تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مەنزىرە رايونلىرى كۆڭۈل قويۇپ كاپالەتلىك قىلدى  ساياھەتچىلەر خاتىرجەم ساياھەت قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى جىڭ بو، رېن جياڭ، ياۋ گاڭ، دۇڭ لياڭ

بۇ يىللىق «1 - ماي»دا بەش كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلدى، دەم ئېلىش ۋاقتى ئۇزاق بولغاچقا كۆپچىلىكنىڭ سىرتقا چىقىپ ساياھەت قىلىش قىزغىنلىقى يۇقىرى بولدى. قانداق قىلغاندا ساياھەتچىلەرنىڭ ساياھەتكە چىقىشىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، توپلىشىۋېلىشتىن، قىستاڭچىلىقتىن ساقلىنىشقا يېتەكلىگىلى بولىدۇ؟ مۇخبىرلار زىيارەت جەريانىدا شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مەنزىرە رايونلىرىدا دائىملاشقان ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنىڭ ناھايىتى جايىدا بولغانلىقىنى، ساياھەتچىلەرنىڭ كۆڭۈللۈك، خاتىرجەم ئويناۋاتقانلىقىنى كۆردى.

خاتىرجەم ئويناش    كۆڭۈللۈك ساياھەت قىلىش

ماسكا، تېمپېراتۇرا ئۆلچىگۈچ، مۇداپىئە كىيىمى، سورۇنلارنى دېزىنفېكسىيە قىلىش، ھاۋا ئالماشتۇرۇش، ساغلاملىق كودىنى تەكشۈرۈش، ھەرىكەتچان سەييارە تەكشۈرۈش... «1 - ماي» دەم ئېلىش مەزگىلىدە، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مەنزىرە رايونلىرى دائىملاشقان ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، مەنزىرە رايونىغا كىرگەن ھەربىر ساياھەتچىنى خاتىرجەم ئويناش، كۆڭۈللۈك ساياھەت قىلىش ئىمكانىيىتىگە تىرىشىپ ئېرىشتۈردى.

1.5 مېتىر ئارىلىق ساقلاش بەلگىسى، پىدائىيلار يېتەكلەش، ئارىلىق ئاپتوموبىلىدا ئورۇن قالدۇرۇپ ئولتۇرۇش، ساياھەت لىنىيەسىنى ئەلالاشتۇرۇش ئارقىلىق ھەرقايسى مەنزىرە رايونلىرى ساياھەتچىلەرنىڭ بىخەتەر ساياھەت قىلىشىغا ئەڭ زور دەرىجىدە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. ئۈرۈمچى تىيانشان چوڭ جىلغىسى مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلەر مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ بېلەت سېتىۋېلىش كۆزنىكى تەرتىپلىك ئايرىلغان بولۇپ، يەرگە قىزىل رەڭلىك ئارىلىق ساقلاش سىزىقى چاپلانغان، ياندا يەنە پىدائىيلار ساياھەتچىلەرنىڭ ئارىلىق ساقلىشىنى ھەر ۋاقىت ئەسكەرتىپ تۇرىدۇ. بېلەت سېتىۋالغىلى كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ساياھەتچىلەر مۇلازىمەت مەركىزى دەرھال زال ئىچىدىكى ئادەم سانىنى كونترول قىلدى، پىدائىيلار بېلەت سېتىۋالىدىغان ساياھەتچىلەرنى ئىشىك سىرتىدا ساقلاپ، تەرتىپلىك رەتكە تىزىلىپ كىرىشكە يېتەكلىدى. نارات ساياھەت مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلەر مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ كىرىش ئېغىزىدا، كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىغان ئەسكەرتىش تاختىسىدا ساياھەتچىلەرگە ئۆزئارا 1.5 مېتىر ئارىلىق قالدۇرۇپ، ماسكىنى ياخشى تاقاپ، تەرتىپلىك رەتكە تىزىلىپ كىرىش ئەسكەرتىلگەنىدى. ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى خەلق باغچىسىدا، خىزمەتچى خادىملار توكلۇق ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ باغچە ئىچىدە ئايلىنىپ يۈرۈپ ساياھەتچىلەرگە ئارىلىق ساقلاشنى ئەسكەرتتى.

5 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، باھار گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلغان قاناس مەنزىرە رايونى تۈركۈم - تۈركۈم ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى. قاناس مەنزىرە رايونىدىكى كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى قۇرۇپ، كىشىلەر ئېقىمى كۆپرەك بولغان مەنزىرە نۇقتىلىرىدا تارقاقلاشتۇرۇش ئەسكەرتمىسى بېرىپ، ساياھەتچىلەرگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلدى.

مۇخبىر ئۈرۈمچى تىيانشان چوڭ جىلغىسى مەنزىرە رايونى تەكشۈرۈش پونكىتىدا ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەتكە كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ ئاپتوموبىل دېرىزىسىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن چۈشۈرۈپ، راۋان يۈرۈش كودىنى كۆرسىتىپ، بىلىكىنى چىقىرىپ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىتىۋاتقانلىقىنى كۆردى. خىزمەتچى خادىملارنىڭ بەزىلىرى ئاپتوموبىللارنى دېزىنفېكسىيە قىلىۋاتاتتى، بەزىلىرى بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەۋاتاتتى، بەزىلىرى ئاپتوموبىل ئىچىدىكى ئادەم سانىنى خاتىرىلەۋاتاتتى. 30 سېكۇنتقا يەتمىگەن ۋاقىتتا، ئاپتوموبىلىمىز تەكشۈرۈش - ئۆلچەش پونكىتىدىن ئۆتۈپ ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىغا كىردى.

ئالدىن كېلىشىش    تەرتىپلىك ساياھەت قىلىش

«1 - ماي» مەزگىلىدە، ساياھەتچىلەر ھۆكۈمەت تور بېكىتى، ئاممىۋى نومۇر، ئۈچىنچى تەرەپ سۇپىسى قاتارلىقلار ئارقىلىق ئىشىك بېلىتىنى ئالدىن زاكاز قىلدى، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مەنزىرە رايونلار ساياھەتچىلەرنى ۋاقىت ئارىلىقى قالدۇرۇپ ساياھەت قىلىشقا يېتەكلەپ، ساياھەتچى ئېقىم مىقدارىنى باشقۇرۇش - تىزگىنلەش ئۆتكىلىنى ئالدىغا سۈرۈپ، پاسسىپ ھالدىكى نەق مەيداندا تارقاقلاشتۇرۇشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ساياھەتتىن بۇرۇنقى پىلانلاش ۋە يېتەكلەشكە ئۆزگەرتىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ سەپەرگە چىقىش ۋاقتىنىڭ زىيادە مەركەزلىشىپ قېلىشىدىن ساقلاندى.

قاناس ئاقىل ساياھەت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى يې يۈچىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: «1 - ماي» مەزگىلىدە، قاناس مەنزىرە رايونى توردا ھەقىقىي نام بىلەن ۋاقىتقا ئايرىپ ئالدىن كېلىشىشنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، مەنزىرە رايونىنىڭ سىغدۇرۇش مىقدارىنىڭ %30ىدىن ئېشىپ كەتمەسلىك تەلىپىنى قاتتىق ئىجرا قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ساياھەتچىلەرنى باغچىغا كىرىش ۋە ساياھەت قىلىش مەزگىلىدە تارقاقلاشتۇرۇش، راۋانلاشتۇرۇشنى ياخشى ئىشلەپ، مەنزىرە رايونىنى سەيلە قىلىشنىڭ بىخەتەر، تەرتىپلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

«ۋاقىتقا ئايرىپ ھەقىقىي نام بىلەن ئالدىن كېلىشىش ئارقىلىق ساياھەتچىلەرنى ساياھەت مۇساپىسىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئۈنۈملۈك يېتەكلەپ، ئۆچرەتتە تۇرۇپ ساقلاش ۋاقتىنى ئازايتىپ، مەنزىرە رايونى تىجارىتىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق» دېدى يې يۈچىڭ.

نارات ساياھەت مەنزىرە رايونى قانۇن ئىجرا قىلىش چوڭ ئەترىتىنىڭ چوڭ ئەترەت باشلىقى دېڭ خۇڭجۇڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلەرنى توردا ۋە تور سىرتىدا ئالدىن كېلىشىش شەكلى ئارقىلىق مەنزىرە رايونىغا كىرىشكە ئورۇنلاشتۇردى ھەم مەنزىرە رايونىغا كىرىدىغان ئادەم سانىنى ماس قەدەمدە كونترول قىلدى. ساياھەتچىلەر سانى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەندە، مەنزىرە رايونى بېلەت سېتىشنى ۋاقىتلىق توختاتتى ھەم ئاگاھلاندۇرۇش ئۇچۇرى ئېلان قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلەرنى ۋاقىت ئارىلىقى قالدۇرۇپ كۈتۈۋېلىشنى يولغا قويدى.

ئۈرۈمچى تىيانشان چوڭ جىلغىسى مەنزىرە رايونىنىڭ مەسئۇلى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: مەنزىرە رايونى كۈندىلىك ساياھەتچى سانىنى 6000 ئەتراپىدا كونترول قىلدى، يۇقىرى چەككە يەتكەندە، دەرھال بىرى چىقسا بىرنى كىرگۈزۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ساياھەتچى سانىنى قاتتىق كونترول قىلدى.

5 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، ئۆچرەتتە تۇرۇپ تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونىغا كىرىشنى كۈتۈۋاتقان ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى لى رەن مەنزىرە رايونىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرىدىن رازى بولدى. ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ شيەنلەي كىچىك بازىرىنى ساياھەت قىلغىلى كەلگەن ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى ۋاڭ جۇەن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «ھازىر، مەنزىرە رايونىدىكى خىزمەتچى خادىملارغا ماسلىشىپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۆزىمىزگە مەسئۇل بولغانلىق بولۇپلا قالماي، باشقىلارغىمۇ مەسئۇل بولغانلىق».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى