تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىدە سۈپەت ئۆستۈرۈلۈپ، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇلدى

ئاساسنى پۇختىلاش ئىچكى گۇمپىنى ياخشى يېتىلدۈرۈش مۇلازىمەتتە يېڭىلىق يارىتىش

شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىدە سۈپەت ئۆستۈرۈلۈپ، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇلدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى رېن جياڭ، ياۋ گاڭ

«قار - مۇزلار ئېرىپ، تاغ گۈللىرى ئېچىلدى، قاناس مەنزىرە رايونى تۈركۈم - تۈركۈم ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالدى» «ئالتايلىقلار پويىزغا ئولتۇرۇپ بۇرۇلتوقاينى ساياھەت قىلدى» «<كۆكتوقايدىكى بىر كۈنلۈك ئائىلىۋى ساياھەت> دۇنيا گېئولوگىيە باغچىسىغا كىرىڭ»... 5 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، ئالتاي ۋىلايىتىدىكى تۈرلۈك ساياھەت خەۋەرلىرى «تورنى قاپلىدى».

«1 - ماي» مەزگىلىدە، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھەرقايسى مەنزىرە رايونلىرى دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش شەرتىدە، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، كەسىپ ھالىتىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى تولۇقلىدى، ھازىر، شىنجاڭ ئىچى ساياھىتى «باشلىنىپ كەتتى» «يۈرۈشۈپ كەتتى» «قىزىپ كەتتى». ھازىرغىچە، پۈتۈن شىنجاڭدىكى A دەرىجىلىك 440 ساياھەت مەنزىرە رايونىنىڭ ئېچىۋېتىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش نىسبىتى %83.9كە، پۈتۈن شىنجاڭدىكى 585 ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش نىسبىتى %89.91كە، پۈتۈن شىنجاڭدىكى 368 يۇلتۇز دەرىجىلىك مېھمانخانىنىڭ تىجارەت باشلاش نىسبىتى %94.80كە يەتتى.

سۈرئەت تېزلىتىلدى ئاساس پۇختىلاندى

ھازىر، بۇرچىن ناھىيەسى ئاق قېيىن ئورمىنى ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەش لاگېرى تۈرىنىڭ قۇرۇلۇش ئورنى ئالدىراش بولۇپ كەتتى − چېدىر مېھمانسارىيىنىڭ ئىچى بېزىلىۋاتىدۇ، لاگېرنى سۇ بىلەن تەمىنلەش، پاسكىنا سۇنى چىقىرىۋېتىش تۇرۇبىسى قۇرۇلۇشى تاماملاندى، ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسىنىڭ ئىچىمۇ بېزىلىۋاتىدۇ. «بىز شىمالىي شىنجاڭ دېڭىز ساھىلى مەنزىرە رايونى، ئاق قېيىن ئورمىنى ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەش لاگېرى، يېشىللىقتىن ھۇزۇرلىنىش ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەش لاگېرى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، بۇرچىن ناھىيەسىنىڭ ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرىمىز» دېدى بۇرچىن ناھىيەلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى ۋۇ لېي.

قىيىنچىلىق ئالدىدا، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى كۈتۈپ تۇرمىدى، بەلكى پۇرسەتنى تېزدىن تۇتۇپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى سالمىقىنى زورايتىپ، ساياھەتچىلىك مۇلازىمەت سىستېمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۈتۈۋېلىش مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنىڭ شارائىتىنى ياخشىلىدى.

بۇ يىل، ئالتاي ۋىلايىتى «ئۈچ قىيىن بولۇش، بىر راۋان بولماسلىق»نى ھەل قىلىشنى ساياھەت تۈرى قۇرۇلۇشىنىڭ كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن 35 ساياھەت ھاجەتخانىسى، ئالتە ماي قاچىلاش پونكىتى، 14 ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى، 1013 خەۋەرلىشىش ئاساسىي پونكىتى تۈرى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويدى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى يېڭىدىن 52 ساياھەت ھاجەتخانىسى، بەش ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى، 40 خەۋەرلىشىش ئاساسىي پونكىتى، ساياھەتتىن مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمەت مەركىزى بويىچە بەش تۈر، ئاقىل ساياھەت تۈرى بويىچە تۆت تۈر قاتارلىقلارنى قۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، پۈتۈن شىنجاڭدا داۋاملىق قۇرۇلۇۋاتقان ساياھەت تۈرىدىن 189ى، يېڭىدىن قۇرۇلۇش باشلىغان تۈردىن 205ى، زاپاس تۈردىن 1071ى بار بولۇپ، بېكىتىلگەن سودىگەر - مەبلەغ جەلپ قىلىش تۈرى 282گە يەتكەن.

تەربىيەلەش قانات يايدۇرۇلدى ئىچكى گۇمپا ياخشى يېتىلدۈرۈلدى

4 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، شىنجاڭ ساياھەت كوپىراتىپلىرى جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باش كاتىپى، جەمئىيەت باشلىقىنىڭ ياردەمچىسى جوۋ لېي «شىنجاڭ مەدەنىيەت - ساياھەت تەتقىقات - ئۆگىنىش كۇرسى»نىڭ ئۈندىدار توپىدا مۇنداق بىر ئۇقتۇرۇش چىقاردى: 4 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى مەسئۇل بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان 2020 - يىللىق 2 - قارارلىق ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش چوڭ دەرسخانىسىدا لېكسىيە باشلىنىدۇ، باش تېمىسى مەدەنىيەت، ساياھەتنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا - كەنتلەرنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇش. 2 - ئايدىن باشلاپ، مەدەنىيەت، ساياھەت بۇلۇت دەرسخانىسى توردا نەچچە ئون قېتىم تەربىيەلەش ئېلىپ باردى، كۇرسانتلارنىڭ دائىرىسى بۇ جەمئىيەتنىڭ 300دىن ئارتۇق ئەزا ئورنى ھەم 5000دىن ئارتۇق ساياھەتچىلىك ساھەسىدىكى زاتلار، كەسىپكارلارنى قاپلىدى.

«ئەزەلدىن ئۇچراپ باقمىغان يېڭى ئەھۋال ئالدىدا، بىز ھەممىمىز بېسىم ھېس قىلدۇق، ئۆگىنىش ئارزۇيىمىز تېخىمۇ كۈچىيىپ، <ئېنېرگىيە تولۇقلاش>، <ئىچكى گۇمپا>نى ياخشى يېتىلدۈرۈشكە جىددىي ئېھتىياجلىق بولدۇق» دەپ قارىدى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ساياھەتنى بىرلىشىپ كېڭەيتىش مەركىزىنىڭ مۇدىرى جوۋ جىڭ. سانجى ئوبلاستىنىڭ مەدەنىيەت - ساياھەت ساھەسى 3 - ئايدا «تور بۇلۇت دەرسخانىسى» پائالىيىتىنى باشلاپ، مۇددىتى بىر ئايلىق تور دەرسى ئاچتى، دۆلەت ئىچى مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپىدىكى داڭلىق مۇتەخەسسىسلەرنى تەكلىپ قىلىپ، سانجى ئوبلاستىنىڭ مەدەنىيەت - ساياھەت ساھەسىدىكى زاتلارغا بولغان توردا تەربىيەلەشنى قانات يايدۇردى. پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھەرقايسى مەنزىرە رايونلىرىمۇ ھەر خىل تەربىيەلەشلەرنى قانات يايدۇردى.

ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى ساياھەتچىلىكنى تەشۋىق قىلىش، تەربىيەلەشنى ئومۇميۈزلۈك قوزغىتىپ، «يۇقۇمدىن كېيىنكى ساياھەتچىلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بويىچە كەسپىي تەربىيەلەش»نى قانات يايدۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلدى، ھازىر، 200 نەچچە قارار تۈرلۈك تەربىيەلەش ئېلىپ بېرىلىپ، تەربىيەلەنگۈچىلەر 100 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى.

مۇلازىمەتتە يېڭىلىق يارىتىلدى «بۇلۇت تېرمىنالى»غا يۈرۈش قىلىندى

«بىر يان تېلېفون بىلەن شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش» سۇپىسى تورغا چىقىرىلىپ، شىنجاڭ ساياھىتىدىكى يېمەك - ئىچمەك، تۇرالغۇ، قاتناش، ساياھەت، مال سېتىۋېلىش، كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىقلاردا توردا مۇلازىمەت قىلىش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، بۇ قېتىمقى دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى ساياھەتنى يېڭى تاللاش ۋە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى. سۇپىنىڭ تورغا چىقىرىلىپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ رەقەملىك ئىقتىساد دەۋرىگە قەدەم قويۇشىدىكى تۈگۈن خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭغا تىرەك بولۇپ تۇرغىنى شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، «بۇلۇت ساياھەت» تەرەققىياتىنىڭ ئىشىكىنى ئاچقانلىقى بولدى.

«مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلەر ئېقىمىغا چەك قويغانلىقتىن، نۇرغۇن ساياھەتچى مەنزىرە رايونىغا كېلەلمەي، بىۋاسىتە كۆرسىتىشنى كۆرۈش ئارقىلىق مەنزىرە رايونىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلاندى» دېدى تىيانشان تېغى بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى تەشۋىقات - تەربىيە، قانۇن - نىزام باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى ليۇ ۋېنيى.

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن بىللە، كىشىلەر تەقلىدىي ساياھەت، VRدا مەنزىرىنى تاماشا قىلىش، توردا كۆرگەزمە كۆرۈش قاتارلىقلارنىڭ بىر كېچىدىلا شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ ئايرىلالماس بىر قىسمىغا ئايلانغانلىقىنى بايقىدى − بارغانسېرى كۆپ مەدەنىيەت - ساياھەت مەھسۇلاتى، پائالىيىتى ۋە مۇلازىمىتى ئارقا - ئارقىدىن «بۇلۇت تېرمىنالى»غا يۈرۈش قىلدى.

«بۇلۇت ساياھەت»تىن پايدىلىنىشنى نەق مەيدان ساياھىتىنىڭ ئورنىغا ۋاقىتلىق دەسسىتىشكە مەجبۇر بولۇشتىن تارتىپ، ئۇنىڭ ساياھەتچىلىكنىڭ ئەڭ يېڭى، ئەڭ يارقىن تەشۋىق قىلىش - تونۇشتۇرۇش شەكلىگە ئايلىنىشىغىچە بولغان جەرياندا، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى «بۇلۇت تېرمىنالى»غا يۈرۈش قىلىش بىلەن بىللە، يېڭى تەرەققىيات ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى كۆپەيتتى: تىيانشان تورى شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنى تەشۋىق قىلىش - كېڭەيتىش مەركىزى، ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېي بىلەن بىرلىشىپ، تىيانشان تورى ئابۇنىچى تېرمىنالى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات كۆچمە تورى، خەلق تورى، دوۋيىن، كۇەيشوۋ قاتارلىق پۈتۈن مەملىكەتتىكى 20دىن ئارتۇق تاراتقۇ سۇپىسى ئارقىلىق كۆپچىلىكنى باشلاپ ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېينى «بۇلۇت سەيلىسى» قىلدۇردى، بىر سائەتتىن ئارتۇق بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئارقىلىق 5 مىليون 400 مىڭ ئادەمنى توردا كۆرۈشكە جەلپ قىلدى؛ تىيانشان تېغى بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونىدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر مەيدان پىيادە مېڭىپ چېنىقىش ساياھىتىنى بىۋاسىتە كۆرسىتىپ، 46 مىڭ ئادەمنى توردا كۆرۈشكە جەلپ قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى