تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش تېزلىتىش كۇنۇپكىسىنى باستى  يېڭى ئىقتىسادنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوزغىتىلدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ما يىنىڭ خەۋەر قىلىدۇ: «ياخشىمۇسىز، غەربىي شىمال نېفىت مېھمانسارىيىغا كەلگىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز...» 4 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، غەربىي شىمال نېفىت مېھمانسارىيىنىڭ چوڭ زالىدا، مېھمان كۈتۈش ماشىنا ئادىمى قىزغىنلىق بىلەن مېھمانسارايغا كىرگەن مېھمانلارنى يېتەكلىمەكتە ئىدى. كەسىپكە پىششىق بۇ «مۇلازىمەتچىلەر» ئۈرۈمچى يۇلتۇز دەرىجىلىك مېھمانسارايلارغا كىرگۈزگەن تۇنجى تۈركۈمدىكى ماشىنا ئادەملەر.

غەربىي شىمال نېفىت مېھمانسارىيىنىڭ ئالدى زال دىرېكتورى جاۋ خۇي مۇنداق دېدى: مېھمانسارىيىمىزدا ھازىر ياتاققا ۋە تاماق توشۇشقا مەسئۇل ئىككى خىل ماشىنا ئادەم بار بولۇپ، بىنا ئىچىنى دېزىنفېكسىيە قىلىش، ئۇچراشماي مال سېتىۋېلىش، مېھمانساراينىڭ تاماق يەتكۈزۈش مۇلازىمىتى قاتارلىق ئىقتىدارلارنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئېلىپ كەلگەن تەسىر ئالدىدا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى كارخانىلار قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئىلگىرىلەپ، ئىسلاھات ئارقىلىق تەرەققىياتقا ئىنتىلىپ، يېڭىلىق يارىتىشتىن ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، يېڭى تېخنىكا، يېڭى ماركىتېڭ ۋاسىتىلىرىدىن دادىل پايدىلىنىپ، ئاقىل ئەشيا ئوبوروتى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنا ئادەم، ئاقىل دىياگنوز قويۇش - داۋالاشنى مىسلى كۆرۈلمىگەن سۈرئەتتە ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈپ، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى قويۇپ بەرمەكتە.

4 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشى شىنجاڭ شىركىتى بىلەن «5G + ئاقىل سانجى» ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى، ئىككى تەرەپ قول تۇتۇشۇپ «5G + ئاقىل سانجى» قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ھەقىقىي تۈردە 5G تېخنىكىسىنى ھەممە كەسىپلەرگە سىڭدۈرۈپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلدۇرۇپ، جەمئىيەت ئۇچۇر ئېقىمىنىڭ ئاساسىي تومۇرىغا، كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ تېزلەتكۈچىسىگە ئايلاندۇرىدۇ.

پۈتۈن مەملىكەت بويىچە تۇنجى تۈركۈمدە سانائەت ئالاقە تورى تۈر قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇرغان كارخانا بولۇش سۈپىتى بىلەن، يېقىندا، شىنتې ئېنېرگىيە پاي چەكلىك شىركىتى جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىشى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى بىلەن «5G + سانائەت ئالاقە تورى» ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق بۇلۇت كېلىشىمى ئىمزالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى، ئىككى تەرەپ نۇقتىلىق ھالدا ماشىنا كۆرۈش سېزىمى بىلەن توردا تەكشۈرۈپ ئۆلچەش، سانائەت يىراق مۇساپىلىك مەشغۇلاتى قىلىش، ئاسراش، ئەقلىي ئىقتىدارلىق چارلاپ تەكشۈرۈش، VR ،ARنى ئەمەلىي قوللىنىش قاتارلىق سورۇنلاردا چوڭقۇر ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، 5G + سانائەت ئالاقە تورىنىڭ كىرېمنىي ئاساسىلىق يېڭى ماتېرىيال كەسپى بىلەن بولغان يۇغۇرما تەرەققىياتىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولىدۇ.

نۆۋەتتە، جولاڭ شىنجاڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنىسازلىق چەكلىك شىركىتى ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان سانائەت ئەشيا تورى سۇپىسىنى پائال بەرپا قىلىپ، ياسىمىچىلىقنىڭ رەقەملىشىپ تىپىنىڭ ئۆزگىرىشىگە كۈچ قوشماقتا ھەم تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نەرسە تورى تېخنىكىسىنىڭ سانائەت ياسىمىچىلىق كەسپىي سورۇنلىرىدىكى ئەمەلىي قوللىنىلىشىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشى ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە. شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى ۋۇ جېڭچۇن مۇنداق دېدى: زاۋۇتىمىز قۇرغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق سانائەت ئەشيا تورى سۇپىسى زاۋۇتىمىزنىڭ «ئاقىل چوڭ مېڭە»سىگە باراۋەر. بۇ سۇپا ھەرقايسى سىستېمىلار ئارقىلىق ئايلاندۇرۇلۇپ، ئۇچۇر يېگانە ئارىلىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئەشيا ئوبوروتى، ھۈنەر - سەنئەت ئېقىمى، ئۇچۇر ئېقىمىنىڭ ئومۇميۈزلۈك توپلىنىشى ۋە ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇلۇشىنى شەكىللەندۈردى.

1 - پەسىلدە، شىنجاڭ كارخانىلىرى دۆلەت ئىچىدىكى ئۈچىنچى تەرەپ ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى ئارقىلىق 4 مىليارد 440 مىليون يۈەنلىك توردا پارچە سېتىش سوممىسىنى ئىشقا ئاشۇردى، بۇ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %4.1 ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئەمەلىي تاۋارلارنىڭ پارچە سېتىلىش سوممىسى 3 مىليارد 800 مىليون يۈەن بولۇپ، %18.9 ئاشتى.

ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يىل شىنجاڭ ياسىمىچىلىق كارخانىلىرى بىلەن ئۇچۇر تېخنىكىسى كارخانىلىرىنىڭ ھەمكارلىقىغا داۋاملىق تۈرتكە بولۇپ، سانائەت ئالاقە تورى، سانائەت يۇمشاق ماتېرىيالى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، رېئاللىقنى كۈچەيتىش/ تەقلىدىي رېئاللىق قاتارلىق يېڭى تېخنىكىلارنىڭ ئەمەلىي قوللىنىلىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ماسلىشىپ تەتقىق قىلىپ ئېچىش، ئادەمسىز ئىشلەپچىقىرىش، يىراق مۇساپىلىك تىجارەت قىلىش، توردا مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق يېڭى ئەندىزە، يېڭى كەسىپ ھالەتلىرىنى كېڭەيتىپ، ياسىمىچىلىقنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تېزلىتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • ئامبار ئاشلىققا تولدى تاماق قاچىسى مۇقىم بولدى
  • ئاپتونوم رايونىمىزدا بايراملىق بازارنىڭ تەمىناتى تولۇق، باھاسى مۇقىم بولدى
  • ماددىي ئەشيالار تولۇق بولدى