تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

«يايلاقتىكى پاۋىل» جىن خەي: مەن تەتقىقات نەتىجىلىرىمنىڭ ھەممىسىنى دۆلەتكە تەقدىم قىلىمەن

پىروفېسسور جىن خەي ئاغرىق تۇرۇپمۇ ئاسپىرانتلارغا داۋاملىق تارىخ دەرسى ئۆتۈشتە چىڭ تۇردى (2008 - يىلى 5 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تارتىلغان). (شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، كۆكخوت تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان (مۇخبىر جۇ ۋېنجې) «مەن ئۆزۈمنىڭ بىلىمى ۋە تەتقىقات نەتىجىلىرىمنى ئىمكانقەدەر دۆلەتكە ۋە مىللەتكە تەقدىم قىلىمەن، ئوقۇغۇچىلارغا قالدۇرىمەن، نەچچە ئەۋلاد كىشىلەر تىرىشىۋاتقان ئىشلارنى ئەۋلادتىن - ئەۋلادقا داۋاملاشتۇرىمەن.» بۇ جىن خەينىڭ ھايات ۋاقتىدا دائىم دەيدىغان بىر جۈملە سۆزى ئىدى.

جىن خەي، موڭغۇل، 1955 - يىلى ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ ئوردوس شەھىرى ۋۇشېن خوشۇنىدا ئادەتتىكى چارۋىچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، 1982 - يىلى ئىچكى موڭغۇل داشۆسىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، مەكتەپتە قېلىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، ئىزچىل تۈردە ئىچكى موڭغۇلنىڭ يېقىنقى، ھازىرقى زامان تارىخى، مەدەنىيىتى، جۇڭگو - ياپونىيە مۇناسىۋىتى تارىخى قاتارلىق تەتقىقات ۋە ئوقۇتۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان، ھايات ۋاقتىدا ئىچكى موڭغۇل داشۆسى موڭغۇلشۇناسلىق تەتقىقات مەركىزىنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى تەتقىقاتچىسى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر تارىخى كەسپىنىڭ دوكتور يېتەكچىسى بولغان.

مۇنبەرگە چىققان شۇ كۈندىن باشلاپ، جىن خەي باشتىن - ئاخىر كۈچلۈك كەسىپچانلىقى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقى بىلەن، پۈتۈن زېھنىنى پەن تەتقىقات ۋە ئوقۇتۇش خىزمىتىگە سەرپ قىلغان.

1999 - يىلى، جىن خەي ئۆزىنىڭ دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئوقۇشىنى باشلىغان، ئۇنىڭ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىمۇ ئۆرلەش مەزگىلىگە قەدەم قويغان. شۇ يىلى ھەم جىن خەيگە يۇقىرىقى جاغ كاۋىكى بېزى راكىغا گىرىپتار بولغان دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان.

ئاغرىپ قالغاندىن كېيىن جىن خەي چوڭ - كىچىك جەمئىي توققۇز قېتىم ئوپېراتسىيە قىلىنغان بولۇپ، كۆپ قېتىملىق ئوپېراتسىيەدە جىن خەينىڭ ئوڭ يۇقىرىقى جاغ سۆڭىكى كېسىۋېتىلگەن، ئوڭ كۆزىنىڭ كۆز ئالمىسى ئېلىۋېتىلگەن، ئۆت خالتىسى ئېلىۋېتىلگەن، پۇراش سېزىمى، تەم سېزىمى پۈتۈنلەي يوقالغان، ئوڭ قۇلىقىنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارىمۇ بىردىنلا ئاجىزلاپ كەتكەن.

خوتۇنى لىن نانىڭ نەزەرىدە، جىن خەي ئىلمىي تەتقىقاتنى ھەرقانداق ئىشتىن مۇھىم بىلىدىغان ئادەم ئىدى. «مېنىڭ ئېسىمدە قېلىشىچە، بىز بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ساياھەتكە چىقىشى ئۈچ قېتىمدىن ئېشىپ باقمىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قېتىملىقى يەنە تېخى ئۆيدىن يىراق بولمىغان باغچە ئىدى.» لىن نا مۇنداق دېدى: «ئەينى يىللىرى مەن ئەتىگەنلىك ناشتىلىقنى قىلىپ بولۇپ خىزمەتكە باراتتىم، جىن خەي ئورنىدىن تۇرۇپ ئەتىگەنلىك ناشتىسىنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئىلمىي تەتقىقاتىنى باشلىۋېتەتتى، ئۇ يېزىق ئۈستىلى ئالدىدا شۇ ئولتۇرغىنىچە بىر كۈن ئولتۇراتتى».

كىشىلەرنىڭ ھەممىسى جىن خەينى تېنى ئالاھىدە ماتېرىيالدىن ياسالغان، «يايلاقتىكى پاۋىل» دەپ تەرىپلىشەتتى. ئاغرىپ داۋالىنىۋاتقان مەزگىلدىمۇ، ئۇ يەنىلا ئوقۇغۇچىلارغا دەرس ئۆتۈشتە ئىزچىل چىڭ تۇرغان، ئۆزىنىڭ دوكتورلۇق ئوقۇشى ۋە ئىلمىي تەتقىقاتىنى ئەزەلدىن توختىتىپ قويمىغان.

جىن خەي ئۆز خىزمىتىنى قىزغىن سۆيەتتى، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئون نەچچە پەن تەتقىقات تۈرىگە قاتنىشىپ، ئالتە پارچە مەخسۇس ئەسەر، 14 پارچە باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ يازغان ئەسەرنى نەشر قىلىپ، 47 پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۈچ پارچە تارىخىي ماتېرىياللار توپلىمى ۋە ئالتە پارچە ئەسەر(تەرجىمە)نى تۈزۈشكە مەسئۇل بولۇپ، مول پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈرگەن. ئاغرىپ قالغاندىن كېيىن، جىن خەي كېسەل ھالىتىدە «ياپونىيەنىڭ ئىچكى موڭغۇلدىكى مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىقى توغرىسىدىكى تەتقىقات» ناملىق دوكتورلۇق ئىلمىي ماقالىسىنى تاماملاپ، دۆلىتىمىزنىڭ ياپونىيەنىڭ جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىش تارىخى تەتقىقاتىدىكى بىر بوشلۇقنى تولدۇرۇپ، مۇتەخەسسىس، ئالىملارنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشكەن. ئۇ دۆلەت ئىجتىمائىي پەن فوندى تۈرى «ياپونىيەنىڭ ئىچكى موڭغۇلغا تاجاۋۇز قىلىش تارىخى» ۋە «ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئومۇمىي تارىخى» قاتارلىق بىر قاتار تەتقىقات تۈرلىرىگە قاتناشقان ۋە رىياسەتچىلىك قىلىپ تاماملىغان.

2008 - يىلى، جىن خەيگە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى تەرىپىدىن «مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى» دەپ نام بېرىلگەن، 2009 - يىلى جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەرىپىدىن «مەملىكەتلىك 1 - ماي ئەمگەك مېدالى» بېرىلگەن، 2010 - يىلى «مەملىكەتلىك ئىلغار خىزمەتچى» دېگەن نامغا ئېرىشكەن، 2011 - يىلى «مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى» دېگەن نامغا ئېرىشكەن.

2011 - يىلى، جىن خەي كېسەل سەۋەبىدىن ئالەمدىن ئۆتكەن. 90 ياشقا يېقىنلىشىپ قالغان ئىچكى موڭغۇل داشۆسىنىڭ داڭلىق موڭغۇل مىللىتى تارىخ ئالىمى، پىروفېسسور خاۋ ۋېيمىن جىن خەينىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئىدى. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، ئۆزىنىڭ ئوقۇغۇچىسى جىن خەينى ئەسكە ئالغىنىدا، پىروفېسسور خاۋ ۋېيمىن قايغۇلۇق ھېسسىياتىنى يوشۇرالمىدى. «جىن خەي مېنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچۇم، ئۇ ئىلمىي تەتقىقات ئىقتىدارىغا تايىنىپ دۇنياغا يۈزلەنگەن ئالىم بولۇش پۇرسىتىگە تامامەن ئىگە ئىدى، لېكىن رەھىمسىز كېسەل ئالۋاستىسى ئۇنى ھاياتىدىن ئايرىدى» دېدى خاۋ ۋېيمىن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى