تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كارخانىلار قول تۇتۇشۇپ، ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ مەھسۇلات كۆزلىمە نىشانىغا يېتىشكە تىرىشتى

باشلامچى بولۇپ باشقىلارنى يېتەكلەش

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كارخانىلار قول تۇتۇشۇپ، ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ مەھسۇلات كۆزلىمە نىشانىغا يېتىشكە تىرىشتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ما يىنىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 4 - ئاينىڭ 27 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، شەنشى ئاپتوموبىل گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى شىنجاڭ ئاپتوموبىل چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش - ياساش بۆلۈمى چوڭ لىنىيە سېخىدا، بىر قىزىل رەڭلىك دېلۇڭ X3000 سۆرىگۈچى ئاپتوموبىلى 30دىن ئارتۇق قۇراشتۇرۇش ئىش تەرتىپىدىن ئۆتۈپ ئوڭۇشلۇق ياسالدى، بۇ، بۇ شىركەت 4 - ئايدا ئىشلەپچىقارغان مىڭىنچى ئېغىر تىپلىق يۈك ئاپتوموبىلى بولۇپ، 2011 - يىلى زاۋۇت قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئايلىق ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش رېكورتىنى يەنە بىر قېتىم يېڭىلىدى. «نۆۋەتتە، بىز مەھسۇلات كۆزلىمە نىشانىنى %100 ئىشقا ئاشۇردۇق ھەم پولات - تۆمۈر، تىرانسپورت تەمىنلەش زەنجىرىدىكى بىرلەمچى، ئىككىلەمچى كەسىپلەرگە تۈرتكە بولدۇق.» بۇ شىركەتنىڭ ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى جاڭ جيەنچياڭ مۇنداق دېدى: «بارلىق ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشلەش غەيرىتى تولۇپ تاشتى، پۈتۈن يىللىق ۋەزىپىنى ئورۇنداشقا ئىشەنچىمىز كامىل.»

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار نۇقتىلىق ساھە، نۇقتىلىق كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈشى ۋە مەھسۇلات كۆزلىمە نىشانىغا يېتىشى، ئۈنۈمگە يېتىشىنى كۈچەپ ياخشى تۇتۇپ، باشلامچى بولۇپ يېتەكلەپ، كەسىپ زەنجىرىنىڭ ماس تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلدى، تۈرتكە بولدى.

4 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، كورلا نېفىت، نېفىت خىمىيە كەسىپلەر باغچە رايونىدا، جۇڭتەي گۇرۇھىنىڭ يىللىق مەھسۇلات مىقدارى 500 مىڭ توننا بولغان پولىئېستېر تۈر قۇرۇلۇش ئورنى قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەنىدى، بۇ شىنجاڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسپىنىڭ پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى، كۆپ مەنبەلىك تەرەققىياتقا قاراپ ماھىيەتلىك قەدەم ئالغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

شىنجاڭ كورلا جۇڭتەي نېفىت خىمىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى لۇ جېڭپىڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، پولىئېستېر ئىشلەپچىقىرىدىغان ئاساسلىق خام ئەشيا PTA ۋە ئېتىلېن گىلىكول ئىكەن، بۇ تۈر جۇڭتەي نېفىت خىمىيەسى قۇرغان يىللىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 1 مىليون 200 مىڭ توننىلىق PTA تۈرى بىلەن بىرلەمچى، ئىككىلەمچى كەسىپ زەنجىرىنى شەكىللەندۈرگەن، 2021 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، شىنجاڭنىڭ پولىئېستېر تالالىق خام ئەشياسىنى كۆلەملەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىش بوشلۇقىنى تولدۇرىدىكەن ھەم ئىككىلەمچى توقۇمىچىلىق، بوياقچىلىق قاتارلىق يانداش كەسىپ زەنجىرىدە 50 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولىدىكەن. جۇڭتەي گۇرۇھى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنى ئاساسىي جەڭ مەيدانى، كۆيدۈرگۈچى ئىشقار كەسپىنى ئۇزارتىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، جەمئىي 10 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 1 مىليون توننا ۋىسكوزا تالا، 3 مىليون ئۇرچۇقلۇق يىپ ئېگىرىش ئايلانما ئىگىلىك كەسىپ زەنجىرى قۇرۇپ، 10 مىڭغا يېقىن كىشىنى مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدىكەن.

ھازىر، ئاپتونوم رايونىمىز بىر تەرەپتىن باشلامچى كارخانىلار ۋە كۆلەمدىن يۇقىرى، سومما چەكلىمىسىدىن يۇقىرى كارخانىلار ۋە نۇقتىلىق تۈرلەردە ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، «سۆڭەك جازىسى»نى ياخشى قۇراشتۇردى؛ بىر تەرەپتىن كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنى بويلاپ بىرلەمچى، ئىككىلەمچى كارخانىلارنىڭ ئىش باشلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، «قان تومۇر»نى راۋانلاشتۇردى.

ھازىر، گۇاڭخۇي ئېنېرگىيە پاي چەكلىك شىركىتى يۇقىرى ئېقىمدا نېفىت تەبىئىي گاز بايلىقىنى قېدىرىپ تەكشۈرۈپ ئېچىش، ئوتتۇرا ئېقىمدا تەبىئىي گازنى سۇيۇقلاندۇرۇش ۋە يۈرۈشلەشكەن ئەشيا ئوبوروتى، ئوتتۇرا ھالقا تىرانسپورتى، تۆۋەن ئېقىمدا ئاپتوموبىلغا گاز قاچىلاش پونكىتى قاتارلىق تېرمىنال بازىرىدا سېتىش تورىنى بىر گەۋدە قىلغان مۇكەممەل ئېنېرگىيە كەسىپ زەنجىرىنى شەكىللەندۈردى. گۇاڭخۇي ئېنېرگىيەسى باشلامچى كارخانىنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، بىرلەمچى، ئىككىلەمچى كارخانىلارنىڭ ھەمكارلىشىپ ئىشلەپچىقىرىشىغا تۈرتكە بولدى. شىنجاڭ گۇاڭخۇي خىمىيە سانائىتى سېتىش چەكلىك شىركىتى ھەمكارلىشىۋاتقان ئوندىن ئارتۇق تىرانسپورت ئورنىنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولدى.

1 - پەسىلدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت كارخانىلىرىنىڭ قوشۇلما قىممىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.2 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەتنىڭكىدىن 10.6 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە 1 - ئورۇندا تۇردى، سانائەت كارخانىلىرىنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى. كېيىنكى قەدەمدە، ئاپتونوم رايونىمىز كارخانىلارنى رايون ئىچىدە ماسلاشتۇرۇش، يۈرۈشلەشتۈرۈش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش، كەسىپ زەنجىرىنى ماسلاشتۇرۇش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇشقا داۋاملىق يېتەكلەپ، جابدۇق ئىشلەپچىرىشنى ۋەكىل قىلغان سانائەت پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى