ ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېينى «بۇلۇت سەيلىسى» قىلدۇردى. بىر سائەتتىن ئارتۇق بىۋاسىتە كۆرسىتىشنى 5 مىليون 400 مىڭ ئادەم قېتىم توردا كۆردى.

تەقلىدىي ساياھەت، VRدا مەنزىرىنى تاماشا قىلىش، توردا كۆرگەزمە كۆرۈش، ھازىر، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرى ئالاقە تورى قاتارلىق تېخنىكا ۋاسىتىلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، مەدەنىيەت - ساياھەت مەھسۇلاتلىرى، پائالىيەتلىرى ھەم مۇلازىمەتلىرىنى «بۇلۇت تېرمىنالى»غا يۆتكىدى، ھەرقايسى جايلاردىكى مەدەنىيەت - ساياھەت تارماقلىرىمۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن «تور ئارقىلىق» ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇردى. بۇ، مەدەنىيەت - ساياھەت بازىرىنىڭ مەھسۇلات بىلەن تەمىنلىشىنى بېيىتىپلا قالماي، ئوخشاش بولمىغان قاتلامدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى تېخىمۇ قاندۇردى.

4 - ئاينىڭ 25 - كۈنى سائەت 10دا، ئالتاي ۋىلايىتىدە «باھار كېلىپ گۈللەر ئېچىلدى، تاغ - دەريالار ئىلگىرىكىدەك تۈس ئالدى» بىۋاسىتە كۆرسىتىش يىغىنى ئېچىلدى. بىۋاسىتە كۆرسىتىش يىغىنىدا ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ ساياھەتچىلىكى، قاتنىشى، ساياھەت لىنىيەلىرى، بايراملىق پائالىيەتلىرى قاتارلىقلار تونۇشتۇرۇلدى، ئالتاي ۋىلايىتى رەڭگارەڭ باھار كۈنلىرىدە گۈل تاماشا قىلىش ساياھىتى، سالقىنداپ ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەش ساياھىتى، تەبىئەتكە يېقىنلىشىش ساياھىتى قاتارلىق ئۈچ سەر خىل لىنىيەنى ئېچىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ساياھەتچىلەرنى ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ ساياھەت بايلىقى، مەنزىرە رايونى، مەنزىرە نۇقتىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. ساياھەتچىلەر بىلەن بولغان ھەمتۈرتكىلىكنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، يەنە تور ئارقىلىق ساياھەتچىلەرنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

4 - ئاينىڭ 30 - كۈنى سائەت 17دە، بۇرچىن ناھىيەسى شيېچېڭ تورى بىلەن بىرلىكتە تۇنجى مەيدان «بىۋاسىتە كۆرسىتىش كۆرگەزمىسى» ئۆتكۈزدى. ساياھەتچىلەر «چۆچەكلەردىكىدەك چېگرا شەھىرى» بۇرچىننىڭ گۈزەل مەنزىرىسى، كوچا مەززىلىك تائاملىرى، شەھەر ھېكايىلىرىنى بۇلۇت تۇيغۇسى قىلدى. «بىۋاسىتە كۆرسىتىش كۆرگەزمىسىدە ئاساسلىقى بۇرچىننىڭ يۇلتۇز دەرىجىلىك مېھمانسارايلىرىنىڭ ياتاقلىرى، خاس پۇقراۋى قونالغۇ ياتاقلىرى، ساياھەت لىنىيەلىرى قاتارلىقلار تونۇشتۇرۇلىدۇ، بىۋاسىتە كۆرسىتىش ساياھەت ئىستېمالىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت - ساياھەتچىلىك كەسپىنىڭ جانلىنىشىغا تۈرتكە بولىدۇ» دېدى بۇرچىن ناھىيەلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى ۋۇ لېي.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى