تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

شۈ جيەنپىڭ: يۈرەك قېنى ۋە ھاياتى بىلەن جەڭ بۈركۈتىنى پەرۋاز قىلدۇردى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاڭ مىمى

شۈ جيەنپىڭنىڭ سۈرىتى (2010 - يىلى 10 - ئاينىڭ 29 - كۈنى تارتىلغان). (شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان)

«مەن ئايروپىلان ئىشلىرى خىزمىتىنى ياخشى كۆرىمەن، مەن بۇ يەردە بىر ئۆمۈر ئارمانسىز ئىشلەيمەن.» قەسەم بەرگەندىن باشلاپ، شۈ جيەنپىڭ بۇ ئېتىقادىنى ھاياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى دەقىقىسىگىچە چىڭ ساقلىدى.

ئايروپىلان ئىشلىرى ئەسكەرلىرى خەلق ھاۋا ئارمىيەسى ئاۋىياتسىيە سېپىدىكى بىر توپ ئالاھىدە كىشىلەر − ئۇلار ھەر كۈنى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىغا ھەمراھ بولۇپ تۇرسىمۇ، ئەمما ئۇلار ئۈچۈن ئايروپىلان ھەيدەپ بۇلۇت ئۈستىگە چىقىش پۇرسىتى بولمايدۇ؛ ئۇلار يىل بويى ئايرودۇرۇمنىڭ بۇلۇڭ - پۇچقاقلىرىدا يۈرىدۇ، ئۈششۈپ قېلىش بىلەن ئاپتاپتا كۆيۈش ئۇلارنىڭ پەسىل ئالمىشىش بەلگىسى، ماي دېغى بىلەن تەر دېغى ئۇلارغا يىل بويى ھەمراھ بولىدىغان ئالا - بۇلىماچ رەڭ.

شۈ جيەنپىڭ ئايروپىلان ئىشلىرى سېپىنىڭ بىر ئەزاسى.

ئادەتتىكى كۇرسانتتىن يەر يۈزى مېخانىكى بولۇشقىچە، ئاندىن ئايروپىلان ئىشلىرى ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، ئايروپىلان ئىشلىرى باشقارمىسىنىڭ مۇدىرى، ئاۋىياتسىيە قىسمى شى قورال - جابدۇق بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى بولۇشقىچە، ئۇچىسىغا سۈركۆك رەڭلىك خىزمەت فورمىسى كىيگەن شۈ جيەنپىڭ مۇشۇنداق خىزمەت ئورنىدا ئۇدا 28 يىل ئىشلىدى.

ھەر كۈنى بولتا چىڭىتىش، سىم يولىنى تەكشۈرۈش، ئاپتول قاچىلاش... بۇلار قارىماققا تەكرار خىزمەت بولسىمۇ، ئەقىل - پاراسەتنى، چىدامچانلىقنى سىنايدۇ، تېخىمۇ مۇھىمى ئايروپىلان ئىشلىرى خادىملىرىنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقى، بۇرچ تۇيغۇسىنى سىنايدۇ.

پۈتۈن ئوتتۇرا ئەترەتتىكى مېخانىك ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنى باشلاپ، شۈ جيەنپىڭ ئايروپىلاننىڭ 26 مىڭ 618 سائەت بىخەتەر ئۇچۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش رېكورتىنى ياراتقان. نەچچە ئون يىلدا، ئۇ تولدۇرغان ئۇچۇشنى خاتىرىلەش تالونلىرى نەچچە دەپتەر بولغان، بارلىق خاتىرە رەتلىك، مەزمۇنى چۈشىنىشلىك يېزىلغان.

ئۇزاق يىل يۇقىرى سىجىللىقتا خىزمەت قىلغانلىقتىن، ئۇ ئايروپىلان ئىشلىرى ئەسكەرلىرىدە بولىدىغان بويۇن ئومۇرتقا كېسىلى، بوغۇم ياللۇغى، يۇقىرى قان بېسىم، ئاشقازان - ئۈچەي ياللۇغى قاتارلىق بىر قاتار كەسپىي كېسەللەرگە گىرىپتار بولغان... ھەر قېتىم كاماندىروپكىغا چىققاندا، ئۇ بىللە ئېلىپ ماڭىدىغان دورىلار يۈك - تاق ساندۇقىنىڭ يېرىمىنى ئىگىلىگەن، ۋەزىپە كېلىپ قالسا، يەنە كېچىلەپ ئىشلىگەن.

2010 - يىلى 4 - ئايدا، شۈ جيەنپىڭ ئەترەتنى باشلاپ مەلۇم ھەربىي زاۋۇتقا بېرىپ چوڭ رېمونت قىلىنىدىغان ئايروپىلاننى تاپشۇرۇۋالغان. بۇ، ئۇ مەسئۇل بولغان مۇشۇ تىپتىكى ئايروپىلاننىڭ تۇنجى قېتىم دۆلەت ئىچىدە چوڭ رېمونت قىلىنىشى ئىدى. چوڭ رېمونت قىلىنغان ئايروپىلاننىڭ كۆك ئاسمانغا قايتا ئۇچۇپ چىقىش - چىقالماسلىقى مۇھىم ئىش ئىدى، شۈ جيەنپىڭ ئۆتكۈزۈۋېلىش گۇرۇپپىسىنى باشلاپ ھەر كۈنى يېرىم كېچىگىچە ئىشلىگەن. ئۇلاش - قۇراشتۇرۇش جەريانى 45 كۈن داۋاملاشقان بولۇپ، ئۇنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى توپتوغرا ئون جىڭ چۈشۈپ كەتكەن.

ئۇلاش - قۇراشتۇرۇش گۇرۇپپىسى زەپەر قۇچۇپ، تېخى ياخشىراق ئارام ئېلىشقا ئۈلگۈرمەيلا، ئۇ يەنە يېڭى ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالغان: ئەترەتنى باشلاپ چەت ئەلگە چىقىپ، يېڭى ئايروپىلان تىپىنى ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇشنى ئۆگىنىشنى تاماملىغان.

يۇقىرى سىجىللىقتىكى ئۆگىنىش ئۇنىڭ بەدىنىدىكى يوشۇرۇن «مىنا»نى پارتلاتقان − قورسىقى قاتتىق ئاغرىپ، كېچىچە ئۇخلىيالمىغان. كۈندۈزى ئۇ ناھايىتى قىينالغان ھالدا دەرسخانىغا كىرگەن، مەشىق مەيدانىغا بارغان؛ كېچىسى، ئۇ چىراغ يورۇقىدا كىتاب - دەپتەرلىرىنى يېيىپ، كېچە - كېچىلەپ تاڭ ئاتقۇچە تەكرار قىلغان. ئاغرىق ئازابى قىينىغاندا، ئۇ مۇشتى بىلەن قورسىقىنى بېسىپ تۇرغان، مۇنچاق - مۇنچاق تەر تامچىلىرى يامغۇردەك تۆكۈلگەن، يەنە بىر قولىدا قەلەمنى چىڭ تۇتقان...

يېڭى ئايروپىلاننى ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇشنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش سىنىقىدا، شۈ جيەنپىڭ ئومۇمىي باھالاشتا 93.5 نومۇر بىلەن ئىككىنچى بولغان. ئۇنىڭ تەسىر كۆرسىتىشى بىلەن، ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇش كىچىك ئەترىتىدىكى بارلىق ئەزالار ئەلا نەتىجە بىلەن يېڭى ئايروپىلان تىپى بويىچە تەربىيەلەش لاياقەتلىك گۇۋاھنامىسى ئالغان.

ئۆگىنىشنى تۈگىتىپ قايتىپ كەلگەن ئىككىنچى كۈنى، شۈ جيەنپىڭ دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان. دىياگنوز نەتىجىسى كىشىنى ھەيران قالدۇرغان ۋە ئازابلىغان: جىگەر راكى، ئاخىرقى باسقۇچ. كوللېكتىپ دىياگنوز قويۇشقا قاتناشقان دوختۇر خۇرسىنغان ھالدا: «ئۆسمە مۇشتۇمدەك چوڭ بولۇپ كېتىپتۇ، ئۇ قانداق بەرداشلىق بەرگەندۇ؟» دېگەن.

جان ئۈزۈش ئالدىدا، شۈ جيەنپىڭ كۆپلەپ قان قۇسقان. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان خىزمەتداشلىرى ئايرودۇرۇمدا كاشىلىنى تۈگىتىپ بولۇپلا، ئالدىراپ - تېنەپ دوختۇرخانىغا يېتىپ بارغان. ئاسما ئوكۇل ئېسىلغان ئۇ ماغدۇرسىز ھالدا: «سىز نېمىشقا خىزمەت فورمىسى كىيىۋالدىڭىز؟ ئايروپىلاندا بىرەر ئەھۋال كۆرۈلدىمۇ؟» دەپ سورىغان.

2011 - يىلى 2 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، شۈ جيەنپىڭ تۇيۇقسىز ئالەمدىن ئۆتكەن.

توققۇز يىل ئۆتۈپ كەتتى، شۈ جيەنپىڭنىڭ سۈرىتى يەنىلا ئۇ تۇرۇشلۇق ئاۋىياتسىيە قىسمى شى تارىخى سارىيىغا ئېسىقلىق تۇرماقتا. ھەر يىلى يېڭى ئەسكەرلەر، يېڭى كادىرلار، ئايروپىلان ئىشلىرىنى ئۆگەنگۈچى ئەسكەرلەرنىڭ تىزىمغا ئالدۇرۇشتىكى تۇنجى بېكىتى تارىخ سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىش، ئۇلار «لاۋشۈ»نىڭ سۈرىتى ئالدىدا، كۆرگەزمە ئىشكاپىدىكى ئۇ ئىلگىرى ئېرىشكەن نۇرغۇن گۇۋاھنامە، مۇكاپات لوڭقىسى، مېداللار ئالدىدا ئۇزاققىچە ئۆرە تۇرۇپ، چوڭقۇر ئويغا پاتىدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى بېيجىڭ تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى