تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

زەھەر چەكلەش قەھرىمانى كې جەنجۈن: ياشلىق باھارى، ئىسسىق قېنى ئارقىلىق قورقماس جەسۇرلۇقنى پۈتتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، كۇنمىڭ تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان (مۇخبىر ياۋ بىڭ) ساقچى بولغان توققۇز يىلدا، ئۇ كۆپ ۋاقىتلاردا قوراللىق زەھەر ئەتكەسچىلىكى غالجىرلاشقان زەھەر چەكلەش بىرىنچى سېپىدە كۈرەش قىلغان؛ جىددىي، قىيىن، خەتەرلىك، ئېغىر ۋەزىپىلەرگە دۇچ كەلگەندە، ئۇ ھەمىشە قاتنىشىشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىلتىماس قىلغان؛ ئەڭ قەبىھ جېنىدىن تويغان قارا نىيەتلەر ئالدىدا، ھەر قېتىم ئاتاكىغا ئۆتۈپ ئەڭ ئالدىدا ماڭغان. زەھەر ئەتكەسچىسىنىڭ قورالىدا يىقىلغاندا، كې جەنجۈن ئەمدىلا 30 ياشقا كىرگەنىدى. ئۇ ھاياتى ئارقىلىق ساداقىتىنى شەرھلىدى، ياشلىق باھارى، ئىسسىق قېنى ئارقىلىق خەلق ساقچىلىرىنىڭ جەسۇرلۇقىنى پۈتتى.

كې جەنجۈن يۈننەننىڭ جىڭخۇڭدىن، خانىزۇ مىللىتىدىن، داشۆ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە. 2003 - يىلى 12 - ئايدا جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىگە قاتناشقان، 2006 - يىلى 6 - ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، يۈننەن ئۆلكىسى شىشۇاڭبەننا دەيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ سىياسىي باشقارمىسى، قاماقخانا، لەنساڭجياڭ دەرياسى سۇ ئۈستى جامائەت خەۋپسىزلىكى شۆبە ئىدارىسى، زەھەر چەكلەش تارماق ئەترىتى تەھقىقلەش چوڭ ئەترىتىنىڭ خەلق ساقچىسى، زەھەر چەكلەش تارماق ئەترىتى ئاخبارات تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش چوڭ ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن چوڭ ئەترەت باشلىقى بولغان.

شىشۇاڭبەننا ئوبلاستى دۇنيادىكى زەھەر مەنبەسى بولغان «ئالتۇن ئۈچ بۇرجەك» بىلەن چېگرالىنىدۇ، زەھەرنىڭ چېگرادىن كىرىشىدىكى ئاساسلىق يوللارنىڭ بىرى. زەھەرنىڭ جەمئىيەت ئامانلىقىغا بولغان ئېغىر خەۋپىنى چوڭقۇر بىلىدىغان كې جەنجۈن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، كەسكىنلىك بىلەن يۈننەن جامائەت خەۋپسىزلىكى ئالىي تېخنىكومىنىڭ زەھەر چەكلەش كەسپىگە ئىمتىھان بەرگەن. داشۆدىكى مەزگىلىدە، كې جەنجۈن ھەر قېتىمقى تەتىلدە جىڭخۇڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ زەھەر چەكلەش چوڭ ئەترىتىدە پىراكتىكا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كۆپ قېتىملىق دېلونى رازۋېدكا قىلىپ پاش قىلىشقا قاتناشقان. ئارزۇسىغا يېتىپ خەلق ساقچىسى بولغاندىن كېيىن، ئۇ تېخىمۇ تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق ۋە كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش ئىرادىسى بىلەن خىزمەتكە كىرىشكەن.

2012 - يىلى 2 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، كې جەنجۈن چېگرا سىرتىدا 40 نەچچە كۈن ۋەزىپە ئىجرا قىلىپ جىڭخۇڭغا قايتىپ كېلىپ، ئاپىسىغا ھەمراھ بولۇپ ئالدىراپلا بىر ۋاق ئاددىيلا چۈشلۈك تاماق يېگەندىن كېيىن، ئالدىراشلا ئىدارىسىگە قايتقان. ئۇ زەھەر چەكلەش تارماق ئەترىتىنىڭ بىر قېتىملىق پەۋقۇلئاددە زور قوراللىق زەھەر ئەتكەسچىلىكى دېلوسىنى مەخپىي رازۋېدكا قىلىپ تىزگىنلەپ، تورنى يىغىۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، زەھەر ئەتكەسچىلىرىنى تۇتۇش جېڭىگە قاتنىشىشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىلتىماس قىلغان.

شۇ كۈنى سائەت 18دە، تۇتۇش گۇرۇپپىسى جىڭخۇڭ شەھىرىدىكى بىر ئولتۇراق رايوندىكى بىنانىڭ 6 - قەۋەت كارىدورىدا زەھەر ئەتكەسچىلىرى بىلەن تار يولدا دوقۇرۇشۇپ قالغان، قوراللىق قارا نىيەتلەر ئالدىدا، ئەڭ ئالدىدا ماڭغان كې جەنجۈن قىلچە قورقۇپ قالماي، جان پىدالىق بىلەن ئېتىلىپ بېرىپ، ئۇلار بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىپ، تېزلا بىر زەھەر ئەتكەسچىسىنى بويسۇندۇرغان. بۇ ۋاقىتتا، يەنە بىر قارا نىيەت تۇيۇقسىز ئېتىلىپ چىقىپ ئوق چىقىرىپ، ئۇنىڭ ئوڭ تۆۋەن كۆكرەك قىسمىغا تەگكۈزگەن. يەرگە يىقىلغان كې جەنجۈن يەنىلا ۋاز كەچمەي، ئىككى قولى بىلەن زەھەر ئەتكەسچىسىنىڭ پۇتىنى چىڭ قۇچاقلىۋالغان، ئاخىرى يارىسى بەك ئېغىر بولغانلىقتىن، قان ئىچىگە يىقىلغان. ئىككى زەھەر ئەتكەسچىسى دېرىزىدىن ئۆمىلەپ چۈشۈپ بۆلۈنۈپ قاچماقچى بولغاندا، قوغلاپ تۇتۇۋاتقان خەلق ساقچىلىرى تەرىپىدىن يارىلاندۇرۇلغان بىر قوراللىق زەھەر ئەتكەسچىسى كوچىغا قېچىپ چىقىپ، موتوسىكلىت بۇلىماقچى بولۇپ مەقسىتىگە يېتەلمىگەندىن كېيىن، يەنە بىر پىكاپقا قارىتىپ ئوق چىقارغان، قوغلاپ تۇتۇۋاتقان خەلق ساقچىلىرى كەسكىنلىك بىلەن ئۇنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن.

سائەت 19دىن 55 مىنۇت ئۆتكەندە، پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتۇلدۇرۇش ئۈنۈم بەرمەي، كې جەنجۈن ئۆزىنىڭ ياش ھاياتىنى تەقدىم قىلغان. كې جەنجۈن قۇربان بولغاندىن كېيىن، پۈتۈن ئوبلاستتىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىم ئېغىر ئازابقا بەرداشلىق بېرىپ، بارلىق ساقچىلارنى سەپەرۋەر قىلىپ، قاچقۇن جىنايەتچى ۋە دېلوغا چېتىشلىق كىشىلەرنى تۇتۇشقا دەرھال ئاتلانغان. 2 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، «2.23» پەۋقۇلئاددە زور قوراللىق زەھەر ئەتكەسچىلىكى دېلوسى مۇۋەپپەقىيەتلىك پاش قىلىنغان، نەق مەيداندا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن بىر زەھەر ئەتكەسچىسىدىن باشقا، زەھەر ئەتكەسچىلىك شايكىسىنىڭ باشقا ئون نەچچە ئەزاسىنىڭ ھەممىسى قولغا چۈشكەن. بۇ دېلودا 48 كىلوگىرام زەھەر، ئەتكەس قىلىنغان بىر ھەربىي تاپانچا، 28 پاي ئوق قولغا چۈشۈرۈلگەن.

ساقچى بولغان توققۇز يىلدىن بۇيان، كې جەنجۈن مەسئۇل بولۇپ 33 زەھەر دېلوسىنى بېجىرگەن، زەھەر ئەتكەسچىسى گۇماندارىدىن 64 كىشىنى تۇتقان، 53 كىلوگىرامدىن ئارتۇق زەھەرنى قولغا چۈشۈرگەن، ھەمكارلىشىپ رازۋېدكا قىلىپ بېجىرىشكە قاتناشقان زەھەر دېلوسى 101 قېتىم بولۇپ، زەھەر ئەتكەسچىسى گۇماندارىدىن 245 كىشىنى تۇتقان، 837 كىلوگىرامدىن ئارتۇق زەھەرنى قولغا چۈشۈرگەن، 10 مىليون يۈەندىن ئارتۇق زەھەر مەبلىغىنى قولغا چۈشۈرگەن، تۈرلۈك قورالدىن يەتتىنى قولغا چۈشۈرگەن. خىزمەت نەتىجىسى گەۋدىلىك بولغاچقا، كې جەنجۈن كۆپ قېتىم شەخسلەر بويىچە تەقدىرلەنگەن، 2012 - يىلى 12 - ئايدا، «مەملىكەت بويىچە جامائەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىدىكى 1 - دەرىجىلىك قەھرىمان نەمۇنىچى» دەپ تولۇقلاپ نام بېرىلگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى