تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

1- پەسىلدە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاساسلىق ئېنېرگىيە مەھسۇلاتلىرىنىڭ مەھسۇلات مىقدارى سىجىل ئاشتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ما يىنىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 1 - پەسىلدە، ئاپتونوم رايون ئىستاتىستىكا قىلغان 57 خىل ئېنېرگىيە مەھسۇلاتىنىڭ مەھسۇلات مىقدارى ئىچىدە، 32 خىل مەھسۇلاتنىڭ مەھسۇلات مىقدارى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %56.1 ئاشقان. ئاساسلىق ئېنېرگىيە مەھسۇلاتلىرىنىڭ مەھسۇلات مىقدارى سىجىل ئاشقان.

1 - پەسىلدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە تاش كۆمۈرنىڭ مەھسۇلات مىقدارى ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %14.9 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 12.5 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولغان؛ كوكس مەھسۇلات مىقدارى %16.6 ئېشىپ، ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 8.2 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولغان؛ خام نېفىت مەھسۇلات مىقدارى %5.9 ئېشىپ، ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 3.0 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولغان؛ توك تارقىتىش مىقدارى %8.4 ئېشىپ، ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 2.1 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە، ئوت كۈچى بىلەن توك چىقىرىش مىقدارى %8.7 ئاشقان، پاكىز ئېنېرگىيەلىك توك چىقىرىش مىقدارى %6.8 ئاشقان.

توك بىلەن تەمىنلەش يېتەرلىك بولۇپ، سىرتقا يەتكۈزۈلىدىغان توك مىقدارىنىڭ ئېشىشىغا %60كە يېقىن تۆھپە قوشۇلغان. 1 - پەسىلدە، پۈتۈن جەمئىيەتتە توك بىلەن تەمىنلەش ئومۇمىي مىقدارى (پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ توك ئىشلىتىش مىقدارى قوشۇلغان سىرتقا يەتكۈزۈلگەن توك مىقدارى) 94 مىليارد 939 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %10.6 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 3.2 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە، سىرتقا يەتكۈزۈلگەن توك مىقدارى 19 مىليارد 784 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، %37.6 ئېشىپ، توك بىلەن تەمىنلەش ئومۇمىي مىقدارىنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى %59.5كە يەتكەن.

ئېنېرگىيە چوڭ رايونى سۈپىتىدە، يۇقۇم ئالدىدا، ئاپتونوم رايونىمىز نېفىت، نېفىت - خىمىيە، كۆمۈر، ئېلېكتىر قاتارلىق نۇقتىلىق كەسىپلەرنىڭ مۇقىم ئىشلەپچىقىرىشىنى چىڭ تۇتۇپ، شىنجاڭ ئىچى ۋە سىرتىنىڭ ئېنېرگىيە ئېھتىياجىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، بىرلەمچى، ئىككىلەمچى كارخانىلارنى ماس قەدەمدە ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە يېتەكلەپ، پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىدا مەھسۇلات كۆزلىمە نىشانىغا يېتىشكە، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشقا كۈچلۈك، تەرتىپلىك تۈرتكە بولدى.

ئاپتونوم رايونىمىز نۇقتىلىق ھالدا نېفىت، نېفىت - خىمىيە قاتارلىق تۈۋرۈك كەسىپلەرنىڭ مۇقىم ئىشلەپچىقىرىشىنى ياخشى تۇتتى. نېفىت، گاز مەھسۇلاتلىرى بازىرىدا باھانىڭ چۈشۈشى، تىجارەت بېسىمىنىڭ زورىيىشى قاتارلىق قىيىن مەسىلىلەرگە قارىتا، جۇڭگو نېفىتى، جۇڭگو نېفىت - خىمىيە سانائىتى بىلەن ماسلىشىپ شىنجاڭ تەييار نېفىتىنىڭ تۇرۇبا لىنىيەسىدە سىرتقا يەتكۈزۈلۈش مىقدارىنى ئەڭ زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈردى، كەسىپ زەنجىرىنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىنىڭ تەييار نېفىتنى ئىشلىتىشىنى ئاشۇردى، شىنجاڭدىكى نېفىت، نېفىت - خىمىيە سانائىتى ئىككىلەمچى كارخانىلىرىنىڭ تەرتىپلىك ھالدا ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇشنى تېزلەتتى، نېفىت - خىمىيە سانائىتى كارخانىلىرىنىڭ ئايلىنىش يۈكىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈشىنى ئالغا سىلجىتتى. يۇقۇم مەزگىلىدە، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئالتە چوڭ نېفىتلىك ۋە تۆت چوڭ نېفىت ئايرىش زاۋۇتى نورمال ئىشلەپچىقىرىشنى ساقلىدى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونىمىز كۆمۈر، ئېلېكتىر ساھەسنىڭ تەكشى، مۇقىم ئىشلەپچىقىرىشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى تۇتتى. كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنىڭ مۇكەممەل، ئىنچىكە بولغان ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى يۆتكەش لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، كۆمۈركانلاردىكى پارتلىتىش ۋە ئاجرىتىش تېخنىك خادىملىرىنىڭ شىنجاڭغا قايتىشىنى، ئىش ئورنىغا قايتىشىنى تۈركۈملەرگە ئايرىپ تەرتىپلىك ھالدا تەشكىللىدى. كۆمۈرچىلىك يانداش مۇلازىمەت خاراكتېرىدىكى كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى ياخشى تۇتۇپ، نۇقتىلىق كۆمۈر كانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشتىكى «توسۇق نۇقتا»لىرىنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىپ، كۆمۈر، ئېلېكتىر كارخانىلىرىنىڭ تەكشى، مۇقىم ئايلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى